خىتاي ئاھالىسىنىڭ جىنسىي پەرق نىسبىتى تەڭپۇڭسىزلاشماقتا


2004.08.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ ئىستاتىستكىلىق مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي نوپۇسىنىڭ جىنسى پەرىق نىسبىتى ئېغىر دەرىجىدە تەڭپۇڭلىغىنى يوقۇتۇپ، ئوغۇل بوۋاقلار سانىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى، خەلىقئارا ئۆلچەم سىزىقىدىن ئېشىپ كەتكەن .

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن بۇيان، خىتايدا تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى ئۆرلەپ، نۆۋەتتە بۇ سان 107 گە 100 دىن توغرا كېلىشتەك خەلقئارا ئۆلچەم سىزىقىدىن ھالقىغان .

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي نوپۇسىنىڭ تۇغۇلۇش جىنسىي پەرقىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىنىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بىر مەسىلىگە ئايلانغان،بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ھەر يىلى تۇغۇلىدىغان ئادەم سانىنىڭ ئازىيىشى، نوپۇستىكى جىنسىي پەرقنىڭ تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولماقتا ئىكەن . 1999 -يىلى خىتايدا يېڭى تۇغۇلغان ئادەم سانى 1990 -يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يېرىمىدىن كۆپرەكى ئازىيىپ كەتكەن، بىراق تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ جىنسى پەرقى % 10 ئاشقان .

2005 - يىلى 5 - قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە،خىتايدا 0 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى، ئوخشاش ياشتىكى ئاياللار سانىدىن تەخمىنەن 18 مىليون 830 مىڭ ئادەم ئارتۇق ئىكەن ھەمدە يەنە خىتايدا ياشقا توشمىغان قىز بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يېشى توشمىغان ئوغۇل بوۋاقلاردىن ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن .

خىتايدا يېڭى تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارسانى بىلەن ئوغۇل بوۋاقلار نىسبىتىنىڭ ئالاھىدە پەرىقلىنىشىدىكى سەۋەپلەر ھەققىدە توختالغان، ئامېرىكىدىكى جەمئىيەتشۇناس ليۇ شاۋجو مۇنداق دىدى :

"ئاساسلىق مەسىلە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن كېلىپ چىققان، گەرچە بۇ سىياسەتنىڭ نوپۇسنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەقىقەتەن ئۈنىمى بولسىمۇ بىراق بۇنىڭغا تۆلىگەن بەدەل بەكمۇ ئېغىر،بولۇپمۇ خىتاي مەدىنيىتىدە ئەرنى چوڭ كۆرۈپ ئايالنى كەمسىتىشتەك بۇ خىل تەسىرلەر ناھايىتى ئېغىر، بۇ خىل ھادىسە خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەردىمۇ مەۋجۈت مەسىلىلەر، بىراق خىتايدىكى كەلگۈسىدە نەچچە ئون مىڭلىغان ئەرگە ھەمراھ تېپىلمايدىغان ئەھۋالدەك ئېغىر دەرىجىدە ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ، خىتاي ھۆكۈمىتى جىددى بىر تەرەپ قىلىدىغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى".

ليۇ شاۋجۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتايدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ جىنسى پەرقى جەھەتتىكى بۇ ئېغىر مەسىلە ھەل قىلىنمايدىكەن، بىرقانچە ئون يىللاردىن كېيىن نەچچە ئون مىڭلىغان بويتاق ئەرلەر، ئۆز دۆلىتىدىن ھەمراھ تاپالمايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بىر قاتار قالايمىقانچىلىقلار كېلىپ چىقىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر پەرزەنتلىك سىياسىتىنى تېزدىن بىكار قىلىشى ۋە دوختۇرخانىلاردا جىنسى دىئاگىنوز قويۇشتىن كېيىن كېلىپ چىققان ھامىلىنى ئالدۇرۋېتىشتەك قىلمىشلارنىڭ قانۇنى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە يەنە خىتايلارنىڭ ئوغۇل بالىنى ئارزۇلاپ، قىز بالىنى پەس كۈرۈشكە ئوخشاش ناچار ئىللەتلىرى خىتايدا يالغۇز جىنسى تەڭپۇشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن بەلكى جەمىيەت تەرتىۋىنىڭ قالايمىقانلىشىغىمۇ يول ئاچىدىكەن .(ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.