7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچكى يىغىنىدا، گېنېرال مايور جۇ چېڭخۇ نۇتۇق سۆزلەپ، ئەگەر تەيۋەن مەسىلىسىدە باشقا دۆلەت خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشسا، خىتاينىڭ ئۇنىڭغا قارىتا ئالدى بىلەن يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇنىڭغا قارىتا خەلقئارادا جىددىي ئىنكاس قوزغالدى.
"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي گېنېرالى جۇ چېڭخۇ 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى يەنە غەرب مەتبۇئاتلىرىغا "شىئەننىڭ شەرقىدىكى ھەممە خىتاي شەھەرلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا تەييارلىق كۆرۈش كېرەك، ئامېرىكىمۇ ئۆز شەھەرلىرىنىڭ يۈزلەپ، ئىككى يۈزلەپ، ھەتتا تېخىمۇ كۆپلەپ تۈپ - تۈز قىلىۋېتىلىشىغا تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك، ئەلۋەتتە" دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي گېنېرالى جۇ چېڭخۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ "جۇ چېڭخۇنىڭ سۆزلىرى ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتىسزلىكنى ئىپادىلەيدۇ" دېگەن. خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقى بولسا "جۇ چېڭخۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇخبىرلار قىزىقىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن" دەپ ئىزاھات بەرگەن.
لىن باۋخۇا: ھەقىقىي تېررورچى ئەسلىدىلا خىتايدا ئىدى
ھازىر خەلقئارادا خىتاي گېنىرالى جۇ چېڭخۇنىڭ يادرو قورال پوپوزىسى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر داۋام قىلماقتا. ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھىرىدە تۇرىۋاتقان مەشھۇر سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گېنېرال جۇچېڭخۇ خىتايدىكى ئوساما بىن لادىن. ئۇنىڭ قىلغان سۆزلىرى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئوساما بىن لادىنغا قارىغاندا تېخىمۇ ۋەھىمىلىك.
لىن باۋخۇانىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي گېنىرالى جۇ چېڭخۇنىڭ، خۇددى مۇلاھىزىچىلەر ئېيتقاندەك، خىتايدىكى ئوساما بىن لادىن ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئوتتۇرا شەرقتىكى بىن لادىندىن خىتايدىكى بىن لادىن تېخىمۇ قەبىھ. ئوتتۇرا شەرقتىكى بىن لادىن ھازىر قاچاقتا، ئۇ قېچىپ يۈرۈپ پارتىزانلىق قىلىۋاتىدۇ. خىتايدىكى بىن لادىن بولسا 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇس ۋە 9 مىليون 600 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر زېمىننى دەسمىي قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا يادرو قورال پو پوزىسى قىلىۋاتىدۇ.
لىن باۋخۇا ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە پۈتۈن دۇنيا بويىچە ھەقىقىي تېررورچى ئەسىلىدە خىتايدا ئىدى، دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەقىقىي تېررورچى ئەسىلىدىلا خىتايدا ئىدى. ئەگەر ئامېرىكا خىتاينى ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورچىنى ئاساسىي زەربە بېرىش ئوبيېكتى قىلىۋەرسە، بۇ ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى خاتالىق بولىدۇ. ئامېرىكا خىتاينىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيىتى بار دېگەن گەپكە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۇنىڭدا خۇددى جۇ چېڭخۇ بايان قىلغاندەك شۇنداق ۋەھشىيلىك بار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقۋازلىق، ھېلە - مىكىر ئىشلىتىش، ئالدامچىلىق قىلىش ھۈنىرى ناھايىتى يۇقىرى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئامېرىكا خەلقى ئالدىدا گەپنىڭ چىرايلىقىنى قىلىپ، ئۇلاردا ياخشى تەسىرات قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچىدە ئىچكى قىسىمدا ھەدەپ ئامېرىكىغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنى چۈشۈنۈپ يېتىش كېرەك.
لىن باۋخۇا: بۇ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىدىيىسى.
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، جۇ چېڭخۇنىڭ قىلغان سۆزلىرى، ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ راس گېپى. خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىدىيىسى. لىن باۋخۇانىڭ ئېيتىشىچە. ئادەتتە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ دېگەن گەپلىرى پارتىيىگە ۋەكىللىك قىلىپ دېيىلگەن گەپلەر بولغانغا ئوخشاش، جۇ چېڭخۇنىڭ گەپلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن قىلىنغان گەپ. چۈنكى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "بۇ سۆزلەر شەخسىنىڭ كۆز قارىشى" دېگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ سۆز خاتا دېمىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىدىيىسى. بۇ ھەقتە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقى ياكى باشقا بىر نېمە ئورگان ھەر نېمە دەپ ئىزاھات بەرسىمۇ، خىتاي ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تېررورچى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئەپتى - بەشىرىسىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. مەن بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا يېتەرلىك چۈشەنچىگە كېلىپ مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىستىراتىگىيىسىنى تەڭشىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا، ئامېرىكا يەنە توساتتىنلا زىيانغا ئۇچرايدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر خەلق زىيانغا ئۇچرايدۇ. جۇ چېڭخۇ دېگەن گېنېرالنىڭ قىلغان سۆزلىرىدە ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەن نەرسە يوق. ئۇ خىتايدىكى خەلقنى نەزەردە تۇتمىغان. ئۇنىڭ نەزەردە تۇتقىنى پەقەت شۇ ھۆكۈمران گۇرۇھلار. ھۆكۈمرانلارنىڭ يادرو قوراللىرىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان ئورنى بار. ئۇلار ئۆزلىرىنى يوشۇرالايدۇ. ئەمما خەلقنىڭ يوق. يادرو ئۇرۇشى بولسا ھەممە خەلققە ئاپەت ياغىدۇ. (ۋەلى)
