خىتاينىڭ مەتبۇئات تەشۋىقاتى كانادادا كارغا كەلمىدى


2008.04.02

10 - مارت كۈنى تىبەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى كۆتۈرۈلگەندىن بېرى كانادا مەتبۇئاتلىرى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇشى ۋە دالاي لامانىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن خەۋەر قىلىشقا باشلىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئىلگىرىكىدەك خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئالىدىغان ۋە ئۇنى كۆچۈرۈپ باسىدىغان ئەھۋاللار ئازىيىپ، تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تىبەتلىكلەرنى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى بىۋاستە زىيارەت قىلىدىغان پروگراممىلارغا ئېغىرلىق بېرىلدى.

بېيجىڭ ئولىمپىكى يېتىپ كېلىش ئالدىدا خىتايدىكى ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە غەرب مەتبۇئاتلىرى تېخىمۇ يېقىندىن نەزەر سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئوز تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ غەرب مەتبۇئاتلىرى بەرگەن مەلۇماتلارنى يالغانغا چىقىرىشقا تىرىشىپ كەلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە كاندا مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ غەربى مەتبۇئاتلىرىغا قارىشى ھۇجۇم قوزغىغانلىقى پاش قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتە ھازىرلىغان مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.