كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى قاچان گۇمران بولىدۇ (1)

2001 - يىلى 9 - ئايدا ئامرىكىلىق ئادۋىكات جاڭ جاتۈن ئەپەندىنىڭ" كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى گۇمران بولۇش يولىدا" ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بۇ كىتاپتا "خىتاي 10 يىل ئىچىدە گۇمران بولىدۇ" دېگەن پەرەز ئوتۇرىغا قۇيۇلغانېدى. جاڭ جاتۈن ئەپەندى نىمىگە ئاساسەن بۇ پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان؟ يېقىندا "ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى"نىڭ مۇخبىرى جاڭ جاتۈن ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان.

جاڭ جاتۈن ئەپەندى "كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى گۇمران بولۇش يولىدا" دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققۇچە، خوڭكوڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردە 20 نەچچە يىل ياشىغان. شۇ جەرياندا ئۇ چوڭ قۇرۇغلۇق شىركەتلىرى بىلەن چەتئەل سودىگەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇئامىلىلەر بۇيىچە ئادۋىكاتلىق قىلغان. ئۇ 2001 - يىلى 9 - ئايدا نەشىر قىلدۇرغان "كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى گۇمران بولۇش يولىدا" ناملىق كىتابىدا "خىتاي خەلقى تارىختىن بويان غەزەپكە كەلگەنلىكى ئۈچۈن قوزغىلاڭ كۆتۈرمىگەن، ئەمىلىيەتتە ئۇلار بىر نەچچە مىڭ يىلدىن بويان غەزەپلىنىپلا تۇرىۋاتىدۇ. پاكىتلارغا قاراپ باقىدىغان بولساق، خىتاي خەلقى پەقەت جەمىيەت پەيدىن پەي ئۇچۇق - ئاشكارا بولۇشقا يۈزلەنگەن بىر زامان كەلگەندە، قوزغىلاڭنىڭ ئاقىبىتىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولغاندا، ئاندىن قوزغىلاڭ كۈتۈرگەن" دېگەن بىر يېڭى كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، شۇنداقلا ئۇ كىتابىدا يەنە "خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 10 يىل ئىچىدە گۇمران بولىدۇ" دېگەن پەرەز ئوتتۇرىغا قويغان. يېقىندا "ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى"نىڭ مۇخبىرى جاڭ جاتۈن ئەپەندىنى مۇشۇ كۆز قاراشلارنىڭ نىمە ئاساسى بارلىغىنى بىلىش ئۈچۈن مەخسۇس زىيارەت قىلغان. زىيارەتتىكى سۇئال - جاۋاپلارنىڭ مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

چەتئەللەر ھەدەپ خىتايغا مەبلەغ سېلىۋاتسا، ئۇ قانداق گۇمران بولىدۇ؟

جاڭ جاتۈن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دېگەن: مەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 10 يىل ئىچىدە، ھازىردىن باشلاپ 2011 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتىكى مەلۇم بىر يىلدا چۇقۇم گۇمران بولىدۇ دەپ قارايمەن. ھازىر چەتئەل مەبلەغلىرىنىڭ خىتايغا ھەدەپ كىرىۋاتقانلىغى ۋاقىتلىق ئىقىتىسادىي ئۈنۈم ئۈچۈن بولىۋاتىدۇ. خىتايدا ئەرزان ئەمگەك كۇچى بار. خىتاي ئۈزى توراقلىق بولمىسمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسى جەھەتتە مەلۇم دەرىجىدە توراقلىقنى ساقلاۋاتىدۇ. چەتئەللىكلەر مەبلەغ سېلىۋاتقان گۇاڭدوڭ، فۇجەنلەرنىڭ دېڭىز ساھىللىرىدىكى جايلار مەبلەغ سالغۇچىلارغا ناھايىتى كۆپ دوستلۇق ئىپادىلەۋاتقان جايلار. ئۇ جايلاردا جەمىيەتمۇ تۇراقلىق. 1989 - يىلى چوڭ قورۇغلۇقتا پۈتۈن دۆلەت قاتتىق سىلكىنىش ئىچىدە قالغاندىمۇ، بۇ جايلارنىڭ چەتئەل مەبلەغلىرىنى جەلىپ قىلىشىغا تەسىرى چوڭ بولمىغان ئىدى. ئەمدى يەنە بىر قېتىم خىتايدا سىياسى توراقسىزلىق پەيدا بولسا، ئەمدى ئۇنىڭ خىتاينىڭ پۈتۈن ئىقتىسادىي سېستىمىسى، پۇل - مۇئامىلەسېستىمىسى ۋە بانكا سېستىمىسىغاقانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى چۇقۇم كۆزىمىزگە كۆرىنىدۇ. بۇ، چەتئەللەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. چەتئەللىلك مەبلەغ سالغۇچىلار خىتايدا ئەڭ گۈزەل مىھمانخانىلاردا، ئەڭ ياخشى شارائىتتا يېتىپ - قوپىدۇ، ئۇنىڭ سىرتىدىكى دۇنيانى، شاڭخەي، گۇاڭدوڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى ئاۋات - باياشاتلىقنىڭ كەينىدىكى قارڭغۇلۇقتا قالدۇرۇلغان يېزىلاردا قانداق غۇرۇبەتلىك بارلىغىنى ئۇلار كۆرمىگەن، ھېس قىلمىغان. لېكىن بۇ جەرياندا ئۇلار نۇرغۇن ئاچچىق ساۋاققا ئېگە بولدى. بىز 1996 - يىلى شاڭخەيگە كەلگەندە، ئايالىم "بۇ كوممۇنىست دۆلىتى ئەمەسكەنغۇ" دېگەنىدى. بىز شاڭخەينىڭ سىرتىدىكى جايلاردا، چەتئەل مەبلەغچىلىرى ئادەتتە كۆرەلمەيدىغان جايلاردا ساياھەت قىلغاندا، ئاندىن بىز ئۆزىمىزنى يەنە باشقا بىر دۆلەتتە تۇرغاندەك ھېس ھېس قىلدۇق. يۈز يىلدىن بويان دۇنياغا چېلىقمىغان پاكىتلار، يەنى ئاخىر خىتاينى چوڭ ئىسلات ئېلىش بېرىشقا مەجبۇرلايدىغان پاكىتلار دەل مۇشۇ جايلاردا، شەھەر لەردىكى ئاۋات - باياشاتلىق پەردىلىرى توسۇۋېلىپ ئۇنى دۇنياغا كۆرسەتمەيۋاتقان قاراڭغۇلۇقتا قالدۇرۇلغان جايلاردا كۆزىمىزگە كۆرۈندى. (ۋەلى) (داۋامى بار)