خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دادﯤ تەرەققىيات شىركىتى بىلەن بۇ شىركەتنىڭ قىرغىزىستان بىلەن ئاچقان داتاڭ چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە قىرغىزىستان پايتەختى بېشكېكتە " داتاڭ خىتاي ماللىرىنى تارقىتىش مەركىزى" نى قۇرغان بولۇپ، بۇ سودا مەركەز -10 ئايدا رەسمىي خىزمەت باشلايدىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن "داتاڭ خىتاي ماللىرىنى تارقىتىش مەركىزى" -18 ئاۋغۇست كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان. ھەمدە يىغىنغا خىتاينىڭ ۋېنجۇ، جىياڭسۇ، گۇاڭجۇ، جېجىياڭ ۋە فۇجىيەندىكى سودا جەمئىيەتلىرى ھەمدە ئۈرۈمچى قۇرۇلۇش بانكىسى بىرلەشمىسى قاتارلىق جايلارنىڭ ئالاقىدار سودا، تىجارەت ۋەكىللىرى قاتناشقان.
خەۋەردە مەلۇم بولىشىچە، مەزكۇر سودا مەركىزى خەلقئارا ئۆي جاھازىلىرى شەھەرچىسى، ئېلېكتر-ئۇچۇر سايمانلىرى شەھەرچىسى، خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى، خەلقئارا قۇرۇلۇش ئەشيالىرى شەھەرچىسى قاتارلىق چوڭ بۆلۈملەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ يەردە خىتاي ماللىرى توپ ياكى پارچە سېتىلىدىكەن. خىتاي دائىرلىرى بۇ سودا مەركىزىنىڭ، خىتاي ماللىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ھەتتا خەلقئارا بازارغا يۈزلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا ئاچقان سودا مەركىزى بۇ يەردە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى روزى مەمەت ئابدۇلباقى، خىتاينىڭ بېشكەكتە قۇرغان بۇ سودا مەركىزىنىڭ بۇ يەردىكى بازارنى مونوپول قىلىۋېلىپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(پەرىدە)