" ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان " جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" ناملىق چاتما ئوبزورنىڭ " پارس قولتۇقىدا يۈز بەرگەن ‘قۇملۇق بورىنىئ ناملىق ھەربىي ھەرىكەتتىن چۈچۈپ كەتكەن قېرى باندىتلار" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن خىتايدا يۈز بەرگەن 1989 - يىلىدىكى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، بىر يىل ئۆتمەيلا پارس قولتۇقىدا ئۇرۇش پارتلىدى.
" قۇملۇق بورىنى" دىن چۇچۇپ كەتكەن قېرى باندىتلار
1990 - يىلى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئىراق قوشۇنلىرى كۇۋەيتكە تاجاۋۇز قىلدى. كۇۋەيتنىڭ پۈتۈن دۆلەت تېررىتورىيىسى بىر كۈن ئىچىدىلا مۇنقەرز بولدى. پۈتۈن دۇنيادا سادام ھاكىمىيىتىگە قارىتا جىددىي ئىنكاس قوزغالدى. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ب د ت نىڭ قارارىغا ئاساسەن بۇ ئۇرۇشقا مۇداخىلە قىلدى. 1991 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سەھەردە، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى ئاساس قىلغان ب د ت قوشۇنى ئىراققا قارىتا " قۇملۇق بورىنى" ناملىق ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى. سادام قوشۇنلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتكىدەك ئىقتىدارى يوقلۇقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ئىراق ب د ت نىڭ پۈتۈن قارارلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سائەت 0 دە، ب د ت قوشۇنلىرى ھەربىي ھەرىكىتىنى توختاتتى ۋە پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن ئىبارەت بۇنداق بىر قېتىملىق چوڭ ئۇرۇش 42 كۈن ۋاقىت ئىچىدە ئازغىنە چىقىم بىلەن ئاياقلاشتى.
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، پارس قولتۇقى ئۇرۇشى باشلانغان ۋاقىتتىكى خىتاي گېزىتلىرىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئىراققا يان بېسىپ، سادامغا ئەقىل ئۆگىتىدىغان " خەلق ئۇرۇشى" ، " پارتىزانلىق ئۇرۇشى" دېگەندەك كونا ئۇرۇش تاكتىكىلىرى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلار يامراپ كەتكەن ئىدى. " ئامېرىكا بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خۇددى ۋېيتنام ئۇرۇشىدىكىدەك پاتقاققا پېتىپ قالىدۇ" ، " مەغلۇپ بولىدۇ" دەپمۇ ھۆكۈم قىلىشتى. ئەمما ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ب د ت قوشۇنى ئۇرۇشتا قوللانغان ئىلغار تېخنىكا پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ھەيران قالدۇرغاندا خىتاي قاتتىق چۆچۈپ كەتتى.
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ب د ت قوشۇنى ئەينى ۋاقىتتا، ئالەم بوشلىقىدىكى ئۇچۇر-ئالاقە سۈنئى ھەمراھلىرى، شەخسىيلەرنىڭ ئالەم بوشلىقىنى كۆزىتىدىغان سۈنئى ھەمرالىرى، ئۇچۇرلارنى يورۇقلۇق دولقۇنلىرى ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىدىغان سپېكترلىق قوراللارنى ئىشقا سېلىپ، ئىراقنىڭ ھەربىي ئۇچۇر تورلىرىنىڭ سىرىنى ئاچقانلىقى، ئىراقنىڭ پۈتۈن ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى لازىر نۇرى تېخنىكىسى ئارقىلىق يۇقىرى ھاۋا بوشلىقىدىن تەپسىلىي رەسىمگە ئالغانلىقى، ئىراقنىڭ ئاشكارا بولماي قالغان ھېچقانداق ھەربىي سىرى قالمىغانلىقى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن ھەممە نىشانلارغا بىرلا ۋاقىتتا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقى، ھۇجۇم باشلاشتىن 6 سائەت بۇرۇن، ئىراقنىڭ پۈتۈن ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ھاۋا بوشلىقىدىن ئېلېكترونلۇق كاشىلا قىلىش ئۇسۇلى بىلەن پالەچ قىلىپ قويغانلىقى، ھۇجۇم باشلانغاندا، ئىراقنىڭ يەر يۈزىدىن ھاۋا بوشلىقىدىكى نىشانلارغا قارىتىپ ئېتىلىدىغان سام - 6 ناملىق باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرى نىشاننى تاپالماي ھاۋا بوشلىقىدا ئېزىپ يۈرگەنلىكى، سادامنىڭ قوشۇنلىرى ھۇجۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىش جەريانىدا، بىردىنلا پاڭ ياكى قارىغۇلارغا ئوخشاش ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقى قاتارلىق تېخنىكىلىق نەتىجىلەر دېڭ شاۋپىڭنى خىتاينىڭ كەلگۈسىدە قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى لازىملىقىنى قايتىدىن پىلانلاشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى.
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 1989 - يىلى خەلقنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا خىتايغا قارىتا ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، بۇ ۋاقىتتا سادام ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىن دوستى بولغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىراقنى ئۇچۇق - ئاشكارا قوللىيالماي، پەقەت ئىراق بىلەن كۇۋەيت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ھەممە ھەرىكىتىنى مەخپىي تۇتۇشقا باشلىغان، شۇنداقلا " قۇملۇق بورىنى" ناملىق ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ھەربىي قىسىملارنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىي قوراللار بىلەن قوراللاندۇش شۇئارى ئوتتۇرىغا چىققان، بۇ چاغدا، مىلتىقنى تۇتسا قولى تىتىرەيدىغان جاڭ زېمىننىڭ تېخىمۇ بېشى قاتقان ئىدى.
جاڭ زېمىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال سېتىۋېلىپ خىتاي ئارمىيىسىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش پىلانى
" ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان " جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" ناملىق چاتما ئوبزورنىڭ " پارس قولتۇقىدا يۈز بەرگەن ‘قۇملۇق بورىنىئ ناملىق ھەربىي ھەرىكەتتىن چۇچۇپ كەتكەن قېرى باندىتلار" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ب د ت قۇشۇنى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سەھەردە ئىراققا قارىتا قوزغىغان " قۇملۇق بورىنى" ناملىق ھەربىي ھەرىكىتى داۋاملىشىپ بىر ھەپتە بولغاندا، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 1991 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ باش شۇجىسى جاڭ زېمىن 5 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىدۇ. جاڭ زېمىننىڭ بۇ زىيارىتى ماۋ زېدوڭ " ئۆكتەبىر ئىنقىلابىي" غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 1957 - يىلى موسكۋاغا بارغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي رەھبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ جاكارلىدى. جاڭ زىمىن بۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال سېتىۋېلىپ خىتاي ئارمىيىسىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئويلىغان ئىدى. (داۋامى بار) (ۋەلى)
