كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى قاچان گۇمران بولىدۇ (3)

2001 - يىلى 9 - ئايدا ئامرىكىلىق ئادۋىكات جاڭ جاتۈن ئەپەندىنىڭ ‘كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى گۇمران بولۇش يولىدا’ ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بۇ كىتاپتا ‘خىتاي 10 يىل ئىچىدە گۇمران بولىدۇ’ دېگەن پەرەز ئوتۇرىغا قۇيۇلغان. يېقىندا ‘ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى’نىڭ مۇخبىرى جاڭ جاتۈن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ نىمىگە ئاساسەن بۇ پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغانلىغىنى سورىغان.

خىتايدا سىياسى تۈزۈلمىنى تەدرىجى ئۆزگەرتىش گۇمران بولغاندىن ياخشى ئەمەسمۇ؟

مەن خىتاينىڭ گۇمران بولىشىنى ئۈمىت قىلمايمەن، پەقەت خىتاينىڭ ئېچىۋېتىلغان ئىقتىسادىي سېستىما بولىشىنى ئۈمىت قىلاتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇناسىپ سىياسى سېستىما بولىشى كېرەك، ئەلۋەتتە.------ دەيدۇ ئامرىكىلىق ئادۋېكات جاڭ جاتۈن ئەپەندى خىتايدا سىياسى تۈزۈلمە تەدرىجى ھالدا ئۆزگەرتىپ چىقىلسا، بۇ سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى “گۇمران” بولغاندىن ياخشى ئەمەسمۇ دېگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرىپ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلغاندا، ـــــ خىتايدا بىر ۋاقەنىڭ تۇغۇلۇش - تۇغۇلماسلىقى بىزنىڭ ئارزۇيىمىزغا باغلىق ئەمەس، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىركىمنىڭ ئارزۇيىغا بېقىپ ئىش قىلىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەس، ئۇ ھېچكىمنىڭ تەكلىبىنى قۇبۇل قىلمايدۇ، ھەتتا ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى ئويلىسىمۇ، ئۇلارنى قۇتقازغۇزمايدۇ. جەنۇبى كورىيە دۇنيا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى بەلگىلىگەن شەرتلەرگە كۆنگەن ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭدا كۆرۈلگەن 58 مىليارت ئامېرىكا دوللىرىلىق مەسىلە كېلىشىم بۇيىچە قۇتقۇزۇش دائىرىسىگە كىردى. دۇنيا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى ئارگېنتىنانىمۇ ناھايىتى تەستە قۇتقۇزىۋالدى. ئۇ، قۇتقۇزۇش دائىرىسى شۇنچىلىك بولغان دۆلەتلەرنى قۇتقۇزالىغان بىلەن، ئەگەر خىتايدا مەسىلە چىقسا، دۇنيا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى ئۇنى قۇتقۇزىشى ياكى قۇتقۇزالىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ دۆلەتلەر ماقۇل بولغان شەرتلەرگە خىتاي ھۆكۆمىتى ماقۇل بولمىغان، ئۇ ئۆزىدە مەسىلە ھەر قانچە ئېغىر بولسىمۇ ئۇنى سىياسى نوقتىدىن تۇرۇپ ئېتىراپ قىلمايدۇ. مانا بۇ، ئۇنى گۇمرانلىققا باشلايدىغان ئامىل.

خىتايدا يېقىندا يولغا قۇيىلىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش

تەدبىرى چەتئەللەرنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا تەسىر يەتكۈزدىمۇ؟

بۇ چەتئەللەرنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى نىمىگە مەبلەغ سالغانلىقى بىلەن مۇناسىبەتلىك. خىتايدا قۇرۇلۇش، قۇرۇلۇش، قۇرۇلۇشلا بولۇپ كەتكەن ئىدى، ھازىر يەلىك خەلق خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەقىيات ئاستىلاشقا باشلىغانلىقىنى ھېس قىلدى، بىزمۇ ھېس قىلىۋاتىمىز. بىز خىتاي بانكىلرىنىڭ مەسىلىلرىنى مۇشۇ قۇرۇلۇشلارئارقىلىق كۆرگەن. كىشىلەر ھازىر يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىتياتنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت تۇرمۇز باسسا، تۇرمۇز تۇتمايۋاتقانلىقىنى، بەلكى داۋاملىق تىز ئېشىۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلغان.ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئىستاتىستىكىسى يۈز بەرگەن ۋاقەنىڭ تەسۋىرى ئەمەس، ئىستاتىستىكىغا سىياسى ئارىلىشۋالغان. يۈز بەرگەن ۋاقەلەرنى بىز پەقەت ئۇنىڭ جەمىيەتتىكى ئىپادىسدىنلا كۆرىۋاتىمىز.

