كوممۇنىستلار راستىنلا "تىز پۈكمەيدىغان" كىشىلەرمۇ؟


2004.08.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ماۋزېدوڭ ۋە دېڭ شاۋپىڭلارنىڭ نەزىرىيىسى بۇيىچە بولغاندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىدىن قايسى بىرى بىر ئىشتا باشقىلارغا "تىز پۈككەن" بولسا، بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلىغان باشقا پارتىيە ئەزالىرى چۇقۇم ئۇنىڭدىن ھەيران قېلىشى ۋە ئۇنىڭغا لەنەت ياغدۇرۇشى لازىم ئىدى. ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس، خىيانەتچى كوممۇىستلار ھازىر ئامالسىز قالغاندا "تىز" پۈكىۋاتىدۇ؟ ــــ دەپ بايان قىلىنىدۇ ئىلىكتىرونلۇق ئەركىن مەتبەئەدە ياڭ لىلى ئېلان قىلغان "كوممۇنىستلار راستىنلا "تىز پۈكمەيدىغان" كىشىلەرمۇ؟" دېگەن ئوبزوردا، ـــــ بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، مۇنداق ئىككى خىل ئادەم كوممۇنستلارنى "ھەرگىز تىز پۈكمەيدىغان ئادەم" دەپ قارايدۇ: ئۇنىڭ بىرى، ئەنئەنىۋىي كوممۇنىستلار. بۇنداق ئەنئەنىۋىي كوممۇنىستلارنىڭ نەزىرىدە، "كوممۇنىست پارتىيە ئەزاسى" دېگەن خۇددى لى يۈخې، ياڭ زىروڭلاردەك كۆزى چەكچەيگەن، قۇيۇق قاشلىق قاپىقى تۈرۈلگەن، گوجەنھۇاڭدەك بوي - تۇرقى ھەيۋەتلىك، جاڭ ھەدەدەك ئاتىسى يوق، ئانىسى يوق، ئۇرۇق - تۇققىنىمۇ يوق كىشىلەر. بۇنداق ئوبرازلارنىڭ ھەممىسى ھەر ۋاقىت ئۈزىنى قۇربان بىرىشكە تەييار تۇرىدىغان، باش كېسىلىشكە قىلچە پىسەنت قىلمايدىغان ئوبرازلار. ئۇلار "تىز پۈكۈش" دېگەننى ئەسلا بىلمەيدۇ. "تىز پۈكۈش" دېگەن پەقەت ۋاڭ لەنجۈ، پۇجىژگاۋلاردەك ئوبرازلارنىڭ ئىشى. ئەنئەنىۋېي كوممۇنىستلار بۇنداق "باتۇر"لارنىڭ ئوبرازىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي مەدىھىيەلەيدۇ. ئەمما، ئەمىلىيەتتە پارتىيە بۇنداق "باتۇر" بولىدىغان ئادەملەرنى ئۆز ئىچىدىن ئاسانلىقچە ئىزدەپ تاپالمايدۇ.

