" ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان " جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" ناملىق چاتما ئوبزورنىڭ " پارس قولتۇقىدا يۈز بەرگەن 'قۇملۇق بورىنى' ناملىق ھەربىي ھەرىكەتتىن چۆچۈپ كەتكەن قېرى باندىتلار" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زىمىن 1989 - يىلى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى باستۇرۇش بەدىلىگە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، بىر نەچچە يىلغىچە، خەلق ئىچىدە نارازىلىق داۋاملىشىۋاتقان، خىتاي خەلقئارادا ئىقتىسادىي ئىمبارگوغا ئۇچراپ دىپلوماتىيە قىيىنلاشقان، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى پارس قولتۇقىدا يۈز بەرگەن " قۇملۇق بورىنى" دىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ئىدى.
جاڭ زېمىن ھوقۇق تۇتۇپلا دېڭ شاۋپىڭنى سەل چاغلىغان
بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، جاڭ زېمىن ئۆزىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئورنى تېخى مۇقىم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغاچقا، ئۇ دېڭ شاۋپىڭنىڭ نامىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي، لى پېڭغا خوشامەت قىلىپ تۇردى. لى پېڭ پىلانلىغان ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى، ئېلېكتىر قۇۋىتى، كۆچمەن كۆچۈرۈش، ئېكولوگىيە، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان " سەنشا قورۇلۇشى" دەپ ئاتالغان چوڭ سىياسىي قۇرۇلۇشنى قوللىدى. " سەنشا" قۇرۇلۇشىنىڭ لايىھىسى ئالىملارنىڭ ئەمەس، بەلكى سەنئەت چولپانلىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى دېگەندەك كىشىلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ بېكىتىلگەن لايىھە ئىدى. شۇڭلاشقا كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى " جاڭ زېمىن - لى پېڭ سىستېمىسى" دەپ ئاتايتتى.
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن 1989 - يىلى 11 - ئايدا ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىنلا، ئازادلىق ئارمىيىنى مەدىھىيېلەيدىغان " ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش" ، " دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى" دېگەندەك بىر قاتار فلىملەرنى تەييارلاشنى پىلانلىغان.
لى فامىلىلىك رېجىسسور جاڭ كەيشىنى ئاخماق ھەم ياۋۇز قىلىپ كۆرسىتىدىغان بەزى كۆرۈنۈشلەرنى كونا ھۆججەتلىك فلىملەرنى كېسىۋېلىپ، تېخنىكىلىق بىرتەرەپ قىلىش ئارقىلىق ياساپ چىققاندا، جاڭ زېمىن " راس بىلەن يالغان ئارىلاشتۇرۇلغان بۇ شەكىل ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ" دەپ ماختىغان.
جاڭ زېمىن شۇ يىللاردا ئۆزىنىڭ قانات - قۇيرۇقى يېتىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك، شۇڭلاشقا ئۇ بىردىنلا دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى رەت قىلىپ " خۇسۇسىي كارخانىلار ۋە يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئىگىلىكىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش" ، " مۇقىمسىز ئامىللارنى بىخىدىلا يوقىتىش" دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان. دېڭ شاۋپىڭ بۇنىڭغا نارازى بولۇپ، 1990 - يىلى شاڭخەيدىن ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى چۈشىنىدىغان جۇ روڭجىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇنى دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى قىلىشقا تەييارلىق كۆرگەن. 1991 - يىلىدىن باشلاپ، دېڭ شاۋپىڭنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، شاڭخەيدىكى گېزىتلاردا ئىسلاھات يولىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەكىتلەيدىغان " ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتا يېڭى تەپەككۇر بولۇش" ،" ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن لاياقەتلىك كادىر كېرەك" دېگەندەك ماقالىلار ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. سىياسىي بيۇرونىڭ يىغىنىدا چاۋ شى، تيەن جىيۈنلەرنىڭ ئىسلاھات توغرىسىدا پىكىر قويغانلىقىنى ئاڭلىغان دېڭ شاۋپىڭ ئۇلارنى تەقدىرلەپ " مەن ئىسلاھاتنى تىلغا ئالدىغان بۇنداق ياخشى پىكىرنى ئاڭلىمىغىلى خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالغان ئىدى" دېگەن.
