خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولغان 9 - بەش يىللىق پىلانى جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ھەم تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەخسۇس خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 2000 دىن 2500 گىچە كادىرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە يۆتكەپ ئىشلىتىشنى قارار قىلغان بولۇپ، مەزكۇر پىلان بويىچە يېقىن ئارىدا جېجياڭ جياڭشى، شەندۇڭ، جياڭسۇ، شاڭخەي قاتارلىق 8 ئۆلكە ھەم شەھەردىن تۆتىنچى تۈركۈم خىتاي كادىرلار كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
1997 - يىلى 2 - ئايدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە دەسلەپتە ئىككى يۈزدىن ئارتۇق خىتاي كادىر كەلگەن ئىدى، ھازىرغا قەدەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە مۇشۇ خىل پىلان بويىچە مەخسۇس ئەۋەتكەن خىتاي كادىرلىرىنىڭ سانى 1700گە يەتكەن.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كادىرلىرىنى "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشقۇچىلار" دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقى ئۇلارغا "بۇ خىتاي كادىرلار دەل ئۇيغۇر ئېلىگە مۇقىمسىزلىق ئۇرۇقىنى چاچقۇچىلار ھەمدە بايلىق بۇلىغۇچىلار" دەپ باھا بەرمەكتە.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان مەخسۇس پروگراممىدىن ئاڭلاڭ.