"كوممۇىستلار تىز پۈكمەيدۇ"دەپ قارايدىغان ئىككىنچى خىل كىشىلەر بولسا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە دوگما ھالدا ئەگەشىدىغانلار. بۇنداق دوگما كوممۇنىستلار ئۆزلىرى "باتۇر" لارنى ياقلايدىغانلىقىنى جاكالايدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى "باتۇر" بولمايدۇ. چىڭ سۇلالىسىنىڭ خانىشى سىشىتەيخۇ ئۈزى تاغقا بىكىنىۋېلىپ تۇرۇپ "بىزگە ئوق - نەيزە ئۆتمەيدۇ" دەپ پۈتۈن دۇنياغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى، ئويلاپ بېقىڭ، ئۇ "باتۇر" مىكەن؟ ئەمىلىيەتتە نىمە بولدى؟ ئۇنىڭ ئوق - نەيزە ئۆتمەيدۇ دېگەن باتۇرلىرى ھېچنىمىگە كېرەككە كەلمىدى. جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يېڭى قۇرۇلۇپ تېخى ئۈزىگە يېتەرلىك ماددى ئاساس توپلىماي تۇرۇپلا، ماۋزېدوڭ "باتۇر" لۇق قىلىپ خوشنىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلغان شىمالى كورىيەگە ياردەم بىرىمىز دەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قوزغىدى. نەتىجىدە مىليۇنلىغان ئەمگەكچى ئۇرۇشتا ئۆلدى، كۆپۈنچىسى قىش پەسلىدە ئاچ- يالاڭغاچ قېلىپ توڭلاپ ئۆلدى. ئويلاپ بېقىڭ ئۇ "باتۇر" مىكەن؟ ئۇنىڭدىن كېيىن ماۋزېدوڭ يەنە داۋاملىق تۈردە "ئامېرىكا جاھانگىرلىكى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى يۇقۇتىمىز" دەپ باتۇرلۇق قىلىپ، ھەتتا خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ قوسىقى تويمايدىغان يىللاردىمۇ، ۋېتنامغا يارەم بىرىمىز دەپ ئۇرۇش قىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن، كامبودىياغا يەنە شۇنداق ياردەم بەردى. ئومۇمەن، ئامېرىكا نەگە بارسا شۇيەرگە بېرىپ ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش قىلدى. ئاخىر كىلىپ خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى شۇ ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن تەرەققى قىلدۇرىدىغان سىياسەت قوللۇنۇشقا مەجبۇت بولدى.

ئويلاپ بېقىڭ ئۇ "باتۇر"مىكەن؟ دېڭ شاۋپىڭ "بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم" دەپ جاكالاپ خوڭكوڭنى قايتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، خوڭكوڭلۇقلار كوممۇنىستلارنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىگە قارشى نامايىش قىلدى. ھازىر تەيۋەنمۇ بۇنداق يالغان تۈزۈمنى رەت قىلىۋىدى، جاڭ زېمىن "چوڭ قۇرۇغلۇقتىكى1 مىليارت 3 يۈز مىليۇن خەلقنىڭ ئىرادىسى "يىمىرىلمەس ئىرادە" دەپ 3 كە ۋەكىل" لىك قىلىپ تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشقا باشلىدى. بۇلارمۇ "باتۇر" مىكەن؟ خىتايدا قايسى بىر كوممۇنىست ئۆزىنى "خەلقنىڭ ۋەكىلى"دەپ جاكالاپ، خەلقنىڭ ھاياتىنى شۇنداق ئۆلۈمگە باشلاۋېرەمدىكەن؟ خەلقنىڭ جېنى شۇنداق ئەتىۋارى يوق جانمىكەن؟

باشقا كىشىلەرنى جېنىنى قۇربان قىلىپ ئالىدىغان مەنپەئەتلىرىنى پاتىيىگە قالدۇرۇپ كېتىشكىلا دالالەت قىلىدىغان، ئەمما ئۆزى مەنپەئەتىدىن قىلچە ۋاز كەچمەيدىغان، خەلققە قۇللۇق تەربىيىسىنىلا ئېلىپ بارىدىغان، ھېلىنى ئەقىل، ئالدامچىلىقنى قابىلىيەت دەپ قارايدىغان بۇنداق كوممۇنىستلارنى "باتۇر" دېگىلى بولمايدۇ. ئۇلار ئەمىلىيەتتە مۇستەبىتلەر، خىيانەتچىلەر، يالغانچىلار. ـــــ دەپ داۋاملىق بايان قىلىدۇ ياڭ لىلى ئوبزورىدا، ــــــ ئۇلار زادىلا "تىز پۈكمەيدىغانلارمۇ؟ ھازىر ئەركىن مەتبەئەلەر بۇنداق خىيانەتچى- چىرىك "باتۇر" لارنى پاش قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئامالسىز قالغاندا تىز پۈكىۋاتىدۇغۇ! خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ دوستى سادام ھۈسەييىنمۇ شۇنداق باتۇرلاردىن ئىدى. ئۇ ئىراق خەلقىنى قەتئى تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىشقا چاقىرىپ قۇيۇپ، ئۆزى چاشقانچىلاپ يۇشۇرۇنىۋالغان ئۆرەكتىن تۇتۇلدىغۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.