ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتى ئاستىدىكى قىرغىز-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى

0:00 / 0:00

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېنجىئاباۋ 21- سېنتەبىر كۈنى قىرغىزستاندىكى 3 كۈنلۈك رەسمى زىيارىتىنى باشلىغان. ئۇ، قىرغىزستان دۆلەت باش مىنىستىرى نىكولاي تېنايېۋ بىلەن ئىككى مەملىكەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە كەڭ دائىرە بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغان ھەمدە "قىرغىزستان بىلەن خىتاي 2004-2014-يىللىق ھەمكارلىق پروگراممىسى" غا قول قويغان.

ۋېنجىئاباۋ زىيارەت جەرىيانىدا قىرغىزستان پرىزدېنتى ئەسقەر ئاقايېۋ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرىنىڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان "تېررورىزىمغا" قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا قارىتىلغان. ئەمما ، قىرغىزستان ئۆكتىچى پارتىيىسى "ئەركىنلىك" نىڭ رەئىسى توپچىبېك تۇرغۇنالىيېۋ ئەپەندى، قىرغىزستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ كۆز قارىشى بىلەن ئاقايېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىنەزەرلىرىدە بىردەكلىك يوقلىقىنى، قىرغىز ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(ئۈمىدۋار)