كىشىلىك ھوقۇققا ھۈرمەت قىلىشنى ھەر بىر ئادەم ئۆز -ئۆزىنى مۇستەقىل قىلىشتىن باشلىشى كېرەك
2005.12.02
دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان ھوقۇق خىتابنامىسى 1789 - يىلى جاكارلانغاندىن كېيىن، ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن دۆلەتلەردە ھەر بىر ئادەم ئۆز غۇرۇرى بىلەن ياشايدىغان بولدى. ئەمما يەنە بەزى دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ مۇستەبىت تۈزۈم داۋاملىشىۋاتقان خىتايدەك دۆلەتلەردە خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى يەنىلا خارلانماقتا. قانداق قىلغاندا كىشىلىك ھوقۇققا ھۈرمەت قىلىش ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ بۇ ئۇزۇندىن بۇيان مۇلاھىزە قىلىنىۋاتقان تېما.
يېقىندا "يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى" دا خىتاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان مۇلاھىزىلەردە "كوممۇنىست پارتىيە خەلققە ھوقۇق بېرىدىغان پارتىيە ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇققا ھۈرمەت قىلىشنى كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۈمىد باغلىغىلى بولامدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئادەم كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىدىن باشلاش كېرەك. ھەر بىر ئادەم ئالدى بىلەن ئۆز-ئۆزىنى مۇستەقىل قىلىشى كېرەك" دەپ تەھلىل قىلىنغان.
خىتاينىڭ ئەنئەنىسى
"يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى" نىڭ 11 - ئاينىڭ 30 -كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان شىخۇئا ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزىسىدە ، خىتايدا تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دۆلەت بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا خۇاشا قوۋمى دېگەن رىۋايەتلەردىن باشلاپلا "دۆلەت" ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇلغان. بۇ كۆز قاراش بويىچە ئاسماننىڭ ئاستىدا "دۆلەت" بارلىقى، "دۆلەت" ئاستىدا خەلق بارلىقى، دۆلەت ھەممىدىن ئەلا، مۇقەددەس، ئاتا - ئانىدىنمۇ، قوۋم - جەمەتتىنمۇ ، ئەجداد-بۇزرۇكلاردىنمۇ يۇقىرى تۇرىدىغانلىقى، دۆلەتنىڭ ئالدىدا شەخسىيلەرنىڭ ھېچنېمە ئەمەسلىكى، شەخسىيلەر دۆلەتكە تىكىلىپ قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلماسلىقى سۆزلىنىپ كەلمەكتە. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش دېگەن ئۇقۇم يوق.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، خىتايدا كۆپلىكىدىن نامىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان ھەرخىل "دۆلەت" بولۇپ ئۆتكەن ، خەلق مەيلى قايسى دۆلەت بولسۇن، ئۇنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشكە مەجبۇرلانغان. خەلقنىڭ بەختكە ئېرىشىشى ياكى ئازاب -ئوقۇبەتكە قېلىشى دۆلەتنىڭ ئىلتىپاتى دەپ قاراشقا مەجبۇرلانغان. گەرچە ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى دۆلەت "يېڭى جۇڭگو" دەپ ئاتالسىمۇ، خەلق يەنىلا "دۆلەت بولمىسا، مىنىڭ ھېچنېمەم بولمايتتى" دەپ سۆزلەشكە مەجبۇر.
مۇلاھىزە بايان قىلىنىشىچە، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدا جاكارلانغان "كىشىلىك ھوقۇق ھەر - بىر ئادەم تۇغۇلغاندىلا تەڭرى ئاتا قىلغان مۇقەددەس ھوقۇق"، "خۇسۇسىي مۈلۈك ھېچكىم دەخل-تەرز قىلىشقا بولمايدىغان مۇقەددەس مۈلۈك " دېگەن ئۆلچەمگە سېلىشتۇرغاندا، خىتايدا ھازىر داۋاملىشىۋاتقان دۆلەت ۋە شەخس توغرىسىدىكى كۆز قاراش يەنىلا بىر غەلىتە ئۇقۇم.
