"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ "جاڭ زېمىننىڭ شەھۋانىي تۇرمۇشى ھەققىدە " دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىننىڭ ئاشنىلىرى ئىچىدە ھازىر مەرتىۋىسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى چېن جىلى خانىم. دېڭ شاۋپىڭ 1997 - يىلى ئۆلۈپ، جاڭ زېمىن پۈتۈن ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىنلا، ئۇ چېن جىلى خانىمنى شاڭخەيدىن بېيجىڭگە يۆتكەپ كېلىپ، دۆلەتنىڭ مائارىپ مىنىستىرى قىلىپ بەلگىلىگەن. چېن جىلى خانىم ئۆمرىدە مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان. ئەمما ئۇ شاڭخەيدە "ئىقتىساد يېتەكچىسى گېزىتى" نى باستۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئىدى.
دۆلەتنىڭ مائارىپىنى بۇزغان جاڭ زېمىننىڭ مائارىپ مىنىستىرى
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىننىڭ ئاشنىسى چېن جىلى 1998 - يىلى دۆلەتنىڭ مائارىپ مىنىستىرى بولغاندىن كېيىن، 80 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپتىن 1200 دىن ئارتۇق پروفېسسور بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ خەت يېزىپ، چېن جىلىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە مائارىپ ئىسلاھاتىنى توختىتىپ قويۇپ، چىرىكلىشىشنى يولغا قوبۇشنى بېيجىڭ، چىنخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن باشلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما جاڭ زېمىن چېن جىلىنىڭ "مائارىپ مىنىستىرى" دېگەن ئەمەلىنى ئېلىپ تاشلاپ، گەرچە ئەينى ۋاقىتتا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا 32 ئۆمەكنىڭ 27 سى قارشى ئاۋاز قويغان بولسىمۇ، ئۇنى دۆلەتنىڭ ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ مائارىپىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت كومىسسارى قىلىپ ئۆستۈرگەن.
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، چېن جىلى خانىم مائارىپ ساھەسى ئۈچۈن "يىراقنى كۆزلەيدىغان ئىقتىسادىي نەزەر بولۇش كېرەك" دېگەن پرىنسىپنى بەلگىلەش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ مائارىپ ساھەسىنى ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇزۇشقا باشلىغان.
ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تىجارىتى
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىننىڭ يېقىن خانىمى چېن جىلى مائارىپ ساھەسىنى ئىدارە قىلىۋاتقاندىن بۇيانقى 7 يىل ئىچىدە، ئۇ "يىراقنى كۆزلەيدىغان ئىقتىسادىي نەزەر بولۇش كېرەك" دېگەن پرىنسىپنى بەلگىلىگەندىن كېيىن، دۆلەتتە مائارىپ ئەخلاقى بۇزۇلغان.
مەكتەپلەرنى سودا-تىجارەت قىلىدىغان بازارغا ئايلاندۇرۇش، خەلقتىن مائارىپ سېلىقى ئېلىش، يالغاندىن ئوقۇش پۈتتۈرش گۇۋاھنامىسى تارقىتىش، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى سېتىش قاتارلىق خاھىشلار ئەدەپ كەتكەن. باھا تەكشۈرۈش بويىچە ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا، بۇلتۇر بىر يىلدا قانۇنسىز يىغىۋېلىنغان مائارىپ راسخۇتى 2 مىليارد 1 يۈز مىليون يۇئەندىن ئاشقان. قانۇنسىز يىغىۋېلىنغان مائارىپ راسخوتى مەسىلىسى بويىچە، ئۆتكەن 3 يىل ئىچىدە خەلق تەرىپىدىن يۇقۇرىغا سۇنۇلغان ئەرزلەر ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگەللىگەن.
مائارىپنى توۋارغا ئايلاندۇرۇۋېلىپ، خەلق پەرزەنتلىرىنى ئوقۇش پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن بەلگىلەپ قويغان دۆلەتنىڭ ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ مائارىپنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت كومىسسارى چېن جىلى خانىم بېكىتكەن پرىنسىپ بويىچە، جايلاردا مائارىپ توۋارغا ئايلاندۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەتنىڭ 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى بىر "قۇرۇق گەپ" كە ئايلانغان.
مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئوقۇتۇش خىراجىتى ئېلىش نىسبىتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ پۇل تېپىشقا كىرىشكەنلىكتىن، دېھقانلار پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتالمايدىغان ئەھۋال يۈز بەرگەن. چېن جىلى خانىم دۆلەتنىڭ مائارىپ مەبلىغىنى ئازايتىپ، بەلكى ئۇنى ساياھەت قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىشكە، پروفېسسورلارنى پۇل تېپىپ باي بولىدىغان تەتقىقات تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكتىن، مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسى تۆۋەنلەپ كەتكەنلا ئەمەس، بەلكى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىش تېپىشى قىيىنلاشقان. شۇ سەۋەبتىن ئوبزورچىلار ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە "ئەگەر چېن جىلىدەك خانىملار يوقىتىلمىسا، خەلقنىڭ نەپرىتىنى باسقىلى بولمايدۇ" دەپ پىكىر بايان قىلغان.
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە يەنە، جاڭ زېمىن ئۆزىنىڭ يېقىن خانىمى چېن جىلىنى ھەربى كومىتېتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىغا كىرگۈزۈپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە مائارىپ سېستىمىسىنى كونترول قىلىۋالغانلىقىغا قارىتا مەركىزىي كومىتېت سىياسى بيۇروسىدىمۇ قارشىلىق ناھايىتى كۈچلۈك. ھەربىي كومىتېتتتىكى بەزى گېنېراللار ھەتتا چېن جىلىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا "چېن جالاپ" دەپ ئاتاۋىرىدۇ. (داۋامى بار) (ۋەلى)