2001 - يىلى 9 - ئايدا ئامرىكىلىق ئادۋىكات جاڭ جاتۈن ئەپەندىنىڭ "كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى گۇمران بولۇش يولىدا" ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن جەمىيەتتە چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بۇ كىتاپتا "خىتاي 2011 - يىلىدىن بۇرۇن گۇمران بولىدۇ" دېگەن پەرەز ئوتۇرىغا قۇيۇلغان. يېقىندا "ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى"نىڭ مۇخبىرى جاڭ جاتۈن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ نىمىگە ئاساسەن بۇ پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغانلىغىنى سورىدى.
چەتئەل مەبلەغلىرىنىڭ خىتايغا كىرگەنلىكى كوممۇنىست پارتىيىگە ياردەم بەرگەنلىك بولدى
خىتاي ناھايىتى چوڭ بازار دېگەن سۆز 150 يىلدىن بويان كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا ئەيتىلىپ كېلىۋاتقان سۆز ، ــــ دەيدۇ ئامېرىكىلىق ئادۋىكات جاڭ جاتۈن ئەپەندى، ـــــ ئەمدى يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى بازار ئىگىلىكىنى يولغا قۇيۇش ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېچىۋېتىش توغرىسىدا ناھايىتى مۇھىم ۋەدىلەرنى بېرىپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، دۇنيا ئاندىن بۇ بازارنى كۆردى.
چەتئەل كارخانىلىرى بۇ دۆلەتتە ئۆزىگە كەلگەن پۇرسەتلەرنى مۇشۇ يېڭى ئۇقۇم بىلەن چۈشەندى. ئەمىلىيەتتىمۇ، 1 مىليارت 400 مىليۇنغا يېقىن نۇپۇسى بار بىر دۆلەت ناھايىتى كۆپ توۋار سېتىلىدىغان چوڭ بازار بولىشى كېرەك، ئەلۋەتتە. ئەمما چەتئەل شىركەتلىرى جەرياندا خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدىلەرنىڭ ناھايىتى كۇچلۇق سىياسى ئارقا كۈرۈنىشى بارلىقىنى سەزدى. ئومۇمەن، مۇشۇ قىسقا بىر مەزگىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئەيتقاندا، چەتئەل مەبلەغلىرىنىڭ خىتايغا كۆپلەپ كىرگەنلىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈچۈن ياردەم بەرگەنلىك بولدى. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ جەمىيەتنى كونتىرول قىلىش كۇچىنى ئاجىزلىتىۋەتتى.
خىتاي خەلقى قاچان قوزغىلاڭ كۆتىرىدۇ
خىتايدا تارىختىن بويان خەلق غەزەپكە كەلگەندە قوزغىلاڭ كۆتۈرمىگەن، ــــــ دەيدۇ جاڭ جاتۈن ئەپەندى كىتابىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ ئوتتۇرىسىدكى زىددىيەتلەرنى تەھلىل قىلغاندا، ــــــ ئەمىلىيەتتە ئۇلار بىر نەچچە مىڭ يىلدىن بويان غەزەپلىنىپلا تۇرىۋاتىدۇ. پاكىتلارغا قاراپ باقىدىغان بولساق، خىتاي خەلقى پەقەت جەمىيەت پەيدىن پەي ئۇچۇق - ئاشكارا بولۇشقا ۋە ئىقتىسات ئاۋاتلىققا يۈزلەنگەن بىر زامان كەلگەندە، قوزغىلاڭنىڭ ئاقىبىتىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولغاندا، ئاندىن قوزغىلاڭ كۈتۈرگەن. بۇ خىتايدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ شۇنداق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بەزىدە بۇنداق بىر جەريانغا بىر نەچچە ئون يىل كەتگەن، بەزىدە شۇ قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت كەتمىگەن.
ھازىر بىزنىڭ كۆزىمىزگە چېىقىۋاتقىنى خىتاي خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئۆزگۈرۈش. بەلكى بۇنىڭدا يەنە نۇرغۇن سىياسى ئامىل مەۋجۇت بولسا كېرەك. فىرانسىيەدە ئىنقىلاپ بولغاندا، فىرانسىيە دېھقانلىىرنىڭ ھال - كۈنى ئەتراپتىكى باشقا دۆلەتلەردىن ياخشى ئىدى. يەنە قوپۇپ فىرانسىيىنىڭ ئىقتىسادى ئەۋالى ئەڭ ياخشى جايدا ئىنقىلاپ ئەڭ جىددى بولغان. ئەمىلىيەتتىمۇ، فىرانسىيىدە خەلق نامراتچىلىقتا قالغاندا ئەمەس، بەلكى ھال ـ كۈنى كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولىۋاتقاندا، ئىقتىسات ئاۋاتلىققا يۈزلەنگەندە ئىنقىلاپ پارتلاپ تۇرىۋاتىدۇ. خىتاي خەلقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. جەمىيەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت توراقلىق قىلىنىشىنى بىر ياخشى ئىش دېگىلى بولمىسا كرەك. بىز ھازىر خىتايدا ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئاۋاتلىقنى كۆردۈق. بىز بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنىڭ مىسالىنى چوڭ قۇرۇغلۇققا تامامەن ئوخشايدىغان خىتاي مىللىتى شارائىتىدىكى تەيۋەندە كۆردۇق.