ئامېرىكا، كانادادەك دۆلەتلەردە ھەر بىر ئادەم "ئەگەر مەن ئىشلەپ پۇل تېپىپ باج تاپشۇرمىسام، دۆلەت قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ" دەيدۇ. دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزىنى سايلىغان خەلقتىن ئەيمىنىدۇ. ئەمما خىتايدا بولسا دۆلەت رەئىسىنى خەلق سايلىمايدۇ، ئۇلار ھەتتا خەلقنىڭ ياشاش - ياكى ياشىماسلىقنى بەلگىلەيدىغان خۇدا بولۇۋالغان. خىتايدا خەلقنىڭ ئامېرىكىلىقلاردەك ئەركىن سۆزلىشى مۇمكىن ئەمەس. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا دۆلەت ياكى كوممۇنىست پارتىيە خەلقنى "بېقىۋاتىدۇ" دەيدىغان غەلىتە ئۇقۇم ھۆكۈم سۈرمەكتە.
تەڭرى ئاتا قىلغان كىشىلىك ھوقۇقىنى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تارتىۋالغان
"يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى" دا ئېلان قىلىنغان بۇ مۇلاھىزىدە ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ غورۇرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان خىتايدەك بۇنداق دۆلەتتە، ھەر بىر دۆلەت پۇقراسى قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك دېگەن مەسىلە ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ھەر بىر ئادەمنىڭ تەڭرى ئاتا قىلغان كىشىلىك ھوقۇقىنى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تارتىۋالغان، ئۇنى ھەرگىز قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. شۇڭلاشقا ھەربىر ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى- ئۆزى مۇستەقىل قىلىشى، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنى بىردىن ‘مۇستەقىل دۆلەت’ دەپ جاكارلىشى كېرەك، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى، كىشىلىك ھۆرمىتىنى ئالدى بىلەن ئۆزى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۆزىنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى، نەشر قىلىش ھوقۇقىنى باشقا بىر كىمدىن تەلەپ قىلماي، بەلكى ئۆز-ئۆزىگە بېرىشى كېرەك. خۇددى ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشاش "دۆلەتنى مەن باقتىم، دۆلەت ماڭا مەن دېگەن ئىشنى قىلىپ بېرىشى لازىم" دېيەلىشى كېرەك، دۆلەتنى ئۆزىگە ھۈرمەت قىلدۇرۇشى كېرەك.
مۇلاھىزىدە يەنە ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئۆزى جاكارلىغان، ئۆزىنىڭ ئىپتىخارىنى ئۆزى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئۆزى ئەسلىگە كەلتۈرگەن باشقا ھەر بىر ئادەم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىمۇ توختالغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئۆزىنىڭ ئىپتىخارىنى ئۆزى تىكلىگەن ئادەم ئۆزىدىن باشقا كىشىنىڭ ئىپتىخارىنى ھۆرمەتلەشنى بىلىدۇ. ھەر- بىر مۇستەقىل ئادەم باشقىلارنى ئۆزىگە ئوخشاش كۆرىدىغان، ئۆزى ئۈچۈن ھەققانىيەت داۋاسى قىلغاندا، باشقىلار ئۈچۈنمۇ ھەققانىيەت كېرەكلىكىنى ئويلايدۇ. كوممۇنىستلاردەك باشقىلارنى بوزەك قىلىش، دەپسەندە قىلىش، خارلاش بەدىلىگە ياشىمايدۇ. خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى مۇستەبىت پارتىيىدىن، مۇستەبىت ھۆكۈمەتتىن "ئىلتىپات" تەلەپ قىلماي، ھەر بىر ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىگە مۇستەقىللىق جاكارلاشتىن ئىبارەت. (ۋەلى)