كىم كىمنىڭ دۈشمىنى؟
2007.04.18
خىتايدا ئىشسىزلىق ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىۋاتقان ، خىتاي دېھقان ئىشچىلارنىڭ شەھەرلەرگە ئېقىپ سالمىقى بارغانچە كۆتۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى قوللىنىپ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ ماڭماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى نارازىلىق ئىنكاسلىرىدىن مەلۇمكى، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەجبۇرلاش ۋاستىلىرىنىمۇ قوللانغان شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن. يېقىندا قەشقەر پارتكوم سېكرىتارىنىڭ " ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىگە توسقۇنلۇق قىلغانلار قەشقەرنىڭ دۈشمىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنى " دەپ كۆرسىتىشى مەزكۇر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنىڭ مەقسىتىگە بولغان گۇمانلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە.
دۈشمەن؟
"يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش" پۈتۈن رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلىمىلىك قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىر، كىم ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ سىرتلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلسا ،شۇ قەشقەرنىڭ دۈشمىنى ، شۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۈشمىنى ...." بۇ بايانلار ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى شى داگاڭنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۈچ خىل كادىرلار يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرى.
بىز شى داگاڭنىڭ بۇ جىددىي تۈستە ئېيتىلغان بايانلىرىنىڭ كىمگە قارىتىلغانلىقى ھەمدە بۇنىڭ يەشمىسى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلىش مەقسىتىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇلار زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.
ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا مەلۇم بولغاندەك ، يېقىندىن بۇيان ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان توي قىلمىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىمەكتە .
قەشقەر دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، -2006 يىلى ئۆزىدىلا قەشقەرنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، يېزىلىرىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن يېزا ئەمگەك كۈچلىرى 560 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. دائىرىلەر بۇ يىل يەنە بۇ ساننى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇر دېھقانلاردىن ئىگىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر مەزكۇر سىياسەتنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا ھەتتا دېھقانلارنىڭ قىزلىرىنى خىتايغا ئەۋەتىشكە مەجبۇرلىغانىكەن. ھەمدە خىتايدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەمچىلىككە ئېلىنغان قىزلار ھەر جەھەتتىن بېسىملارغا ئۇچرىغان. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىمۇ نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر داۋاملاشماقتا.
شۇ سەۋەبتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " ئۇيغۇر ئېلى دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش" سىياسىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغاندىن سىرت، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ھەمدە ئۇلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ھەق - ھوقۇق مەسىلىلىرىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان ئىدى .
مەزكۇر مەسىلە نۆۋەتتە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپلا قالماي ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق مەسىلىسى، نوپۇس يۆتكەش، ئاسسىمىلياتسىيە ھەمدە ئاياللار- بالىلار مەسىلىسىگە ئوخشاش كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا. مەزكۇر مەسىلە بارغانچە ئېتىبارغا ئېلىنىۋاتقان ھەم كېڭىيىۋاتقان پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرىمۇ بارغانچە دېھقانلارنىڭ قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىش ئۈچۈن قاتتىق ھەم يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى قوللانماقتا ، يەنى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەھكىمە تور بەتلىرىدە بېرىلگەن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ھەم مەلۇماتلاردىن ئاشكارىكى، يەرلىك دائىرىلەر بىر تەرەپتىن پەرزەنتىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتكەن دېھقانلارنىڭ ھاشاسىنى بىكار قىلىمىز، ئىشلەمچىلىككە بارغان ياشلارنى شەھەر نوپۇسى قىلىمىز دېگەندەك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قوللىنىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىمكى بۇ دېھقانلارنى سىرتلارغا يۆتكەشكە توسقۇنلۇق قىلسا ئۇ قەشقەرنىڭ ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنى دېگەندەك سۆزلەر بىلەن، بۇنىڭ قارشى پىكىردە بولۇشقا يول قويۇلمايدىغان ھۆكۈمەت سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
تەھدىدتىن مەقسەت ئاشكارا
بۇنىڭغا قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى ،خەلقئارادا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
مەزكۇر مەسىلە ئۇيغۇرلاردىلا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپلا قالماي، چەتئەلدىكى دېموكراتىك خىتاي ئەربابلىرىدىمۇ ئەجەبلىنىش پەيدا قىلغان بولۇپ ،نىيۇروكتىكى بېيجىڭ باھارى جۇرنىلى مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق ھالدا ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يۆتكەۋاتقانلىقىنىڭ ھەقىقەتەن گۇمانلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.
