قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارىشى

0:00 / 0:00

ئەنجاندا يۈز بەرگەن قانلىق پاجىئەلەر دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. مەتبۇئاتلاردا كەرىموفنىڭ خەلق ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى تەنقىدلەنگەن بىر پەيتتە مەزكۇر ۋەقەلەر ئۆزبېكىستانغا خوشنا بولغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئەندىشىگە سالدى.

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىرقانچە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ كەرىموفنىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە كېرىموفنى كۈچلۈك ئەيىپلىدى.