كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى قاچان گۇمران بولىدۇ (2)

2001 - يىلى 9 - ئايدا ئامرىكىلىق ئادۋىكات جاڭ جاتۈن ئەپەندىنىڭ "كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى گۇمران بولۇش يولىدا" ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بۇ كىتاپتا "خىتاي 10 يىل ئىچىدە گۇمران بولىدۇ" دېگەن پەرەز ئوتۇرىغا قۇيۇلغان. يېقىندا "ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى جاڭ جاتۈن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ نىمىگە ئاساسەن بۇ پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغانلىغىنى سورىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن چەكلەنگەن ۋاقىت 2011 - يىلى

خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىردى، بۇ تەشكىلات خىتاينىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىگەن. ـــــ دەيدۇ ئامرىكىلىق ئادۋىكات جاڭ جاتۈن ئەپەندى نىمە ئۈچۈن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇمران بولۇش ۋاقتى 2011 - يىلى دەپ قارىغانلىغىنىڭ ئاساسلىرىنى بايان قىلىپ،ـــــــــ ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىچە ئۆزىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلغىنى يوق. ھازىر كىشىلەر دۇنيا سودا تەشكىلاتى خىتاي ئۈچۈن بەلىگىلىگەن ۋاقىت جەدىۋېلى بىر خىل جانلىق جەدىۋەل دەپ قاراۋاتىدۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا بىر ئەمىلى جەدىۋەل. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە كارخانىلىرى خىتايدا بىرمۇنچە ئەگرى - توقايلىقلارنى بېشىدىن كۆچۈردى. ئۇلار بۇ ۋاقىت جەدىۋىلىنى ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇلار دۇنيا سودا تەشكىلاتى بەلگىلەپ بەرگەن مەنپەئەتلىرىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ. مەسىلەن، ۋاقىت جەدىلىدە چەتئەلنىڭ مەبلەغ سالغان بانكىلىرى 2007 - يىلىنىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپلا خىتاينىڭ يەرلىك بانكىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدىغان بولىدۇ، يەنى خىتايدا پۇخرالىق سالاھىتىگە ئېرىشىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ھازىر خىتاي قازىنىۋاتقان ئىقتىسادىي مۆجىزە پەقەت ساقلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ بەدىلىگە كىلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى بانكا سېستىمىسىنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويۇپ تۇرىۋاتىدۇ. بانكىلار بولسا مەسىلىلەرنى دۆلەت مالىيە تارماقلىرىغا ئىتتىرىپ قويىۋاتىدۇ. ۋاھالەنكى، خىتاي ئۆزىدىكى بىر - بىرىگە كىرىشىپ قاپلىشىپ قالغان ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى چۇقۇم 2007 - يىلى يېتىپ كەلگۈچە ھەل قىلىپ بولىشى كېرەك. بۇنى كېچىكتۈرۈشكە ئورۇن يوق. مەسىلىنى ھەل قىلىش كېچىكتۈرۈلگەنسىرى مەسىلە شۇنچە چوڭۇيىدۇ، مۇرەككەپلىشىدۇ. بۇنى ھەل قىلىدىغان لايىھە چىقمىغان كۈنى خىتايدا ئۈزۈل- كېسىل سىياسى ئىسلاھات باشلىنىدۇ، مانا بۇ خىتايدا كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تەختتىن چۈشىدىغان ۋاقتى.