بۇ مەسىلە ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. چەتئەل مۇخبىرلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەتنى قوللىنىشىدىكى ھەقىقىي مەقسىتىنى ئېنىقلىشى كېرەك. بىر نۇقتىغا بەكرەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى ،خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشى ھەممىسى ئۆز ئارزۇسى بىلەن بولماقتا . ھۆكۈمەت ئۇلارنى سىياسەت چىقىرىپ تەشكىللىمەيدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ھۆكۈمەت ئۆزى مەسئۇل بولۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزىلا كىشىدە بۇنىڭ بىر ئاددى ئىقتىسادىي تەدبىر ئىكەنلىكىگە گۇمان پەيدا قىلىدۇ ، يەنى بۇنىڭدا سىياسىي بىر مۇددىئا بولمىسا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنچە كۈچ ئاجرىتىپ كەتمىگەن بولاتتى. لېكىن، بۇ ئىشقا توسقۇنلۇق قىلغانلار دۈشمەن دەپ تەكىتلەش ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپ تەرەپكە ئېلىپ ماڭماقتا. خىتايدا سىياسەتكە كىم توسقۇنلۇق قىلالايدۇ. توسقۇنلۇق كۈچى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىدىلا مەۋجۇت. يەنى بۇ ئىشتا مەسئۇلىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدىن سوراش كېرەك .
بۇ مەسىلىدە ئەگەر خىتاينىڭ مەقسىدى ئېنىق، ماڭغان يولى خەلقنى ئويلىغان توغرا يول بولسا نېمە ئۈچۈن چەتئەل ياكى ئىچىدىكىلەرنىڭ مەزكۈر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ياكى بۇنىڭ ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشىغا بۇنچە سەزگۈرلۈك قىلىدۇ؟ خىتاينىڭ ھەممە يېرىدە ئاققۇن ئىشچىلار بارغۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنچە سەزگۈرلۈك ئىپادىلەيدۇ ؟ دېمەك خىتاينىڭ دەل مۇشۇنداق ئىپادىلىرىنىڭ ئۆزىلا ھەر تەرەپتىن گۇمان قوزغايدىغان بىر مەسىلە." (گۈلچەھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مانجۇ تىلى ئۆز يۇرتلىرىدا يوقىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر يۇرتلرىدا تەرەققى قىلىۋاتىدۇ
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار - ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەقدىرى (2)
- ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىدا مائارىپنىڭ خىتايچىلىشىشىغا ئەگىشىپ شەكىلۋازلىق ھالەتلىرى پەيدا بولماقتا
- خىتاي ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىش - خىتاينىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى خىتايچە ئوقۇتىدىغان تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتمەكتە
- پىچان ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر قىزلار خىتاي ئۆلكىسىدە قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ ؟
- ئۇيغۇرلار ھەرگىز ئۆزىنى "خىتاي" دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ
- خىتاي ئۇيغۇرلاردىن "ئۈچكە ئېتىبار بېرىش" نى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى مارالبېشىدىكى توي قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى كوللىكتىپ توي قىلىشقا مەجبۇرلىدى
- ئىنتېرنېتتە ھازىر "خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتامدۇ ياكى ئۆز -ئارا بىرلىشىۋاتامدۇ؟" دېگەن تېمىدا ئەركىن مۇنازىرە باشلاندى (2)