خىتايدا ھۆكۈمەت چەكلىگەنلىكى كىتابنى خەلق تېپىپ ئوقۇماي قالمايدۇ

ب ب س يېقىندا "خىتايدا كىتاب چەكلەشنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولىۋاتىدۇ؟" سەرلەۋھىلىك بىر ئوبزور ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇچۇرلىشىش پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتايدا يەنىلا كىتاب چەكلەش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى "قېلىپلاشتۇرۇش" قا ئۇرۇنىدىغان بۇنداق ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان. ھازىر ئىنتېرنېتتە تورداشلارمۇ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلىۋاتىدۇ.

"خىتايدا كىتاب چەكلەشنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولىۋاتىدۇ؟" ناملىق ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر چەتئەللەردە ياشاۋاتقان خىتاي مۇھاجىرلىرى خىتايغا تۇغقان يوقلىغىلى بارسا، سوۋغا - سالام ئۈچۈن خىتايدا چەكلەنگەن كىتابلارنى ئېلىپ بېرىش ئادەتكە ئايلاندى.

"خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش"

مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا، يەن ليەنكې ئەپەندى يازغان "خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش" ناملىق 900 مىڭ خەتلىك بىر پوۋېست "ئاسىيا ھەپتىلىك گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇنى گۇئاڭجۇدىكى "گۈلزارلىق شەھەر" ژورنىلى 500 مىڭ خەتلىك قىلىپ قىسقارتىپ كۆچۈرۈپ باسقاندىن كېيىن، ئاساسىي قۇرۇلمىسىدىكى مەنىلىك ئىبارىلار قىسقارتىلىپ ئاللىقاچان باشقا بىر پوۋېستقا ئوخشىتىپ قويۇلغان. بۇ ئەسەرنى كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات مىنىستىرلىقى "تارقىتىشقا، كۆچۈرۈپ ياكى قىسقارتىپ بېسىشقا، باھا ئېلان قىلىشقا، خەۋەر قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ" دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ چەكلىگەن ۋە بېسىپ تارقىتىلىپ بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋېلىشنى تاپشۇرغان.

"خىتايدا كىتاب چەكلەشنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولىۋاتىدۇ؟" ناملىق ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، "خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش" دېگەن پوۋېستتا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى مەلۇم قىسىمنىڭ دېۋىزىيە باشلىقىنىڭ ياش خانىمى ئۆيىدە مەخسۇس تاماق تەييارلايدىغان بىر خىزمەتچى ئوفىتسېر بىلەن "خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى" دېگەن ئالىي يوليورۇق يېزىلغان ۋېۋىسكا ئاستىدا كۆڭلىنى خوش قىلىشتىن باشلانغان مۇھەببەت ۋە ئۇنىڭ رېئال مۇھىتى ناھايىتى تەپسىلىي ھېكايە قىلىنغان. بۇ ھېكايىنىڭ بىردىنبىر گۇۋاھچىسى "خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىلايلى" دېگەن ۋېۋىسكا. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى بۇ پوۋېستنىڭ ئاپتورىنى "ماۋجۇشىنى، ئازادلىق ئارمىيىنى، ئىنقىلابنى ھاقارەتلىگەن" دەپ ھۆكۈم چىقارغان. "خىتايدا كىتاب چەكلەشنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولىۋاتىدۇ؟" ناملىق ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتايدا قىسقارتىپ كۆچۈرۈپ بېسىلغان "ئۆتكەن ئىشلار"، "ئەڭ ئاخىرقى ئاق سۆڭەك" دېگەن كىتابلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئىدى. ئەمدى يەنە "خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش" ناملىق بۇ پوۋېستمۇ چەكلەندى. دۇنيادا گېزىتلەردە ياكى ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىنىۋاتقان بۇنداق ئەسەرلەر ناھايىتى كۆپ. ھېكايىلاردا تەسۋىرلەنگەنگە قارىغاندا، رېئال تۇرمۇش بەلكى تېخىمۇ تەپسىلىي ۋە تېخىمۇ چېكىدىن ئاشقان بولۇشى تەبىئىي. ئەمما يازغۇچى پەقەت ئۆزىنىڭ بىلەلىگەنلىرىنىلا يېزىپ چىقالايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق بىر ھېكايىنى "چېكىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلىك" دەپ باھالىغىنىغا قارىغاندا، ئۇنى "ئىنقىلابقا قارشى تۇرغانلىق" دەپ باھا بەرگەنلىكىنىڭ ئۆزى تېخىمۇ چېكىدىن ئاشقانلىق بولمامدۇ؟

قايسى كىتاب چەكلەنسە، شۇ كىتاب شۇنچە كۆپ تارقىلىدۇ

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كىتاب چەكلەش مەسىلىسى بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇنازىرىلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئەنخۇيدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا " خىتايدا قايسىبىر ئۆلكىدە ئۆلكە باشلىقى، نازىر، شەھەر باشلىقى ياكى ھاكىم دېگەن "ئىنقىلابچىلار" نىڭ ئۆيىدە "خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش" دېگەن نام ئاستىدا ئالاھىدە تاللاپ ئېلىنغان سەتەڭ ئۆي خىزمەتچىسى يوقلىرى بارمۇ؟ ماۋ زېدوڭنىڭ دوختورى يازغان كىتابنىڭ، ئۇ گەرچە خىتايدا نەشر قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەقەللىي مەزمۇنى بىلەن تونۇشۇپ بولغان ئادەم ئازمۇ؟ خىتايدا قەدىمدىن تارتىپ قايسى كىتاب چەكلەنسە، شۇ كىتاب شۇنچە كۆپ تارقىلىپ، تونۇلۇپ كېلىۋامامدۇ؟" دەپ بايان قىلىنغان.

نيو-يوركتىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا "خىتايدا چەكلەنگەنلىكى كىتابنىڭ ھەممىسى راست ئەھۋالنى بايان قىلغان كىتاب. ئەگەر ئۇنى چەكلىمىگەن بولسا، شۇنداق بىر ياخشى كىتاب بارلىقىدىن خەۋەر تاپقىلى بولمايتتى. بۇ قېتىم چەكلىگەن كىتابنىمۇ ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇدۇم" دەپ بايان قىلىنغان. چوڭ قورۇقلۇقتىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا "چىن شىخۇئاڭ كىتاب كۆيدۈرۈپ، زىيالىيلارنى تىرىك كۆمگەن بولسا، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مانجۇ ھۆكۈمرانلىرى تارىخچىلارنى توپلاپ نەزەربەنتكە ئېلىپ، مەجبۇرلاپ تارىخ يازغۇزغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ۋە ھازىرقى مۇقىملىقنى ساقلاش دەپ ئاتىلىدىغان دەۋردىمۇ، ھۆكۈمەت ئۆزىگە پايدىلىق بولمىغانلىكى گەپ - سۆزلەرنى چەكلىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش مۇستەبىتلىك، چىرىكلىك. كىم ئەركىن سۆزلىسە ئۇنى باستۇرۇشنىڭ مەقسىتى خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش. كوممۇنىستىك پارتىيە تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ كىتاب چەكلەشتىكى مەقسىتى خەلقنىڭ ئىدىيىسىنى چەكلەشتىن ئىبارەت" دەپ بايان قىلىنغان. (ۋەلى)