جاڭ زېمىننىڭ ئەسلىي قىياپىتى(23)

"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" ناملىق چاتما ئوبزورنىڭ "ئازاتلىق ئارمىيە ئىچىدىكى چىرىكلىك" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ھەربىي قىسىملارنىڭ سودا - تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشى 1980 - يىللاردا باشلانغان.

ئازادلىق ئارمىيىدە ئەتكەسچىلىك

بۇنداق باشلىنىش ئەينى ۋاقىتتا، ياڭ شاڭكۇن، ۋاڭ جېن قاتارلىق كىشىلەر ھەربىي قىسىملارغا يېزىپ بەرگەن بېغىشلىمىلىرىدا "ھەربىي خىراجەتنىڭ يېتىشمىگەن قىسمىنى تولۇقلاش" ياكى "ھەربىلەر ئۆزىنى ئۆزى بېقىش" دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، ئەمما ماھىيەتتە ئۇنداق بولمىغان.

بولۇپمۇ، جاڭ زېمىن ھەربىي كومىتېت رەئىسى بولغاندىن كېيىن، ھەربىي قىسىملارنىڭ سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا كەڭ يول ئېچىپ، ئۇلارنى مەنپەئەت ئېلىشقا قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق، ھەربىي قىسىملاردىكى ئاچكۆز، نەپسانىيەتچى كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلىغان. 1998 - يىلى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت يىغىنىدا ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا ھەر يىلى ئەتكەسچىلىك قىلىپ، دۆلەتكە باج تۆلەشتىن قاچۇرۇلغان پۇل سانى 800 مىليارد يۇئەن بولۇپ، بۇنىڭ 500 مىلياردتى ھەربىي قىسىملار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان. بۇ پۇلنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى شەخسىيلەرنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ كەتكەن.

خەلق ئىچىدە ھېكايە قىلىنىشىچە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شەرقىي جەنۇبى دېڭىزدا "دېڭىز قاراقچىلىرى" غا، شىمالدىكى رايونلاردا چېگرىدا يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىدىغان "باندىت" لارغا ئايلانغان.

ئەتكەس مالنى تالىشىدىغان "سېرىق دېڭىز ئۇرۇشى"

"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" ناملىق چاتما ئوبزورنىڭ "ئازادلىق ئارمىيە ئىچىدىكى چىرىكلىك" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، 1998 - يىلى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شىمالىي دېڭىز پىلوتىنىڭ 4 توپچى پاراخوتى ۋە 2 سۇ ئاستى چارلاش پاراخوتى شىمالىي ياۋروپادىن 70 مىڭ توننا پىششىقلانغان ئەتكەس نېفىت مەھسۇلاتلىرنى بېسىپ كېلىۋاتقان بىر پاراخوتنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە تاموژنا تارماقلىرى تەرىپىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن 12 توپچى پاراخوت ئۇلار بىلەن قارشىلاشقان. ھەر ئىككى تەرەپ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىن يوليورۇق سورىغان. دېڭىز ئارمىيىسى بۇيرۇققا بىنائەن ئوق چىقارغان. شۇ قېتىم يۈز بەرگەن "سېرىق دېڭىز ئۇرۇشى" دا نەق مەيداندا 87 ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن تاموژنا خادەمىلىرى 13 نەپەر. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش چەكلەنگەن. ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئوخشىمىغان قىسىملىرى، قوراللىق ساقچىلار ۋە سىياسىي قانۇن، تاموژنا خادەملىرى ئۆز - ئارا مەنپەئەت تالىشىپ، ئوق چىقىرىپ، ھەتتا توپ-زەمبىرەك ئېتىشىدىغان ھەرخىل ئۇرۇشلاردا 1998 - يىلىنىڭ باش يېرىمىدىلا 2200 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.

ئازادلىق ئارمىيە زاۋۇتلىرىدا ئىشلەنگەن زەھەرلىك چىكىملىك

فىلىپىننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى گېلەر ئەپەندى 2001 - يىلى ب ب س رادىئوسى ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرق تەرەپتىكى 5 ئۆلكىسىدە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى باشقۇرىۋاتقان زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان "مۇز" دەپ ئاتىلىدىغان زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ فىلىپىنگە كىرگەنلىكىنى ۋە بۇ مەسىلە توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كۆپ قېتىم سۆزلەشكەن بولسىمۇ، بۇنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.

ئازادلىق ئارمىيىنىڭ تىجارەت قىلىشى چەكلەنگەندىن كېيىن. ..

1998 - يىلى 11 - ئايدا سەنشى ئۆلكىسىدە ئېچىلغان ھەربىي رايونلارنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش يىغىغىدا ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1994 - يىلىدىن كېيىن ھەربىي قىسىملار باشقۇرغان شىركەتلەرنىڭ كىرىمى دۆلەت تەرىپىدىن ھەربىي قىسىملارغا بۇيرۇپ بەرگەن خىراجەت مىقتارىدىن 80٪ ئېشىپ كەتكەن. بۇ پۇلنىڭ 50٪ ئى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلەرنىڭ يەپ - ئىچىش، ساياھەت قىلىش ۋە تۇرالغۇ سېلىشىغا چىقىم قىلىنغان. 1998 - يىلى ھەربىي قىسىملارنىڭ تىجارەتكە ئارىلىشىشىنى چەكلەش توغرىسىدا بۇيرۇق ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى يېرىم يىل ئىچىدە، ھەربىي قىسىملاردىكى ئەتكەسچىلىك، خىيانەتچىلىك مەسىلىلىرى بويىچە تۇرغۇزۇلغان دېلو سانى 2770 گە يەتكەن.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، نەنجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ بىر باشقۇرىلىدىغان بومبا باتاليون كوماندىرى ئۆزى قۇرۇۋالغان "سەددىچىن شىركىتى" دىن شەخسىيلەر تەمسىملىۋالغان خىيانەت سوممىسى 3 يۈز مىليوندىن ئاشقان. مەركىزى ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىشخانا باشلىقى دوڭ لياڭجۈ ئۆز نامىدا 9 ساياھەت ئورنىدا ئالاھىدە تۇرالغۇ سالدۇرغان. گۇئاڭجۇ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى 6 جايدا ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ سالدۇرغان. ئازادلىق ئارمىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىتالىيىدىن 120 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق تۇرالغۇ بېزەش ماتېرىياللىرىنى ئىمپورت قىلغۇزغان. 2 - توپچى قىسىمنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ياۋروپا بازارلىرىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلىگەن.

"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "جاڭ زېمىننىڭ ئەسلى قىياپىتى" ناملىق چاتما ئوبزورنىڭ "ئازادلىق ئارمىيە ئىچىدىكى چىرىكلىك" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىلىق روبرت لاۋرېنس كۇھن ئەپەندى يازغان "خىتاينى ئۆزگەرتكەن ئادەم - جاڭ زېمىننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى" ناملىق كىتابتا "جاڭ زېمىن ھەربىي قىسىملارنىڭ تىجارەت - سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىدى" دەپ يېزىلغانلىقى - جاڭ زېمىننىڭ مۇخبىرغا قىلغان يالغانچىلىقى. (داۋامى بار) (ۋەلى)