شۇنىڭدىن كېيىن، دېڭ شاۋپىڭ جەنۇبتىكى ئۆلكىلەرنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە " كىم ئىسلاھاتنى يولغا قويمىسا، تەختتىن چۈشۈرىلىدۇ" دەپ جاكارلىغان. دېڭ شاۋپىڭ يەنە ياڭ شاڭكۈن، ۋەنلى، چاۋ شىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، خۇ چىلى، يەن مىڭفۇ قاتارلىق كىشىلەرنى قايتىدىن ئىشقا قويۇشنى، ئەگەر جاۋ زىياڭ خاتالىقنى تونىسا، ئۇنى سىياسىي كېڭەشكە قويۇشنى تەكىتلىگەن، گەرچە جاۋ زىياڭ " خىزمىتىمدە خاتالىق بولغان دەپ ئۆزەمنى تەكشۈرمەسلىك يولىنى ئۆزەم تاللىۋالغان" دەپ ئاللىقاچان جاكارلىغان بولسىمۇ. شۇنداقلا يەنە، دېڭ شاۋپىڭ 4 - ئەۋلاد ئىز باسارىنى تىز پەرۋىش قىلىشقا باشلىغان. بۇ چاغدا جاڭ زېمىن ئۆزىنىڭ دېڭ شاۋپىڭنى سەل چاغلاپ قويغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دېڭ شاۋپىڭغا ئەگىشىدىغان بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىغان.
ناتو يۇگۇسلاۋىيىنى بومبىلىغاندا " تاشپاقا" بولۇۋالغان جاڭ زېمىن
" ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان " جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" ناملىق چاتما ئوبزورنىڭ " پارس قولتۇقىدا يۈز بەرگەن 'قۇملۇق بورىنى' ناملىق ھەربىي ھەرىكەتتىن چۆچۈپ كەتكەن قېرى باندىتلار" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، يۇگۇسلاۋىيە ھۆكۈمىتى ئۆز تېررىتورىيىسىدىكى باشقا مىللەتلەرگە قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ناتو 1999 - يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يۇگۇسلاۋىيىنى بومبىلاشقا باشلىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇگسلاۋىيىنى قوللاپ، قانداق تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلىقى، خىتاينىڭ ھەربىي خادىملىرى خۇپىيانە ھەربىي ھەرىكەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن بېلېگتاراتتىكى باش ئەلچىخانىسى ناتو تەرىپىدىن بومبىلانغانلىقى ۋە ئەينى ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خۇپىيانە ھەربىي ھەرىكەتتە بولغانلىقىدىن تېنىۋالغانلىقى كىشىلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك.
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ناتو خىتاينىڭ بېلېگراتتىكى ئەلچىخانىسىنى بومبىلىغان شۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە، خىتايدا ھەربىيلەر جاڭ زېمىن ھەربىي فورما كېيىپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى سالاھىيىتى بىلەن تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلىپ ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك، دېسە، مەمۇرىيلار جاڭ زېمىن غەربچە فورما كىيىپ، دۆلەت رەئىسى سالاھىيىتى بىلەن تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك، دەپ جىددى تالاش - تارتىش بولغان.
ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، شۇ چاغدا گاڭگىراپ قالغان جاڭ زېمىن زېڭ چىڭخوڭلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە، بۇ ۋەزىپىنى ئىز باسار بولىدىغان خۇ جىنتاۋ بىلەن باش مىنىسىتىر جۇ روڭجىغا تاپشۇرغان. ئەگەر نەتىجىلىك بولسا، نەتىجىگە جاڭ زېمىننىڭ بولاتتى. ئەگەر نەتىجىلىك بولمىسا، شۇ سەۋەبتىن جاڭ زېمىن ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى رىقابەيچىسىنى يوق قىلالايتتى. جاڭ زېمىن بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ تاشپاقا بولىۋالغان ئەينى ۋاقىتتا، خۇ جىنتاۋ خىتايدا تەشكىللىگەن نامايىشتا ناتونىڭ بومبىسىغا قارشى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا چالما ئاتىدىغان ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. (داۋامى بار) (ۋەلى)