
يېقىندا ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تارو ئاسو ئەپەندى بىر ئادەتتكى سورۇندا تەيۋەننى بىر دۆلەت قاتارىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىكەن. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئۆتى يېرىلىپ كەتكۈدەك غەزەپلەندى، - دەپ باشلايدۇ پروفېسسور جاۋ گوبياۋ "چېن شۇيبيەن خىتايدىكى بىر ئۆلكە باشلىقى ئەمەس" دېگەن ئوبزورىنى، - ئەمەلىيەتتە تەيۋەننىڭ زادى بىر 'دۆلەت' ياكى ئەمەسلىكى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىش ياكى قىلماسلىقىغا باغلىق ئەمەس. ئۆزىنىڭ دۆلەت تېررىتورىيىسى، ئۆزىنىڭ دۆلەت پۇقراسى، قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى بولسا، خەلقئارا ئېتىراپ قىلسىلا، ئۇ ھەممە نېمىسى تۇلۇق بولغان بىر زامانىۋى دۆلەت. تەيۋەندە بۇ شەرتلەرنىڭ ھېچقايسى كام ئەمەس، پەقەت خەلقئارادا ئۇنى ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى تېخى كۆپ ئەمەس، خالاس. مېنىڭچە بۇ بىر مەسىلە ئەمەس، - دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ پروفېسسور جياۋ، - دۇنيادا 200 دەك دۆلەت بار، تەيۋەننى 20 نەچچە دۆلەت ئېتىراپ قىلىدۇ. ساننىڭ ئاز بولۇشى بىر مەسىلە ئەمەس، چۈنكى خەلقئارالىق قانۇندا قانچە دۆلەت ئېتىراپ قىلسا ئاندىن دۆلەت بولۇپ تۇرالايدۇ، دېگەن بەلگىلىمە يوق.
جاۋ گوبياۋ: خىتايدا ئىككى ساراڭ بار
چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى، سىلەر تەيۋەننى 'جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئۆلكىسى' دەپ ئاتىۋالىسىلەر. ئەمما چېن شۇيبيەننى 'چېن شۇجى' ياكى 'چېن شېڭجاڭ' دەپ چاقىرالمايسىلەر. - دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ جاۋ گوبياۋ ئەپەندى، - سىلەرنىڭ ھازىر تەيۋەندە پوستتا تۇرىدىغان بىرەر ئەسكىرىڭلار بارمۇ؟ سىلەر تەيۋەندىن بىرەر مىسقال ئاشلىق ياكى بىرەر سىنىت پۇل باج ئالالامسىلەر؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە سىلەر قانداقچە تەيۋەننى 'بىزنىڭ بىر ئۆلكىمىز' دەيسىلەر؟ سىلەر ئوڭمۇ ياكى ئالجىپ قالغانمۇ؟ 'ماتېرىيالىزمچى' دېگەن شۇنداق جۆيلۈپ يۈرەمدۇ؟ ھازىر تەيۋەندىكى جۇڭخۇا مىنگو تېخىچە چوڭ قۇرۇقلۇقنى، ھەتتا موڭغۇلىيىنىمۇ قوشۇپ 'بىزنىڭ زېمىنىمىز' دەپ تۇرۇپتۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بولسا تەيۋەننى 'مىنىڭ بىر ئۆلكەم' دەپ تۇرۇپتۇ. مىنىڭ قارىشىمچە، خىتايدا ئىككى ساراڭ بار، ئۇنىڭ بىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى يەنە بىرى گومىنداڭ (مىللەتچى پارتىيە)، ھەر ئىككىسى پاكىتنى كۆزى كۆرمەي جۆيلۈپ يۈرىدىغان ساراڭلار.
