11 –بەش يىللىق پىلاننى مۇزاكىرە قىلىشمۇ ياكى خۇ جىنتاۋ ۈچۈن "مۇنار" لايىھىلەشمۇ

10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بېيجىڭدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 16 - قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – ئومۇمى يىغىنى ئېچىلىكەن. بۇ يىغىننى شىنخۇئا ئاگېنتلىقى 11 – بەش يىللىق پىلاننى مۇزاكىرە قىلىدىغان يىغىن دەپ ئېلان قىلدى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىلەر پارتىيىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ھوقۇق تەقسىم قىلىش يىغىنى بولىدىغانلىقىنى ئەسلەپ، بۇ يىغىننى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.

يىغىن خۇ جىنتاۋ ئۈچۈن

ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ يىغىن پارتىيە ئىچىدىكى ئوخشىمىغان گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان بىر قېتىملىق كەسكىن رىقابەت. ئىقتىسادىي تەقسىمات رىقابىتى. بۇ رېقابەتنىڭ مەركىزى نوقتىسى تيەنجىن شەھرىدىكى خەيبىن رايونىنى خۇددى دېڭ شاۋپىڭنىڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى بولغان جۇجاڭ دەرياسىنىڭ 3 بۈرجەك رايونى، جاڭ زېمىننىڭ چوڭ مۇۋەپپىقىيىتى بولغان چاڭجاڭ دەرياسىنىڭ 3 بۈرجەك رايونىغا ئوخشاش قىلىپ ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ تەرەققى قىلدۇرۇپ، بۇنىڭ بىلەن خۇ جىنتاۋغا بۈيۈك مۇنار تىكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ كۆز قاراشنى ھازىر ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە تۇرىۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويدى.

بايلىق مەنبەسى مۇھىم ئورۇندا

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇنداق ئومۇمى يىغىننى ھەر يىلى ئاچىدۇ. بۇرۇن ھەر قېتىمقى يىغىندا ھوقۇق تالىشاتتى. سىياسى جەھەتتە ئولجا تەقسىم قىلىپ، كىمنى قايسى ئورۇنغا قويۇپ ھوقۇق تۇتۇش ئۈستىدە ئېلىشاتتى. ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات باشلانغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان بولدى. چۈنكى بۇ دەۋردە كوممۇنىست پارتىيە ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈنلا چېلىشىدىغان گۇرۇھقا ئايلاندى. بۇ قېتىم مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، دېگەن 11 – بەش يىللىق پىلاندا بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە بايلىق مەنبەلىرىگە كىم ئىگە بولىدۇ، دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلماقچى.

ئادەتتە كوممۇنىست پارتىيە ئىچىدە ھوقۇق كىمنىڭ قولىدا بولسا بايلىق مەنبەلىرىگە شۇ ئىگە بولىدۇ. ھوقۇق مەركىزىدە قايسى گۇرۇھنىڭ ئادىمى كۆپ بولسا بايلىق مەبەلىرى شۇنىڭ قولىدا كۆپ بولىدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق يىغىن بولغاندا، ئوخشىمىغان گۇرۇھلار ئۆز ئادەملىرىنى مەركەزگە قويۇۋېلىشقا ئالدىرايدۇ.

جاڭ زېمىن 16 - قۇرۇلتايدا ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى ھوقۇق مەركىزىگە كىرگۈزۈپ بولغان. خۇجىنتاۋ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر قېتىملىق ئومۇمى يىغىندا ئۆزىنىڭ بىرنەچچە ئادىمىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ھوقۇق ئىگىلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇستەھلكەملەپ كېلىۋاتىدۇ. 17 - قۇرۇلتايغا كەلگەندە پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئادىمىگە ئالماشتۇرۇپ بولىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى يىغىندا يۇقىرى قاتكامدا مەلۇم ئۆزگىرىش بولىدۇ.

ئىقتىسادىي تەرەققىيات

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە مەنپەئەت تەقسىم قىلىش دېگەن مەسىلە ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىچە، ۋېن جاباۋ 6 – ئايدا تيەنجىنگە بارغان، خۇ جىنتاۋ 10 - ئاينىڭ بېشىدا باردى. تيەنجىن ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم جاي بولۇپ قالدى. ھازىر كوممۇنىست پارتىيە ئەمەل - مەنسەپنى ئىقتىسادىي سان – سىفىر بىلەن ئۆلچەيدۇ. دېڭ شاۋپىڭ گۇئاڭدوڭدا ئالاھىدە رايون قۇرۇپ ئۇنى ئەڭ تىز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي رايونغا ئايلاندۇرغان. 89 - يىلىدىكى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن دېڭ شاۋپىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى شاڭخەيگە يۆتكىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىگە جاڭ زېمىن ئىگە بولدى. بۇ جاڭ زېمىننىڭ سىياسىي كاپىتالى بولۇپ قالدى. خۇ جىنتاۋ-ۋېنجاباۋلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق ئىقتىسادىي مۇنارى بولىشى كېرەك. ئۇلار غەرپنى ئاچىمىز دەپ باقتى، غەرب تەرەپ بەك نامرات بولغاچقا، ئۇنى تىز تەرەققى قىلدۇرۇش بەك قېيىن بولدى. شەرقى شىمالنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقتى، ئۇنىڭدا دۆلەت كارخانىلىرى بەك كۆپ بولغاچقا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش بەك قېيىن بولدى. ئاخىر ئۇلار تيەنجىننى تاللىۋالغان. ئۇلار ئۈچۈن بۇنداق چوڭ تەرەققىياتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا پۇل كېرەك. ئۇلار بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇنلا تيەنجىندە بالقىق بانكىسى دېگەن بىر بانكىنى قۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. ئەمما دۇنيادا خىتاي بانكىلىرىنىڭ ئىناۋىتى يوق. بىركىم پۇلىنى ئۇنىڭغا ئامانەت قويۇشقا پېتىنالمايدۇ. ئەگەر چەتئەلدىن بىرەر بانكىنى بۇنىڭغا قاتناشتۇرسا، كىشىلەر قورقماي پۇل ئامەنەت قويىدۇ ياكى قورقماي قەرز ئالىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار ئەنگىلىيىنىڭ بىر چوڭ بانكىسىنى پايچىك قىلىپ بۇنىڭغا قاتناشتۇرغان. ھازىر ناھايىتى كۆپ بايلىقنى، ئادەم، ئەقىل مەنبەلىرىنى تيەنجىندىكى مۇشۇ خەيبىن يېڭى رايونى دېگەن رايوننى تەئەرققى قىلدۇرۇشقا مەبلەغ قىلىپ سالدى . بۇ جاي ئەسلىدە سۈن جوڭسەن تاللىغان بىر پورت ئىدى، بۇ جايغا سرتتىن مەبلەغ جەلىپ قىلىشمۇ ئاسان.

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، تارىختىن قارىغاندا، تيەنجىن بېيجىڭنىڭ دەرۋازىسى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مانجۇر خانى بېيجىڭنى قوغداش ئۈچۈن تيەنجىنگە ئەڭ ئىشەنچلىك ۋەزىرنى قويغان. كېيىن شىمالى مىلىتارىستلارمۇ تيەنجىننى بازا قىلغان. بۇ بىر سەزگۈر جاي . ئەمدى بۇ جايغا خۇ جىنتاۋ بىلەن ۋېن جاباۋنىڭ كۆزى چۈشكەن. ئۇلار ئەمدى تيەنجىننى تەرەققى قىلدۇرۇپ ئۆزلىرى ئۈچۈن نەتىجە مۇنارى تىكلىمەكچى. (ۋەلى)