ياۋرۇپا-ئامېرىكا ئۇچۇر ۋاستىلىرى "جاڭ زېمىن ئەسەرلىرى" نىڭ نەشر قىلىنىشى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى يېقىندا يېڭى بىرخىل تەشۋىقات ھەرىكىتى قوزغىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەرىكەتتە، كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ئەمەلدارلارنى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى "جاڭ زېمىن ئەسەرلىرى" نى ئۆگىنىشكە چاقىرغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىننىڭ 80 ياشلىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىۋاتقاندا، 8‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى جاڭ زېمىن ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش دوكلات يىغىنى ئاچقانلىقى، يىغىندا خۇجىنتاۋنىڭ جاڭ زېمىننى تازا ماختىغان سۆزلىرىدىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ھوقۇق كۆرۈشى، خۇجىنتاۋ نىڭ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتىيىدا ھوقۇق تەقسىملەش جەھەتتە كۆزلىگەن مەقسىتى ئاشكارىلانماقتا.

يېقىن كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىش

تەيۋەندە چىقىدىغان "خىتاي ۋاقىت گېزىتى" نىڭ 17 ‏- ئاۋغۇست كۈنى بايان قىلىنىشىچە، گەرچە جاڭ زېمىن ئۆزى ئاللىقاچان تەختتىن چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خۇاڭجۈ، لى چاڭچۈن، لوگەن قاتارلىق جاڭ زېمىن سىستېمىسىدىكى ئەمەلدارلار تېخىچە ھوقۇق تۇتۇۋاتىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە، خۇجىنتاۋ -ۋېنجاباۋ ھاكىمىيىتى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتىيىدا ھوقۇق تەقسىماتى جەھەتتە ئۆزگىرىش پەيدا قىلماقچى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، جاڭ زېمىن جىددىي ھەرىكەت قىلدى. مەسىلەن: شاڭخەي ترانسپورت ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ سۆز قىلدى؛ ساياھەت ھەپتىلىكىدە تەيسەن تېغىغا چىقىپ مۇخبىرلار بىلەن ئۇچراشتى؛ "دۇنيا ئىلمىي ساۋات نەشرىياتى" غا جاڭ زېمىن ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇردى. بۇ خۇجىنتاۋ لايىھىلەۋاتقان يېڭى ھوقۇق تەقسىماتىغا قىلىنغان رىقابەت ئىدى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىننىڭ گەپ -سۆزلىرىنى خەلق بۇرۇن كۆپ ئاڭلاپ بىزار بولغان. ھازىر جاڭ زېمىننىڭ "دىپلوماتىيە خاتىرىسى"، "جاڭ زېمىن ئەسەرلىرى" دېگەنگە ئوخشاش كىتابلىرىنى بىر كىم سېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلمايدىغانلىىقىنىمۇ خۇجىنتاۋ ئوبدان بىلىدۇ. ئەمما ئۇ يەنىلا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، جاڭ زېمىننى ماختاپ، كۆككە كۆتۈرۈپ، خەلقنى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىشكە چاقىردى. بىراق خۇجىنتاۋ جاڭ زېمىننىڭ "بىر ئەۋلاد چوقۇم بۇرۇنقى بىر ئەۋلاتتىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ بىر قانۇنىيەت" دېگەن سۆزىنى تەكرارلاش ۋە ئەمەلدارلاردا خىيانەتچىلىك پەيدا بولغان مەسىلىنى كۆرسۈتۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتىدۇ.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئېچىلىش" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا خەلق بۇرۇن جاڭ زېمىننى تەشۋىقات قىلىدىغان ماتېرىياللاردىن بىزار بولۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ بىر كىتابىنى ھازىر 30 يۈەن ياكى 90 يۈەن پۇل خەجلەپ سېتىۋېلىشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. ھازىر خۇجىنتاۋ ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ يولغا قويۇۋاتقان جاڭ زېمىن ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنى پۈتۈنلەي بۇرۇن قوللۇنۇپ خەلقنى بىزار قىلىۋەتكەن قاتمال شەكىل. بۇنداق گەپلەر ھازىر بىركىمنىڭ قولىقىغا ياقمايدۇ. ھازىر ئەمەلدارلاردا خىيانەتچىلىك ناھايىتى ئېغىر، ئەمەلىيەتتە بۇ جاڭ زېمىن خەلققە كەلتۈرگەن بالايى ئاپەت ئىدى. ئەمما خۇجىنتاۋ يەنىلا جاڭ زېمىنى ماختاش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاغزىنى توسماقچى.