تەيۋەننىڭ ھۆكۈمىتى خەلق سايلىغان پرېزىدېنت تەشكىللىگەن ھۆكۈمەت
ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسو ئەپەندى رەسمىي دىپلوماتىيە سورۇنىدا ئەمەس بەلكى بىر ئادەتتىكى سورۇندا سۆز قىلغاندا، تەيۋەننى 'دۆلەت' قاتارىدا ساناپ ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇنى ياپونىيىنىڭ مەتبۇئاتلىرى ئېتىراپ قىلىپ ئېلان قىلغان ئەمەس. بۇنداق ئادەمنىڭمۇ تەيۋەن توغرىسىدا ئەركىنرەك سۆز قىلىپ شەخسىي پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'قاتتىق چۆچۈپ' كەتكۈدەك ياكى ئۆتى يېرىلىپ كەتكۈدەك 'غەزەپلىنىپ' مۇئامىلە قىلىشى زۆرۈرمۇ؟ ئەگەر بىرەر ياپونلۇقنىڭ، تەيۋەنلىكنىڭ ئۆز ئۆيىدە 'دۆلەت' دېگەن ئاۋاز چىققانلىقىنى خىتاينىڭ بىرەر جاسۇسى ئاڭلاپ قالغان بولسا، ئۇنىڭغا مەخسۇس گۇنا توقۇش كېرەكمۇ؟
ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق بولۇشى ھەممدىن مۇھىم شەرت، - دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ جاۋ گوبياۋ ئەپەندى، - دۇنيادا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەت سانى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەت سانىدىن كۆپ. ئەمما تەيۋەننىڭ ھۆكۈمىتى خەلق سايلىغان پرېزىدېنت تەشكىللىگەن ھۆكۈمەت، 100% قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق سايلىغان ھۆكۈمەت ئەمەس، ئۇ بىر قاراڭغۇ جەمئىيەت، بۇ ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىۋاتقانلار قاراڭغۇ جەمئىيەتنىڭ لۈكچەكلىرى. ئەگەر 'دۆلەت' ئەمەس دېيىشكە توغرى كەلسە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېگەننى 'دۆلەت' دېمەسلىك كېرەك.
خىتايدا ئۆزگەرمىگەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمى قالدى
كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'شىنخۇئا ئاگېنتلىقى' ياپونىيىنى خىتاي -ياپونىيە بىرلەشمە باياناتىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ چالۋاقىدى. 1972 - يىلى "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگونىڭ بىردىن- بىر قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى، تەيۋەن ئۇنىڭ ئايرىماس زېمىنى"دەپ يېزىلغان شۇ بىرلەشمە باياناتنى، ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتايدىكى ۋاڭ خوڭۋېن، جاڭ جۈنچاۋ، جياڭ چىڭ دېگەن كىشىلەر تۈزگەن. ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنىڭ قىلغانلىرىنى تامامەن بىكار قىلىۋەتتى. خىتاينىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئاساسىي قانۇنىمۇ بىر نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىلىپ بولدى. خىتايدا ئۆزگەرمىگەن نېمە قالمىدى. ئەمما پەقەت خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمى، خىتاي تارىخىدىكى بۇ ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋرلا تېخى ئۆزگەرمىدى.
چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشۈنىشى كېرەك، - دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ جاۋ گوبياۋ ئەپەندى، - خىتاي ياپونىيىنىڭ پادىشاسى ئەمەس، ياپونلۇقلارنىڭ ئائىلە باشلىقىمۇ ئەمەس، ياپونلۇقلارغا بىرنېمىنى ئۆگەتكەن ئۇستازمۇ ئەمەس. گەر چە، ئۇ باشقا مىللەتكە پادىشا بولۇۋالغان بولسىمۇ، ھازىرقى زامان بۇنداق ئىشتىن قول ئۈزىدىغان زامان. خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن تەشۋىقات مىنىستىرلىقىلا ھازىر دۇنيادا مۇشۇ ھەقىقەتنى تېخىچە چۈشەنمەيۋاتقان ئورگان. ھازىر دۇنيادا خىتاي ۋە شىمالىي كورىيىدەك دۆلەتلا تېخىچە ئىپتىدائى ئاتىلىق جەمئىيەتچە ئۇقۇمدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئولتۇرسا، قوپسا باشقىلارنى ئىدارە قىلىشنى ئويلايدۇ. پۈتۈن ئاسىيانى ھەتتا پۈتۈن دۇنيانى ئىدارە قىلماقچى تېخى. بۇ بىرخىل روھى كېسەللىك. (ۋەلى)