جياۋ گوبياۋ: خىتاي گېنېرالى ئىپادىلىگەن ئىدىيىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئورتاقلىقى بار

0:00 / 0:00

خىتاي گېنېرالى جۇ چېڭخۇ 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئامېرىكىغا يادرو پوپوزىسى قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر خىتاينىڭ تور بەتلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تارقالغاندىن كېيىنلا، "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات مىنىسرلىقىنى توپقا تۇتايلى" دەپ ماقالە يازغانلىقى ئۈچۈن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلىقىدىن قالدۇرۇلغان جياۋ گو بياۋ ئەپەندى ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاي گېنېرالى جۇ ھېڭخۇنى "خىتايدىكى ئوساما بىن لادىن" دەپ ئاتىغان ئىدى. 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى پروفېسسور جاۋ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاخبارات ئىلمى بويىچە پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن جياۋ گوبياۋ ئەپەندى ئالدى بىلەن "خىتاي گېنېرالى جۇ چېڭخۇ ئىپادىلىگەن ئىدىيە ۋە ئاڭ ئىنتايىن قالاق، ئىنتايىن ياۋۇز ئوي - پىكىر" دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا يەنە، خىتاينىڭ ھەربىي دائىرىلىرى شۇ قەدەر كۆپ خەلقنى بەدەل بەرگۈزۈپ، يادرو پوپوزىسى قىلغانلىقىغا قارشى تۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

جياۋ گوبياۋ ئەپەندى سوئال قويۇش شەكلىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ "جۇ چېڭخۇ نېمىگە ئاساسەن شىئەن شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ھەممە خەلقنى، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى، مەنپەئەتىنى يوق قىلىش بەدىلىگە يادرو ئۇرۇشى قىلماقچىكەن؟ خەلقنى قانچىلىك بەدەل تۆلىگۈزىمىز دېسە، خەلق ئۇلارغا ماقۇل دەپ شۇنچىلىك بەدەل تۆلەپ بېرەمدىكەن؟" دېدى.

جياۋگوبياۋ ئەپەندى خىتاي گېنېرالى جۇ چېڭخۇنىڭ نەزىيىۋىي ئاساسى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، جۇ چېڭخۇنىڭ سەپسەتىسى نوپۇس مەسىلىسى جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ خىتايدا نوپۇس مەسىلىسى بىر چوڭ مەسىلە، مۇشۇ ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياكى ئاخىرىدا، بۇ مەسىلە ھامان ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، دەپ قارىغان. گەرچە شۇنداق دەپ قارالغاندىمۇ، جۇ چېڭخۇنىڭ ياكى ھەربىي قىسىملاردىكى قايسى بىر كىشىنىڭ ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى قايسىبىر قاتتىق قوللۇق سىياسەت قوللۇنۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى كىشىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن "مايسا تاقلاش" ھوقۇقى يوق. بۇ ھوقۇق ئىلاھنىڭ ھوقۇقى. قويۇق بولۇپ كەتكەن مايسىنى تاقلاپ شالاڭلىتىش ياكى شالاڭلاتماسلىق ئىلاھنىڭ ئىرادىسى. ئىنسانىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققى قىلىشى تەبىئىي يوسۇندا بولىدۇ. ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ بۇنى بىرتەرەپ قىلىش ھوقۇقى يوق.

جياۋگوبياۋ ئەپەندى ئوساما بىن لادىن بىلەن جۇ چېڭخۇنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئوساما بىن لادىن ھۆكۈمەت ئەمەس. ئۇ بىر شەخسى ياكى تەشكىلات، بەلكى يەر ئاستى تەشكىلاتى. ئۇنىڭ ھەرىكىتى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتى ئەمەس. ئەمما خىتاي گېنېرالى جۇ چېڭخۇنىڭ يادرو پوپوزىسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىق بار. جۇ چېڭخۇنىڭ خاھىشى ھۆكۈمەت خاراكتېرلىق خاھىشە.

جياۋ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا خىتايدىكى تور بەتلىرىدە يەنە، خىتاينىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چى خاۋتيەننىڭمۇ جۇ چېڭخۇغا ئوخشاش سۆزلىرى بارلىقى ئىنكاس قىلىنغان. ئۇ " كىم خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى يوق قىلىمەن دېسە، پۈتۈن خىتاي يوق قىلىنىدۇ، ئىنسانىيەت يوق قىلىنىدۇ، ئالدى بىلەن ئامېرىكا يوق قىلىنىدۇ" دېگەنمىش. ھەر قانداق بىر سۇلالىنىڭ ياكى بىر سىياسىي پارتىيىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئوي - پىكرى مەغلۇب بولماي قالمىغان. چۈنكى، ئىنسانىيەت ئەزەلدىن ۋارسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىيە نەپرەت ۋە قىرغىنچىلىق ئەمەس، بەلكى سۆيگۈ ۋە رەھىمدىلىق . ھازىرقى زاماندىمۇ تەشەببۇس قىلىنىۋاتقىنى سۆيگۈ ۋە رەھىمدىللىق.

جياۋ ئەپەندى جۇ چېڭخۇ بىلەن چى خاۋتيەننىڭ سۆزلىرىدە نېمە پەرق بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار ياكى يوقلىقى ھەققىدىمۇ تەھلىل يۈرگۈزدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھەربىي قىسىملاردىن چىققان بۇ سۆزلەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىلەن كۆز قاراش جەھەتتە ئورتاقلىققا ئىگە. ئۇلار بىر - بىرى بىلەن ھەمنەپەس. جۇ چېڭخۇ نوپۇس مەسىلىسى جەھەتتىن پىكىر قىلغان. ئۇ خىتايدا نوپۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئالدى بىلەن مۇش كۆتۈرۈپ چىقىش كېرەك، ئالدى بىلەن باشقىلارنى يوق قىلىش كېرەك، دەپ قارىغان. چى خاۋتيەن بولسا ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن پىكىر قىلغان. ئۇ ئامېرىكا ھازىر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت، شۇڭلاشقا ئالدى بىلەن ئامېرىكىنى يوق قىلىش كېرەك، دەپ ئويلىغان. بۇلارنىڭ ئوي - پىكرىنىڭ نەزىرىيىۋى ئاساسلىرى ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ياۋۇزلۇق، خەلققە، ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيەتكە قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئوخشاش. ئۇلار ئوخشاشلا، سەن كوممۇنىست پارتىيىنى يوق قىلىمەن دېسەڭ، بىز ئەۋۋەل سىنى يوق قىلىمىز ياكى تەڭ يوق بولىمىز، دەپ ئويلىغان. مىنىڭ قارىشىمچە، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئورتاقلىقى بار. چۈنكى ھازىر خىتاي يۈزلىنىۋاتقان ئىچكى زىددىيەت بىلەن خىتايغا خەلقئارادىن كېلىۋاتقان تاشقى بېسىم، ئۇلار ئۈچۈن ئورتاق. خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا ھازىر مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىش جەھەتتە تەڭسىزلىك بار. خەلقئارادا بولسا دېموكراتىيە ھەدەپ قانات يايدۇرلىۋاتيدۇ، بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئورتاق بېسىم. ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ئەپەندى " 21 - ئەسىر ئەركىنلىك ئەسىرى" دەپ جاكارلىدى. مىنىڭ قارىشىمچە، بۇ ناھايىتى ياخشى پىكىر. ھازىر خەلقنىڭ بەختلىك ياكى بەختلىك ئەمەسلىكى شۇ دۆلەتتە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنىڭ بار ياكى يوقلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. (ۋەلى)