جاڭ زېمىننىڭ ئەسلىي قىياپىتى(22)

"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" ناملىق چاتما ئوبزورنىڭ "ئازاتلىق ئارمىيە ئىچىدىكى چىرىكلىك" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا جاڭ زېمىن خۇددى ماۋ زېدوڭ، دېڭ شاۋپىڭلاردەك ئۇرۇشقا قاتنىشىپ باقمىغان، ھەربىيگە قوماندانلىق قىلىپ باقمىغان، ھەربىي قىسىملار ئىچىدە تونۇلمىغان كىشى بولغاچقا، شۇڭلاشقا بولسا كېرەك، ئۇ خىتايدا تېختكە چىققاندىن كېيىنلا ، ھەربىي قىسىملار ئىچىدە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا، ئۆزىگە يالاقچىلىق قىلغان كىشىلەرگە مەنسەپ ۋە ئۇنۋان بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇقىملاشقا تىرىشقان. جاڭ ۋەننيەن، يۇشىگۇي، گوبەيشوڭ دېگەندەك كىشىلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپكە قويۇلۇشى تامامەن شۇ سەۋەبتىن بولغان. جاڭ زېمىن شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەربىي قىسملاردىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەشكە باشلىغان. ھەربىي قىسىملار ئىچىدە ھېكايە قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن چۈشتە ئۇخلىغان ۋاقىتلاردا، 47 - كورپۇسنىڭ باشلىقى گو بەيشوڭ ئۆزى پوستتا تۇرۇپ مۇھاپىزەت قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، جاڭ زېمىن ئۇنى ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىككە ئۆستۈرگەن.

ئارمىيە ئىچىدىكى چىرىكلىك

ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ئادەتتە نورمال ئىجتىمائىي تۈزۈم شارائىتىدىكى دۆلەتلەردە، ھوقۇق تۇتىدىغان پارتىيە دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ھۆكۈمەتنى تەشكىللەپ چىقىدۇ. جەمئىيەتتە ئوخشىمىغان ئاۋازلارنىڭ بولۇشى ھوقۇق تۇتىۋاتقان پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. جەمئىيەتتىكى قارشى ئاۋازلار ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىش ياخشى بولمىغان رەھبەرلەرنى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلاشقا تۈرتكە بولىدۇ. بۇنداق دېموكراتىك دۆلەتلەردە، ئارمىيە پەقەت دۆلەتكىلا مەنسۇپ. ئۇ قايسىبىر سىياسىي پارتىيىگە قارىمايدۇ. ئۇنىڭ بىردىنبىر بۇرچى خەلقنى ۋە دۆلەتنى قوغداش. پارتىيىلەر ئارا ياكى ھوقۇق تۇتىۋاتقان پارتىيە ئىچىدە، ھەر قانچە جىددىي جەڭگى-جېدەل يۈز بەرگەندىمۇ، دۆلەت مۇقىم تۇرىۋېرىدۇ. ئەمما خىتايدا ئۇنداق ئەمەس، ئارمىيە دۆلەتكە قارىماي مەلۇم بىر پارتىيىگە قارايدۇ. خىتايدا ئارمىيە مەلۇم بىر پارتىيىنىڭ ئارمىيىسى. شۇڭلاشقا ئۇ خەلقنى نەزەردە تۇتمايدۇ. ھەربىي قىسملاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدىمۇ، پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. كىمنىڭ قولىدا ھەربىي ھوقۇق بولسا، دۆلەتنىڭ ھوقۇقى ۋە باشقا ئىمتىيازلار شۇنىڭ قولىدا. بۇنداق تۈزۈم ماۋ زېدوڭچە "پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىدۇ" دېگەن تۈزۈمنىڭ داۋامى. جاڭ زېمىن يولغا قويغان تۈزۈم دەل مۇشۇنداق مۇستەبىت تۈزۈم.

جاڭ زېمىن گېنېراللارنى بەلگىلەش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ يولغا قويغان

"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" ناملىق چاتما ئوبزورنىڭ "ئازادلىق ئارمىيە ئىچىدىكى چىرىكلىك" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا 1988 - يىلى ھەربىي ئۇنۋان بېرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، دېڭ شاۋپىڭ 17 كىشىگە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئۇنۋان بەرگەن بولسا، جاڭ زېمىن ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىنلا 96 كىشىگە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئۇنۋان بەرگەن. 1993 - 94 - يىللىرىدا يەنە 79 كىشىگە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئۇنۋان بەرگەن. دېڭ شاۋپىڭ 6 كىشىگە يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرال ئۇنۋانى بەرگەن بولسا، جاڭ زېمىن بىراقلا 18 كىشىگە يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرال ئۇنۋانى بەرگەن.

ھەربىي قىسىملار ئىچىدە ھېكايە قىلىنىشىچە، 1996 - يىلى جاڭ زېمىن ئۆز يېنىدىكى كىشىلەرگە "بۇياققا كېلىڭلار، بىز بۈگۈن بىر كۆڭۈل ئاچايلى، بىر نەچچە كىشىگە ھەربىي ئۇنۋان بېرىۋىتەيلى " دەپلا زىياپەت تەييارلىتىپ، توپچى 2 - قىسىم سىياسىي كومىسسارى سۈي يوڭجۈ قاتارلىق 4 كىشىنى چاقىرىتىپ كېلىپ، جاڭ زېمىن ئۆزى ئۇلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرال ئۇنۋانى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

سىياسىي قېرىلارنىڭ ئەۋلاتلىرىغىمۇ ھەربىي ئۇنۋان بېرىپ...

ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا، ئۆزىگە خوشامەت قىلىدىغان كىشىلەرگە ھەربىي ئۇنۋان بەرگەندىن باشقا، كوممۇنىست پارتىيە ئىچىدە ۋە ھەربىي قىسىملار ئىچىدە نامى چىققان پىشقەدەملەرنىڭ بالىلىرىغىمۇ ھەربىي ئۇنۋان بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىمۇ ئۆز ئەتراپىغا توپلىغان، گەرچە ئۇلارنىڭ ھەربىي ئىستاژى ناھايىتى قىسقا ياكى بىلىمى شۇ دەرىجىگە توشمىغان بولسىمۇ. جاڭ زېمىن 1997 - يىلى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بىركۈن ئىچىدىلا، پېشقەدەم باشلىقلارنىڭ بالىلىرىدىن خې لوڭنىڭ ئوغلى خې پېڭفېي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 530 كىشىگە ئوتتۇرا دەرىجىلىك گېنېرال ئۇنۋانى بەرگەن. جاڭ زېمىن 2004 - يىلى تەختتىن چۈشۈپ كېتىدىغان ۋاقىتتىمۇ، ئۆزى شاڭخەيدىن بېيجىڭگە بىللە ئېلىپ كەلگەن يۇ شىگۇي قاتارلىق 15 كىشىگە يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرال ئۇنۋانى بېرىۋىتىپ ئاندىن ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ھازىر ھەربىي قىسىملار ئىچىدە، جاڭ زېمىن پەيدا قىلغان چىرىكلىك-نەپسانىيەتچىلىك، بىر- بىرىگە قايىل بولماسلىق، بىر - بىرىنى يېقىتىشقا ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ھەرخىل خاھىشلار ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە داۋام قىلماقتا. (داۋامى بار) (ۋەلى)