جاڭ زېمىننىڭ ئەسلىي قىياپىتى(18)

"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" ناملىق چاتما ئوبزورنىڭ "جاڭ زېمىننىڭ شەھۋانىي تۇرمۇشى ھەققىدە " دېگەن قىسمىدا، جاڭ زېمىن بىلەن خۇپىيانە مۇناسىۋەت قىلىدىغان خانىملارنىڭ ئىچىدە خۇاڭ لىمەن ئىسىملىك يەنە بىر خانىمنىڭ ئەمەلىنى، جاڭ زېمىن قانداق ئۆستۈرگەنلىكى، ئۇنى قانداق باي قىلغانلىقى، ئېرىدىن قانداق ئايرىۋەتكەنلىكى ۋە مەركەزدىكى ئورگانلاردا ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقلار ھەققىدىمۇ تەپسىلى بايانلار بار.

خۇاڭ لىمەن خانىم نېمىگە تايىنىپ ئەمەل تۇتۇپ باي بولغان؟

ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خاربىن سانائەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقاندىلا مۇئەللىملەرنىڭ ئاياللىرى ئەرز قىلىپ جازالاتقان خۇاڭ لىمەن خانىم 80 - يىللاردا، يەنە ئۆزىنىڭ شۇنداق پەۋقۇلئاددە "ھۈنىرى" نى جارى قىلدۇرۇپ ئېلېكترونلۇق سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ كاتىبات ئىشخانىسىدىن خىزمەت تاپقان. جاڭ زېمىن ئۇنىڭ ئېرىنى شېنجېندىكى بىر شىركەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا سالغان.

ئەھۋالنى ئېنىق بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مەركىزىي كومىتېت ئورگانلىرىدا، ھەر كۈنى چۈشتە خىزمەتچىلەر ئۇخلاپ دەم ئالىدىغان ئادەت بار. مىنىستىر جاڭ زېمىننىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىدىكى قۇلۇپنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئېچىلىپ تۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى كىشىلەر ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇنداق ۋاقىتلاردا، خۇاڭ لىمەن كارىدوردا قالدۇرۇپ كەتكەن فرانسىيە ئەتىرىنىڭ پۇرىقى ئۇزۇنغىچە يوقۇمايتتى. بىر كۈنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ مەخپىي بۆلۈم كاتىبى دەرھال جاڭ زېمىننىڭ ئۆز قولىغا يەتكۈزۈشى كېرەك بولغان بىر مەخپىي ھۆججەتنى ئەكىلىپ، تا خۇاڭ لىمەن كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ چىقىپ كەتكىچە ئىشىك ئالدىدا بىر سائەتتىن ئارتۇق ساقلاپ تۇرغان. جاڭ زېمىن شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم شۇجىلىقىغا بەلگىلىنىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇ خۇاڭ خانىمنى ئېلېكترونلۇق سانائەت مىنىستىرلىقى كاتىبات نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرلىقىغا ئۆستۈرگەن.

جاڭ زېمىن كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسلىقىغا بەلگىلىنىپ بېيجىڭگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇاڭ خانىمنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبەرلەرلا ئىشلىتەلەيدىغان "قىزىل لىنىيە تېلېفونى" ئىشلىتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ چىقىمىنى قايسى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۆلەش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ ھېكايە تارقالغاندىن كېيىن، جاڭ زېمىن ئۇنى شېنجېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپلىقىغا بەلگىلەپ يۆتكىۋەتكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە خۇاڭ خانىمنى گۇئاڭدوڭ ئۆلكىلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا ئۆستۈرگەن. دۆلەت مۇپەتتىش مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، ھەر ئايدا خۇاڭ لىمەننىڭ شەخسىي غەزىنىسىگە خالىس زىياپەت بېرىش، مېھمانخانا ئىجارە ئېلىش، سوۋغات بېرىش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ، دەپ دۆلەتتىن قوشۇپ بېرىلىدىغان پاراۋانلىق ياردەم پۇلىدىن 300 مىڭ يۇئەن كىرىپ تۇرغان. ئۇنىڭ يەنە 4 يىل ئىچىدە شېنجېن، گۇئاڭجۇ، شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە سېتىۋالغان بىردىن ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى بار، ئومۇمى قىممىتى 15 مىليون يۇئەنگە يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خۇاڭ لىمەننىڭ شېنجېن قولتۇقىدىكى ياۋروپاچە سېلىنغان داچىسى تېخىمۇ ئالاھىدە. جاڭ زېمىن تەختتىن چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، خۇاڭ خانىممۇ گۇئاڭدوڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ئۇ ھازىر گۇئاڭدوڭ ئۆلكىلىك خەلق قورۇلتىيىنىڭ مۇدىرى.

