مۇتەخەسىسىسلەر خىتاينى كېلەچەك كىرىزىسلەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا
2004.09.10
يېقىندائەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋەرلەرتور بېتىدە "مۇتەخەسىسلەر خىتاينى كېلەچەك كىرىزىسلەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا" دېگەن تېمىدىكى ماقالە ئېلان قىلىندى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتى ئېلان قىلغان "مۇتەخەسىسلەر خىتاينى كېلەچەك كىرىزىسلەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا" ناملىق ماقالىدا بىلدۈرىلىشىچە: يېقىندا "خىتاي ياشلىرى گېزىتى " خىتاينىڭ كېلەچەك كىرىزىس مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، خىتايدىكى 100 گە يېقىن ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ " خىتاي 2010 - يىلىغا بارغاندا كىرىزىس كۆپ يۈز بېرىدىغان دەۋىرگە قەدەم قويىدۇ، ھەمدە مەزكۈر كىرىزىسلەر ئاساسەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ” دىگەندەك سۆزلىرىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۈر ماقالىدا يەنە: خىتايدا ھازىر ھەممىلا ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقىنى يېزا-بازارلاردىكى نامراتلىق، ئىشسىزلىق ۋە مائارىپ قاتارلىق مەسىلىلەردىن تەركىپ تاپقان ئىجتىمائى مەسىلە ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
بېيجىن ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفىسسورى دىڭ يۈەن جۇ(DingYuanZhu) ئەپەندى خىتايدىكى 100 گە يېقىن مۇتەخەسىسىسدىن تەركىپ تاپقان كىرىزىس مەسىلىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىت بىلەن: "خىتايدىكى كىرىزىسلەر ئىجتىمائىي كىرىزىستىن باشقا يەنە ئىقتىسادىي ۋە مۇھىت كىرىزىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ" دەپ تەكىتلەپ، " خىتاي ھۆكۈمىتى كىرىزىس مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئالدى بىلەن پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرىغا بەكمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك، ھازىر خىتايدىكى بەزى بانكىلاردا ئارقا- ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان چوڭ مەسىلىلەر پەقەت باشقۇرۇش مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى سېستىما تۈزۈلمىسى قاتارلىقلار بىلەنمۇ ناھايىتى مۇناسىۋەتلىك" دەپ بىلدۈرگەن.
دىڭ يۈەن جۇ ئەفەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە: خىتايدىكى پۇل - مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنىڭ كەم بولىۋاتقانلىقى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىش جەريانىدىكى ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى بولۇپ، خىتاينىڭ كارخانا باشقۇرۇش مۇھىتىنىڭ ناچار بولىشىغا سەۋەبچى بولغان.
دىڭ يۈەن جۇ ئەفەندى يەنە شۇنى تەكىتلىدىكى: ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى چېرىكلىك مەسىلىسىنى پات ئارىدا ئۈنۈملۈك ھالدا تېزدىن كونترول قىلمايدىكەن، ئۇنداقتا 2010 - يىلىغا بارغاندا، بۇ خىل چېرىكلىك جەمئىيەت داۋالغۇشىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئەڭ ئاساسى سەۋەپ بولۇپ قېلىشى ھەتتا ئۇ كىرىزىسنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى بولۇپ ئىشسىزلىق، نامراتلىق ۋە ئىشتىن بوشىتىۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ، تېخىمۇ چوڭ خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
دىڭ يۈەن جۇ ئەفەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە: خىتاينىڭ جەمئىيەت سېستىمىسىنىڭ ناچار بولىۋاتقانلىقى كەڭ كۆلەملىك جەمئىيەت داۋالغۇشى ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنى پەيدا قىلماقتا. كىشىلەرنىڭ ھازىر ھۆكۈمەتكە قىلچە ئىشەنچىسى يوق. كارخانا ۋە شەخسلەرگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ كەمچىل. خەلقنىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى، ئۇلارنىڭ كارخانا ئورۇنلىرىنىڭ ئالدامچىلىقلىرىدىن ئەندىشە قىلىشى، شۇنداقلا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەخلاق سۈپىتىدىنمۇ قاتتىق ئەندىشە قىلىشىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خەتەرلىك سىگنال بولۇپ، بۇنى بىرخىل يوشۇرۇن ھالەتتىكى ئىجتىمائىي كىرىزىس دەپ قارىغىلى بولىدىكەن.
خىتايدا يۈربېرىدىغان كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە "خىتاي ياشلىرى گېزىتى"دە ئېيتىلىشىچە: كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كامچىل بولىشىدىكى سەۋەپ بەزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ، پاراخورلۇق قىلىۋاتقانلىقى، كۈنسېرى چىرىكلىشىۋاتقانلىقى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە: خىتايدا يۈز بېرىدىغان كىرىزىسلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ماكروسكوپىيە سىياسىتىنى تەرتىپكە سېلىش، پۇل- مۇئامىلە ئىشلىرىدىكى خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش، قانۇننى تولۇقلاش، ئىسلاھاتنىڭ ئادىل بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىك تورى قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن. مۇتەخەسسىس دىڭ يۈەن جۇ ئەفەندى بولسا " ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى كىرىزىس مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز دەيدىكەن، ئالدى بىلەن كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتىگە ئارىلىشىشىغا يول قويىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)