خىتاي بانكىلىرى نىۇيورك پاي بازىرىغا كىرىش بىلەن ھۆكۈمەتنى قۇتۇلدۇرالامدۇ؟

ئادۋىكات جاڭ جاتۈن ئەپەندى خىتاي بانكىلىرىنىڭ ھازىر نىۇيورك پاي بازىرىغا ھەدەپ كىرىۋاتقانلىقى ۋە بۇنداق قىلىش خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھازىر يۈزلىنىۋاتقان قىيىنچىلىقىىدىن قۇتۇلدۇرالامدۇ، دېگەن مەسىلە توغرىسىدا كۆز قارىشىنى بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جەلىپ قىلىنغان چەتئەل مەبلەغلىرىنى ئۆزىنىڭ 4 چوڭ بانكا سېستىمىسىغا باشلاپ كىرىش ئارقىلىق ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كېچىكتۈردى. بۇنداقتا خىتايغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ كىرىش ئىھتىمالى بار ئىدى. ئەمما تېگى - تەكتىدىن ئەيتقاندا، چەتئەل مەبلەغلىرىنى ئۆزىنىڭ بانكا سېستىمىسىغا باشلاپ كىرىشنىڭ ئۆزىلا ھۆكۈمەت ئۈچۈن بىر مەسىلە . چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى "بانكا" دەپ ئاتاۋاتقان بانكىلار غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇقۇمىدىكى بانكا ئەمەس، گەرچە بىزمۇ ئۇنى "بانكا" دەپ ئاتىساقمۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇ پەقەت خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە پۇل سانايدىغان "نەخ پۇل كاسېسى" دىنلا ئىبارەت، ئەركىن بازار تەڭشەپ تۇرىدىغان گەۋدە ئەمەس. بۇنداق بانكىلاردا ھازىر ئىناۋەتلىك قەرىز مۇئامىلىسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر يەنىلا بۇرۇنقى پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدىكى بىلەن ئوخشاش. چەتئەل مەبلەغلىرى كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتتە مەلۇم ھۇقۇق بېرىش كېرەك بولغانلىقى ئۈچۈن ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بىر قىسم تارماقلىرىنى مەبلەغ سالغۇچىلارغا سېتىپ بېرىپ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىشنى كېچىكتۈردى. بۇنىڭ ئۈزىلا يەنە بىر مەسىلە ئىدى. ھازىر ھۆكۈمەت بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلار ئوتۇرىسىدا مۇرەككەپ ئىختىلاپ بار، تېگى - تەكتىدىن ئەيتقاندا، خىتايدا بانكا ھېساۋاتلىرىنىڭ 50% ئى ئىناۋەتلىك قەرىز مۇئامىلىسىدىكى بۇزۇق ھېساۋات. بەزىلەر بۇنى ماۋ زېدوڭ دەرىدىن قالغان دەپ چۈشەندۈرمەكچى بولىۋاتىدۇ، ئەمما ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ھازىرقى يەتتە يۈز مىليارت ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن پۇلغا ئالاقىدار بۇزۇق ھېساۋاتلار ئىسلاھات دەۋرىدە، كونكىرىت قىلىپ ئەيتقاندا 1990 - يىللاردا باشلاندى. ئىسلاھات يىللىرىدا ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ناچار شىركەتلەرنى بانكىلار قەرىز بېرىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇپ تۇردى. بۇنىڭدىن پەيدا بولغان بۇزۇق ھېساۋاتلار يېقىنقى 3 - 4 يىلدا ئىقتىساد تىز ئۆرلەشكە ئەگىشىپ بارغانسىرى يامانلاشتى. ھازىر خىتاي بانكىلىرى بۇ مەسىلىدىن ھەرگىزمۇ ئاتلاپ ئۆتۆپ كېتەلكمەيدۇ. دېلوڭ شىركىتى بىر خۇسۇسى شىركەت ئىدى، بۇ شىركەت ھازىرقى ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشقا باشلانغاندىن كېيىن گۇمران بولدى، ئۇنىڭ تەسىرى چوڭ بولدى. ئۇنىڭ گۇمران بولغان جەريانىدىن نۇرغۇن مەسىلە بايقالدىكى، گەرچە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەردە قەرىزنى تۆلىيەلمەيدىغان ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، بانكا سېستىمىسىنىڭ مەسىلىلىرى تېخىمۇ چوڭىيىدۇ. 2011 - يىلىغىچە، بۇنى ھەل قىلىدىغان لايىھە ئوتتۇرىغا چىقماي كىرزىس پەيدا بولسا، بۇنىڭ بىلەن سىياسى سېستىما گۇمران بولىدۇ. (ۋەلى) (داۋامى بار)