كۆمۈر كولاش ئۈرۈمچىگە تەھدىد ئېلىپ كەلدى

ئۇيغۇر رايونى خەۋەر تور بەتلىرىدە -19 ئاۋغۇست كۈنى بېرىلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى كۆمۈر كانلارنىڭ يەر ئاستى كۆمۈر بايلىقىنى ھەددىدىن زىيادە كولىشى بىلەن ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەر ئاستى قاتلىمىدا ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە بوشلۇق پەيدا بولغان .

بەزى جايلاردا يەر چۆكۈش ھالىتى كۆرۈلگەن بولۇپ ، ئۈرۈمچى دوستلۇق سودا سارىيىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىناسىغا 700مېتىرچە كېلىدىغان جايدا ، يەر چۆكۈپ 3كۇپ مېتىر دائىرىدە چوڭ ئورەك پەيدا بولغان . خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە بۇ ئورەك لىۇ داۋان كۆمۈر كېنى تەرىپىدىن يېرىم ئەسىرگە يېقىن كولانغان كاننىڭ چۆككەن قىسمى ئىكەن .

ئۈرۈمچى گېئولوگىيىلىك قۇرۇلۇش تەكشۈرۈش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىنژېنېرى جاڭ خوڭيى "ليۇداۋان كۆمۈر كانىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئون يىل بۇرۇن پەيدا قىلغان بىر ئورىكىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن 10يىل ئەخلەت تۆككەن ئىدۇق ، بۇ كان داۋاملىق شەھەر مەركىزىگە قاراپ قىزىۋەرگەچكە ،ھازىر يەنە چوڭ بىر ئورەك پەيدا بولدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئورەك بارغانچە چوڭايماقتا ، بۇ نۆۋەتتە ئۈرۈمچى خەلق ھۆكۈمەت بىناسى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى پوچتا تېلېگراف خىزمەت بىناسى قۇرۇلۇشىغا ئېنىق تەھدىت پەيدا قىلدى" دەپ كۆرسەتكەن .

شۇنداقلا ئۈرۈمچىدە كۆمۈر كولاش بىلەن يەر ئاستى قاتلاملىرىدا پەيدا بولغان بۇ كاۋاكلار چۆككەندە يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، مۇشۇ سەۋەبلىك نۆۋەتتە ئۈرۈمچى غەربى قەشقەر يولىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر تۇربا سۈيىنى ئىستېمال قىلالمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى يەر ئاستى كۆمۈر كانلىرىدا داۋاملىق ئوت كۆيۈۋاتقان بولۇپ ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە يەر ئاستىدا كۆيۈۋاتقان بۇ خىل كۆمۈر كانلار ، ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە ئەتراپىدا بار بولۇپ ، مۇبادا بۇلاردا چۆكۈش پەيدا بولسا ، ئوت ۋولقانغا ئوخشاش پارتلاپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن .

ئۈرۈمچى يەر ئاستى قاتلىمىدا بوشلۇق پەيدا بولغانلىقىدىن خەۋىرى بار كىشىلەر بۇنىڭدىن ئەندىشە تۇيۇۋاتقان بولسىمۇ ،ئەمما يەرلىك دائىرىلەر شەھەر ئاممىسىنى بۇ ئەھۋالدىن مۇۋاپىق خەۋەردار قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن بۇ مەسىلە بەرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىغان . بىر ئۈرۈمچى پۇقراسى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ "ئۈرۈمچىنىڭ ئاستى كولىنىپ كاۋاك بوپقالدى" دەپ ئاڭلىغان دەپ سۆزىنى باشلىدى :

ـــ" بۇ گەپ بىر نەچچە يىل بۇرۇنلا چىققان . ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىگە يەر ئاستى تۆمۈر يولى ياسىماقچىكەن ، ئۈرۈمچى يەر ئاستى قاتلاملىرىدىكى كۆمۈرلەر كولىنىپ كاۋاك بولۇپ قالغاچقا تۆمۈر يول ياساشقا بولمايدىكەن دەپ ئاڭلىغان . كۆمۈر كانلىرىنىڭ پەيدا قىلغان يەر كاۋاكلىرىنىڭ بارغانسېرى ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزىگىمۇ تەسىرى بولسا ، ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىكى ئېگىز ئىمارەتلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى چوڭ بولىدۇ . دۆلەتنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىشتا بەلكىم ئۆزىنىڭ پىلان ھەم تەدبىرى بولسا كېرەك . ھازىر ئاڭلىساق بەزى كانلارنى تاقىۋىتىپتۇ . مېنىڭچە ھەر قانداق بىر شەھەر پۇقراسى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ . ئەگەر شەھەر قۇرۇش ئىدارىلىرى بۇ ئىشتىن خەۋىرى بولسا بۇنىڭغا بىر تەدبىر ئېلىشى كېرەكتە" .

بىز بىر قانچە ئۈرۈمچى شەھەر پۇقرالىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە بولغان پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش پىلان كومىتېتى مۇدىر ئىشخانىسىغا تېلېفون ئۇلىدۇق ، مۇدىرنىڭ كاتىپى بىزنىڭ زىيارەت مۇددىئارىمىزنى سورىغاندىن كېيىن ، "كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىشنىڭ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىدىنى قانداق ھەل قىلماقچىسىلەر " دەپ سورىغان سوئالىمىزغا مۇدىرغا ۋاكالاتەن جاۋاب بېرىپ:

" سوئالىڭلارنى رەھبىرىمىزگە يەتكۈزدۈم. ئۇ ، سىلەرنىڭ سوئالىڭلارغا بىۋاسىتە جاۋاب بېرەلمەيدۇ . مەن پەقەت سىلەرگە ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇھىتنى تەرتىپكە سېلىش خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتىدۇ دەپ جاۋاب بېرەلەيمەن ." دىدى .

نۆۋەتتە كۆمۈر كولاش سەۋەبىدىن ئۈرۈمچى يەر قاتلىمىدا پەيدا بولغانكاۋاكلارنىڭ چۈكۈشى بارغانچە ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزىگە قاراپ كېڭىيىۋاتقان بولۇپ ، ئۈرۈمچى شەھەر قۇرۇلۇشىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىگە يۇقىرىدىن قارىغاندا 20مېتىرچە چوڭقۇرلۇقتا چۆككەن بۇنداق ئورەكلەرنى يەنە نۇرغۇن جايلاردا كۆرگىلى بولىدىكەن .

ئۈرۈمچىدىكى گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭدىن ئەندىشە تۇيۇۋاتقان بولۇپ " كۆمۈر كانلار كۆمۈر قېزىشنى ئەمدى دەرھال توختاتمىسا ،كۆمۈر كاندىن كېلىدىغان پايدىدىن ، ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنى ھەسسىلەپ ئارتۇق بولىدۇ" دەپ كۆرسەتمەكتە.(گۈلچېھرە)