خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى


2005.03.11

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ خىتايدا " ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش" چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر چاغدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى. كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىياسى ئۆكتىچىلەر، پۇقرالارنىڭ يەر - مۈلك ھوقۇقىنى قوغدۇغۇچىلار، ئەرز - شىكايەتچىلەر شۇنداقلا دىنىي زاتلارنى باستۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش بىلەن ئەيىپلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغان

مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي بويىچە پۇقرالارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقىنى تىنچ يوللار بىلەن قوغداش يولىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشى شۇنداقلا ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2004 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن ھازىرغا قەدەر نەچچە ئونلىغان كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سەۋەبلىرىدىن قولغا ئېلىنغان ياكى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن كەچۈرۈم تەشكىلاتى، بۇ كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئەركىنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنمەكتە، دەپ كۆرسەتتى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى، قولغا ئېلىنغانلار ياكى تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدە يازغۇچىلار، ئادۋوكاتلار، دىنىي زاتلار، ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، شاڭخەيلىك ئادۋوكات گو گودىڭنىڭ ئۆكتىچىلەرنى ئاقلىغانلىقى ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق كىنىشكىسى بىر يىللىق تارتىۋېلىنغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

ھەق تەلەپ قانۇنى داۋاگەرلەرنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ

شەھەر ئەتراپىدىكى ئېتىز- ئېرىقلارنى مەجبۇرى سېتىۋېلىشنىڭ تۆلەم مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلار شۇنداقلا يەر ئىگىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن كەچۈرۈم تەشكىلاتى، پۇقرالارنىڭ يەر مۈلك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار تۇتقۇن قىلىنىش ۋە سوتلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە، دەپ ئەسكەرتتى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى، بەزى كىشىلەر خىتاي ھەق تەلەپ قانۇنلىرى بويىچە ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى داۋاگەرلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەلىپىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە، بەزى پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېتكە كومپارتىيىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭنى ماختاپ ماقالە يازغانلىقى ئۈچۈن، "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش" جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

خىتاينىڭ كەلگۈسى 4 - 5 يىل ئىچىدە دېموكراتىك ئۆزگىرىش ياسىشى ناتايىن

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سۋېيتوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەرب ئەللىرى خۇ جىنتاۋنىڭ جوڭگودىكى گورباچېف بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلغان. بىراق، ئالىم سېيتوف، خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە خىتاينىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ليۇ چىڭ : "ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئەركىنلىك ئۈچۈن ئەمەس"

مەركىزى نيۇ - يوركتىكى "جوڭگو كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى" نىڭ رەئىسى ليۇ چىڭ، خۇ جىڭتاۋ قاتارلىقلار " ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش" نى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى كېڭەيتىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى بېسىش ئارقىلىق بەرپا قىلىشنى ئويلايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "ئىناق بىر جەمئىيەت چوقۇم كەڭ - كۇشادە، ئەركىن - ئازادە ، كىشىلەر ئۆزى تۇرمۇشىنى، ئىدىيىسىنى شۇنداقلا سىياسى قارىشىنى ئىپادىلىلىشىگە رۇخسەت قىلىنغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇلارنى ئىپادىلەش ئەركىنلىكى بولمىسا، بېسىم ئاستىدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى شۇنداقلا جەمئىيەتتتىكى كەمچىلىك ۋە خېيىم - خەتەرنى بايقىغىلى بولمايدۇ. بۇ ئاخىرى بېرىپ كەمچىلىكلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىشىنى، ھەتتا پۈتۈن بىر جەمئىيەتنىڭ پالاكەتكە يۈز تۇتۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن."

ئېتىقات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش كۈچەيتىلگەن

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خىتاينىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ماقۇللاپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي - ئېتىقات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى جاكالىغان ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاينى يېڭى بەلگىلىمە ئارقىلىق دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىپلىدى .

خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىنى "مىللىي ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق" نى قوغدايدۇ، دەپ تەرىپلىگەن. ئامما كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتايدا دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلغۇچىلار، داۋاملىق قولغا ئېلىنىش ۋە تۈرمىگە تاشلىنىش خەۋپى ئاستىدا ياشايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.