ھەر خىل مۇلاھىزىلەر

ياۋرۇپا-ئامېرىكا قىتئەلىرىدە نەشىر قىلىنىدىغان ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا "جاڭ زېمىن ئەسەرلىرى" نىڭ نەشر قىلىنىشىغا قارىتا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

"پۇل - مۇئامىلە گېزىتى" بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن پېنسىيىگە چىقىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، جاڭ زېمىن ئەسەرلىرى نەشر قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئەڭ يۇقۇرى ئۆلچەم بىلەن مۇئامىلە قىلىنغانلىقى جاڭ زېمىننىڭ پېنسىيە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تەسىرى يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىغا نارازى بولغانلىقىنىڭ ئىنكاسى بولسا كېرەك. "ئىقتىسادشۇناس" ھەپتىلىك گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، جاڭ زېمىن رەھبەرلىك قىلىۋاتقان 1990 ‏- يىللاردا، خىتايدا ئومۇم خەلق مەھسۇلات قىممتى يۇقۇرى ئۆرلىمىگەن ئىدى. جاڭ زېمىن شۇ يىللاردا "مائارىپ ئىسلاھاتى" دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل ئىسلاھاتنى ئېلىپ باردى. شۇنىڭدىن كېيىن ، مەيلى ھۆكۈمەت تەۋەلىكىدىكى مەكتەپلەر بولسۇن ياكى شەخسى مەكتەپلەر بولسۇن، ھەممىسىدە ئوقۇغۇچىلار تۆلەيدىغان ئوقۇش راسخوتى يۇقۇرى ئۆزلەپ كېتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي سېلىقى )خەلقنىڭ ئىقتىسادىي سېلىقى( ئېغىرلاپ كەتتى. نامرات رايونلاردا ئوقۇش راسخوتىنى تۆلەش خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ سىستېمىسىغا بولغان ئىشەنچىسى يوقالدى.

"مۇستەقىللىق گېزىتى" نىڭ 17 ‏- ئاۋغۇست كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ياۋايى ھايۋاناتلارنى ئوۋلاش كىنىشكىسىنى خەلقئاراغا قارىتا سېتىش جاڭ زېمىن دەۋرىدە يولغا قويۇلغان ئىدى. ھازىر شەنشى، چىڭخەي، نىڭشا، شىنجاڭلاردىكى ياۋايى ھايۋاناتلارنى ئوۋلاش تېخىمۇ ئەۋج ئالدى. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ياۋايى ھايۋاناتلارنى ئوۋلاش ئەڭ ئەۋجىگە چىقتى. بۇ رايونلاردىكى ياۋايى ھايۋاناتلارنى ئوۋلاش كىنىشكىسىنى سىچۇەننىڭ چىڭدۇ شەھىرىدە ساتىدۇ. ئەگەر قوتاز ئوۋلىماقچى بولسا، 21 مىڭ ئەنگىلىيە پوند ستېرلىڭى، يەنى 30 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى قوشۇپ تۆلىشى كېرەك. باشقا كام ئۇچرايدىغان ھايۋاناتلارنى ئوۋلاش باھاسى تېخىمۇ قىممەت. دېمەك ھازىر دۆلەت بۇيىچە بىرىنچى دەرىجىلىك ۋە ئىككىنجى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋاناتلار دەپ ئاتىلىدىغان ئاللىقاچان نەسلى قۇرۇشقا يۈزلەنگەن ياۋايى ھايۋاناتلار نى ئوۋلاش مودا بولۇپ قالدى. ھازىر پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە ياۋايى ھايۋاناتلارنى ئوۋلاپ سېتىش تىجارىتىنىڭ پۇل مىقتارى 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. نەسلى قۇرۇشقا يۈزلەنگەن ياۋايى ھايۋاناتلارنى ئوۋلاش دېگەن بۇ يېڭى تىجارەت ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتى، قورال -ياراق تىجارىتى دېگەنگە قوشۇلۇپ، دۇنيادىكى 3 چوڭ قانۇنسىز تىجارەتنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. (ۋەلى)