بىز بۇرۇن خىتاينى خاتا چۈشەنگەن، بەزى ئىشلارنى پەقەت ئۇقمىغان، ھەتتا شاڭخەيدىكى مۇشۇ ئاسمانپىلەك بىنادا يۈز بەرگەن ۋاقەنىمۇ كۆرمەي قالغان. مىنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشىمدىكى سەۋەپ دەل مۇشۇ. بىز شاڭخەيدىكى 16 مىليۇن خەلقنىلا ئەمەس، پۈتۈن خىتايدىكى 1 مىليارت 300 مىليۇن خەلققە قاراپ بېقىشىمىز كېرەك ئىكەن. كۈندۈلۈك خەۋەرلەر ئارقىلىق تۇلۇق بىلەلمىگەننى ۋاقەدىن كېيىن قايتىدىن قاراپ چىقىش كېرەك ئىكەن. 1979 - يىلى ئىراندا يۈز بەرگەن ۋاقەنىڭ ئارقا كۈرۈنىشىنى ئەينى ۋاقىتتا بىلەلمىگەن كىشىلەر، شۇ ۋاقىتتا پەھلىۋىي پادىشاھنى شۇ قەدەر قەتئى قوللىغان كۇچ دەل بىر يۇشۇرۇن دىنى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى كېيىن بىلگەندە ئاندىن بىلىۋالدى. خىتايدا ھازىر شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش بولىۋاتىدۇ، دائىرىسى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىر ئىنتايىن كېلەڭسىز تەشكىلات. ئەيتىلىشىچە ئۇنىڭ 66 مىليۇن ئەزاسى بار. بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئىقتىساتنىڭ تىز يۇقۇرى ئۆرلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇلارغا مەپەئەت كىىدۇ. ئەمما پارتىيىنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكى 9 كىشىلا ئىقتىساتنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىى ئاستىلىشنى ئويلايدۇ، ئۇلار ئۈزىنىڭ گۇمران بولىشىنى كىچىكتۈرمەكچى. مانا بۇ، دەل مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى. ئەگەر ئىقتىسادى جەھەتتە تىز سۈرئەت بىلەن يۇقۇرى ئۆرلەش قانچە ئۇزۇن داۋاملاشسا، ئۇنى گۇمرانلىققا باشلايدىغان مەسىلە شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بۇنداق تەرەققىياتنىڭ گۇمران بولىشى چۇقۇم. قاچان گۇمران بولىشى، ئۇنىڭ سۈرئىتى قانچە تىز، نىسبىتى قانچە يۇقۇرى بولغانلىقىغا باغلىق.

چەتئەللەرنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى خىتايغا دېمۇكراتىيە ئېلىپ كېلەلىدىمۇ؟

جاڭ جاتۈن ئەپەندىنىڭ بايان قىلشىچە، چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ دېمكراتىيە بىلەن مۇناسىبىتى يوق. پەقەت دۇنيا سودا تەشكىلاتىلا خىتاينى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرى ئالدىنىقى بىر نەچچە يىلدا نۇرغۇن تەجرىبە ھاسىل قىلىپ، ھازىر خىتايدا ئىشنى قانداق بىجىرىشنى بىلىۋالدى. خىتايدىكى تىز سۈرئەتلىك تەرەققىياتنىڭمۇ ئۇلارغا ياردىمى بولغان ئىدى. ئەمدى خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تارىيىۋاتقانلىقى ئۇلارغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. خۇددى ئاپتوموبىل سانائىتى خىتايدا سېتىلىش ئاستىلىغانلىقتىن چوڭ تەسىرگە ئۇچرىغاندەك. توغرىسىنى ئەيتقاندا، چەتئەل شىركەتلىرى خىتايغا دېمۇكراتىيە ياكى باشقا سىياسى تۈزۈم ئېلىپ كىرمەيدۇ، ئۇلار خىتايدا پۇل تاپسىلا بولدى. ئەمما ئۇلار نىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى، سۆز - ھەركەت ، يۈرۈش - تۇرۇشىنى خىتاي خەلقى كۆردى، سىرتقى دۇنيانىڭ نىمىلىكىنى بىلدى، ئۇلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى سېلىشتۇرۇپ كۆردى، بۇنىڭ خىتايدا خەلقنىڭ دېمۇكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكى بولغانلىقى پاكىت. ئەمما چەتئەل شىركەتلىرى خىتايغا دېمۇكراتىيە ئېلىپ كىرمىدى. ئۇلار خىتايدىكى ھازىرقى سىياسى تۈزۈمنى يامان كۆرمەيدۇ. چۈنكى بۇ تۈزۈم ئۆز خەلقىنى قاتتىقق باسسىمۇ، چەتئەل مەبلەغچىلىرىنى باسمايدىغان، بەلكى زورلۇق ۋاستە بىلەن ئۆز خەلقىنى بېسىپ مۇقىملىقنى ساقلاپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پۇل تېشىشىغا ياردەم بىرىدىغان تۈزۈم. (ۋەلى)