خىتاي ھازىر بىر "بېنىزىن كۆلى" گە ئوخشاپ قالدى
مۇستەبىت ھاكىمىيەت دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە ئۇزۇنغىچە مەۋجۇت بولۇپ تورالىغان ئەمەس، ـــــ دەيدۇ جاڭ جاتۈن ئەپەندى، ـــــــ ئۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن توساتتىنلا گۇمران بولغان. بۇنىڭ مىسالىنى فىرانسىيىدىلا ئەمەس، شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىمۇ كۆردۇق. قارايدىغان بولساق، ھازىر خىتاي خۇددى بىر "بېنىزىن كۆلى"گە ئوخشاپ قالدى. جەنۇبى كورىيە، تايلاند، تەيۋەنلەرمۇ بىرچاغلاردا مۇشۇنداق بولغان، ئەمما ئۇلاردا "بېنىزىن كۆلى" گە ئوت كەتمىدى. چۈنكى بۇ 3 دۆلەتتە جەمىيەت سىرتقا بارغانسىرى كەڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكتىن، ئۇنىڭ ئۆز ئىچىدىكى بېسىم كەڭ ئېچىۋېتىلىش جەريانىدا تارقاپ كەتكەن.
ئەمما خىتاي بۇلارنىڭ ھېچقايسىغا ئوخشىمايدۇ. ئەگەر كوممۇنىست پارتيىە تەدرىجى ھالدا كەينىگە چىكىنسە ئىدى، ئىسلاھاتتىن ئۈمىت كۈتكىلى بولاتتى.ھازىر ئۇنىڭ ئەكسىچە، كوممۇنىست پارتىيە نۇمۇس قىلماستىن مىنىڭ خەلققە مۇشۇنداق ھۆكۈمرانلىق قىلدىغان مەسئۇلىيىتىم ۋە ھۇقۇقۇم بار دەۋاتىدۇ. خىتايدا بۇ ھۆكۈمەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا يول قويمايدۇ. بۇ دۆلەتتە تەختتىن چۈشۈپ كەتكەن كىشى بىلەن يېڭىدىن تەختكە چىققان كىشىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. يەنە بىر تەرىپىمۇ باركى، مۇخپىر دەيچىڭ خانىمنىڭ "ھازىرقى كوممۇنىست پارتىيەنى ئاغدۇرۇپ تاشلىسا، ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىدىغان خەلق ئىشەنجى قىلغۇدەك باشقا ياخشى پارتىيەمۇ تېخى يوق" دېگىنىنىڭمۇ ئاساسى بولسا كېرەك. خىتايدا ھازىر ھەممە ئادەم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىنقىلاپ قىلىدىغان ئادەم يوق. دېمەك چوڭ قۇرۇغلۇقتا تېخى كىشىلەر ئارزۇ قىلغان ئىسلاھات كۆزگە كۆرۈنمىدى. مەيلى نىمە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، غەرپ ئەللىرى ئىسلاھات مۇۋەپپىقىيەت قازانغان تەجرىبىلەرنى تەيۋەندە كۆردى. ئۇلار چوڭ قۇۇرغلۇقتىمۇ شۇنداق بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىقنى تەشەببۇس قىلىىدغان ھۆكۈمەت
ئامېرىكىلىق ئادۋىكات جاڭ جاتۈن ئەپەندىنىڭ "كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى گۇمران بولۇش يولىدا" ناملىق كىتابىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇمران بولىدىغانلىقى يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بۇيىچە تەھلىل قىلىنىپلا قالماي، بەلكى ، خىتاي ھۈكۈمىتى دۇنيادا گۇمران بولغان كوممۇنىست ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قېرىندىشى، ئۇ يەنە دېمۇكرا تىيە دېسىمۇ، ئەمما ئەمىلىيەتتە تېرورچىلىقنى تەشەببۇس قىلىىدىغان ھۆكۈمەت، ئۇ، مۇشۇ سېستىما بۇيىچىمۇ گۇمران بولىدۇ. دەپ كۆرسەتكەن. (ۋەلى)