"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" ناملىق چاتما ئوبزورنىڭ " پارس قولتۇقىدا يۈز بەرگەن 'قۇملۇق بورىنى' ناملىق ھەربىي ھەرىكەتتىن چۆچۈپ كەتكەن قېرى باندىتلار" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال سېتىۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق خىتاي ئارمىيىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا كىرىشكەن ۋاقىت، دەل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى كۈندىن - كۈنگە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىست پارتىيىسى بەزى جۇمھۇرىيەتلەرنى باستۇرغانلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئىچكى زىددىيەتلەرگە، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە بولسا كۈندىن - كۈنگە ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا ئىچكى قىسىمدا يەنە، ئىسلاھاتچىلار بىلەن كوممۇنىست مۇستەبىتلىرى ئوتتۇرىسىدا جىددىي رىقابەت داۋاملىشىۋاتقان ۋاقىت ئىدى.
جاڭ زېمىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال سېتىۋېلىپ خىتاينى كۈچلەندۈرۈش پىلانى
جاڭ زېمىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىلىدىغان زىيارىتى باشلانغاندا، ئۇ ئىسلاھاتچى يېلىتسيىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىپ، بەلكى مەقسەتلىك ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى قايتىدىن سوتسىيالىزىم يولىغا قايتۇرۇپ كېلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان مۇئاۋىن باش مىنىستىر يانايېۋ بىلەن خالىس سۆھبەتتە بولغان. شۇ سۆھبەتتىن كېيىن 3 ئاي ئۆتكەندە، باش ئىسلاھاتچى گورباچېۋ ئەپەندىنىڭ توساتتىن نەزەربەنتكە ئېلىنىشىدا يانايېۋنىڭ قانداق رول ئوينىغانلىقى كىشىلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك.
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلغاندا، جاڭ زېمىن ئۆزىنىڭ بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرغان ۋاقتىدىكى كونا ئەجنەبى ئاشنىسى سۆھبەتلەرنىڭ ھەممىسىدە، بىللە بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ھەممە ئەيىپلىدى ئاللىقاچان ك ك ب نىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەلەپلىرىگە ماقۇل بولماي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان. شۇڭلاشقا، جاڭ زېمىن ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال سېتىۋېلىپ، خىتاينى كۈچلەندۈرۈش پىلانى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا خوشامەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان. چېگرا مەسىلىلىرىدىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنىڭ ھەممىسىگە ماقۇل بولغان.
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي قوراللارنى سېتىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ۋاقتى ئۆتكەن، تىجارەت تىلى بىلەن ئېيتقاندا ئىسكىلاتنى تازىلاش ئۈچۈن ساتىدىغان مەھسۇلاتلارنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالغان. ھەربىي كومىتېت رەئىسى جاڭ زېمىن ئۆزى قارار قىلىپ سېتىۋالغان "سۇخۇئاي 27"، "سۇخۇئاي - 30 " بەلگىلىك ھەربىي ئايروپىلانلاردا، كېيىن كەينى - كەينىدىن ھادىسە چىققانلىقى؛ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1975 - يىلى ئىشلىتىشكە باشلاپ، 1994 - يىلى ئىشتىن قالدۇرغان " كىيف" بەلگىلىك ئاۋىئاماتكىسىنى 70 مىليون يۇئەنگە سېتىۋېلىپ، ناھايىتى تەسلىكتە خىتاي پورتىغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئاۋىئاماتكىنىڭ مۇھىم ئۈسكۈنىلىرى ئاللىقاچان سۆكۈپ قېلىنغانلىقى بايقالغان ئەھۋاللار كىشىلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك.
سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندا، جاڭ زېمىن...
"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" ناملىق چاتما ئوبزورنىڭ " پارس قولتۇقىدا يۈز بەرگەن 'قۇملۇق بورىنى' ناملىق ھەربىي ھەرىكەتتىن چۆچۈپ كەتكەن قېرى باندىتلار" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، 1991 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دۇنيادا ناھايىتى "كۈچلۈك" تەشۋىق قىلىنغان سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان "ئامېرىكا جاھانگىرلىكى ۋە بارلىق ئەكسىيەتچىلەر قەغەز يولۋاس" دەپ كېلىۋاتاتتى، ئەمدى بۇ ۋاقىتتا، كوممۇنىست پارتىيە ۋە ئۇنىڭ كوممۇنىزمى ئۆزى قەغەز يولۋاس ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىت تۈزۈم گۇمران بولغان ھامان، خۇددى خەلق تەمسىللىرىدە "چوڭ دەرەخ يىقىلسىلا، ئۇنىڭ سايىسىدا جان باقىدىغان مايمۇنلار بىرىمۇ قالماي قاچىدۇ" دەپ ئېيتىلغاندەك، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھىمايىسىدە جان باقىدىغان باشقا غالچا مۇستەبىتلەر دەرھال كەينىگە چىكىندى. بېرلىن تېمى يىقىلدى. پولشادا ئىشچىلار ئويۇشمىسى غەلىبە قىلدى. چېخ -سلوۋاكىيىدە مەخمەل ئىنقىلابىي پارتلىدى. ۋىنگىرىيىدە دېموكراتىك ئىسلاھات يولغا قويۇلدى. رومانىيىدە مۇستەبىت چىئوسېسكو ئاغدۇرۇلۇپ، نەق مەيداندا مىلتىق بىلەن ئېتىپ تاشلاندى. بۇلغارىيىدە مەملىكەت بويىچە تۇنچى قېتىملىق ئومۇم سايلام ئۆتكۈزۈلدى... كوممۇنىزم دۇنياسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە چەك - چېكىدىن يىمىرىلىپ، بىت- چىت بولدى!
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، دۇنيادا يۈز بەرگەن بۇنداق چوڭ ئۆزگۈرۈشلەرنى كىشىلەر "پولشادا كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ھاكىمىيەت 10 يىلدا ئاغدۇرۇلۇپ بولغان ئىدى، ئەمدى ۋىنگرىيىدە 10 ئايدا ئاغدۇرۇلدى، شەرقىي گېرمانىيىدە 10 ھەپتىدە ئاغدۇرۇلدى، چېختا 10 كۈندە ئاغدۇرۇلدى، رومانىيىدە 10 سائەتتە ئاغدۇرۇلدى" دەپ تەسۋىرلىدى.
"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" ناملىق چاتما ئوبزورنىڭ " پارس قولتۇقىدا يۈز بەرگەن 'قۇملۇق بورىنى' ناملىق ھەربىي ھەرىكەتتىن چۆچۈپ كەتكەن قېرى باندىتلار" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھەردائىم "سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۈگۈنى بىزنىڭ ئەتىمىز" دەيتتى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە "ئەتە" دېگەن شۇ كۈن كېلىۋاتقاندا، دۇنيا خەرىتىسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرۈپ بېشى قاتقان جاڭ زېمىن ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلى جاڭ ميەنخېڭغا "مەكتەپنى ئالدىرىماي ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە يەنە شۇ ئامېرىكىدا قىلغۇدەك بىرەر ئىش تېپىپ، بىر نەچچە يىل لاغايلاپ يۈرگىن " دەپ گەپ يوللىغان. (داۋامى بار) (ۋەلى)