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ خىيانەتچى - جاڭ ميەنخېڭ

"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" سەرلەۋھىلىك چاتما ئوبزورنىڭ "جاڭ زېمىننىڭ شەھۋانىي تۇرمۇشى ھەققىدە " دېگەن قىسمىدا جاڭ زېمىننىڭ ئوغلى جاڭ ميەنخېڭ ھەققىدىمۇ تەپسىلى بايانلار بار. ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن خىتايدا تەختكە چىقىپ، قولىدىكى ھوقۇقلار مۇستەھكەملىنىشكە باشلىغان ھامان، چوڭ ئوغلى جاڭ ميەنخېڭنى دەرھال ئامېرىكىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە مۇئاۋىن باشلىق قىلىپ بەلگىلىگەن. جاڭ ميەنخېڭ شۇنىڭدىن كېيىنلا "تورلار راۋان" ناملىق بىر شىركەت قورۇپ، خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر بازىرىنى ئىگىلەشكە باشلىغان. جاڭ زېمىن بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سالغۇزغان بولسىمۇ، ئەمما جاڭ ميەنخېڭ يا تېخنىكىنى يا ئىگىلىك باشقۇرۇشنى بىلمىگەچكە، بۇ شىركەتنىڭ ھېساباتىدا يۈز مىليونلاپ قىزىل رەقەم چىقىپ، ئۇنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈشكە باشلىغاندا، جاڭ زېمىن ئۆزى مەيدانغا چىقىپ، بۇ شىركەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇنى ئىككىگە پارچىلىغان. شىركەتنىڭ شىمال تەرەپتىكى 10 ئۆلكىگە يېيىلغان قىسمىغا دۆلەتنىڭ ئۇچۇر سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ چۈنجاڭنى باش مەبلەغ سالغۇچى قىلىپ بەلگىلىگەن. جەنۇب تەرەپتىكى ئۆلكىلەرگە يېيىلغان قىسمىغا جۇ دېچاڭنى باش مەبلەغ سالغۇچى قىلىپ بەلگىلىگەن. كېيىن يەنە جەنۇپ تەرەپتىكى بۇ شىركەتنى ئىككىگە پارچىلىغان. ئۇنىڭ باش مەبلەغ سالغۇچى دېگەن ئەمەلدارلىرىنى خۇددى ماۋ زېدوڭ ھەربىي رايونلارنىڭ قوماندانلىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرغاندەك، پات - پات ئالماشتۇرۇپ تۇرغان.

ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، 2003 - يىلى شاڭخەيدىكى ئەڭ چوڭ باي دەپ ئاتىلىدىغان جۇ جېڭيىنىڭ باج ئوغرىلاش، پاي بازىرىنى كونترول قىلىۋېلىش دېلوسى، ليۇ جىنباۋنىڭ "خوڭلى" شىركىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن خىتاي بانكىسىدىن رەسمىيەتكە خىلاپ ھالدا بىرنەچچە مىليارد يۇئەن قەرز ئېلىۋالغان ئالدامچىلىق دېلوسى دېگەندك بىر نەچچە چوڭ دېلو پاش قىلىنغان بولۇپ، بۇ دېلولارنىڭ ھەممىسى "دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق دېلولىرى" دەپ ئاتالغان ئىدى. تەكشۈرۈش جەريانىدا، بۇ دېلولارنىڭ ھەممىسى بىۋاستە جاڭ ميەنخېڭغا بېرىپ تاقالغانلىقى ئۈچۈن دەرھال باستۇرۇپ قويۇلغان.

ئوبزوردا يەنە "جاڭ زېمىننىڭ ئىككىنجى ئوغلى جاڭ ميەنكاڭنى فالۇنگوڭنى باستۇرىدىغان 610 - نومۇرلۇق ئىشخانىدا ئىشلەيدىغانقىلىقى، "جاڭ زېمىننىڭ تۇغقىنى" ياكى "يېقىنى" دەپ ئاتالغانلىكى كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەل تۇتقانلىقى ياكى توساتتىن باي بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ پاكىتلىرى، ھەققىدە تەپسىلىي بايانلار بار.

ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 16 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا، جاڭ ميەنخېڭ ئۇچۇر سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ 502 - نومۇرلۇق تەتقىقات ئورنىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ تىز سۈرئەتلىك ئىنتېرنېتلەر ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە، "گۇگۇل" توربېتىدە "جاڭ زېمىننىڭ جىنايىتى" دېگەن خەتنى باسقان ھامان، جاڭ زېمىننىڭ جىنايى پاكىتلىرى تەپسىلى خاتىرىلەنگەن 10 پارچە ھۆججەت دەرھال كۆرۈنگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، جاڭ ميەنخېڭ ئەپەندى ئىنتېرنېت ساقچىسى تەشكىللەپ، ئۆزىنىڭ "تورلار راۋان" دېگەن شىركىتى ئارقىلىق خىتايدىكى ھەممە تورنى قاتتىق كونترول قىلىشقا كىرىشكەن. (داۋامى بار)