بۇ ھەپتە بېيجىڭدا ئېچىلغان خەلقئارا مائارىپ كۆرگەزمىسى خەلقئارا مائارىپ ساھاسىدىكى بىر چوڭ يىغىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، مەزكۈر كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مائارىپ ۋە ئىقتىساد شۇناسلارنىڭ بەزىلىرى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرئىكەن.
كۆرگەزمىدە، مۇتەخەسىسلەر ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي مائارىپىغا بولغان ھەرخىل كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. مەسىلەن بەزى مۇتەخەسىسلەر: " يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي مەملىكەت ئىچىدىكى مائارىپ مەسىلىسىگە ئىلگىرىكىدىن كۆپ كۆڭۈل بۆلۈپ ، مائارىپنىڭ خەلقئارالىشىشىغا قاراپ مېڭىشىغا تىرىشىۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن بولسىمۇ، يەنە بەزى مۇتەخەسىسلەر: “خىتاي ئۆزىنىڭ مائارىپى ساھەسىدە گەرچە يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ،يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى يىلتىزىدىن ھەل قىلالماي كەلمەكتە." دەپ بىلدۈردى.
مەزكۈر كۆرگەزمىگە قاتناشقان تەيۋەن مەركىزى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى يۈ زۇڭ ئەفەندى تەيۋەن ۋە خىتاي مائارىپىنى سېلىشتۇرۇپ، "خىتايدا يۈرگۈزىلىۋاتقان مائارىپ تۈزۈمى بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى تەيۋەندە يۈرگۈزىلگەن مائارىپ سېستىمىسىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ تەشەببۇس قىلىدىغىنى مائارىپ سۈپىتىنى ياخشىلاش ئەمەس، بەلكى ئۆرلەپ ئوقۇشقىلا ئەھمىيەت بېرىش ، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى بەكمۇ ئەندىشىگە قويىدىغان بىر ئىش" دەپ بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىن بارغان ھەمدە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىقتىسادشۇناس مىڭگېبەر ئەفەندىمۇ خىتاي مائارىپى ھەققىدە توختۇلۇپ، خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر رايونىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى مائارىپ ساھەسىدە يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مىڭگېبەر ئەفەندى ئۆزىنىڭ بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىغا ۋە شۇنداقلا تىبەت رايونىغا بارغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ رايونلارنىڭ مائارىپ سۈپىتىنىڭ ناھايىتى كەينىدە قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە:“ ئەگەرخىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونلارغا ئازراقلا مەبلەغ سالسا، مەنچە بۇ يەرلەرنىڭ مائارىپ ساھەسىدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولاتتى ." دىدى.
مىڭگېبەر ئەفەندىسۆزىدە يەنە : " مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلىشىغا سالغان مەبلىغىنىڭ 1 پىرسەنتىنى مائارىپقا سەرپ قىلغان بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى، شۇنداق قىلغاندىلا مائارىپ خىراجىتىنى كۆپەيتىپ، مۆجىزە ياراتقىلى بولاتتى" - دەپ بىلدۈردى.
مەلۇماتلاردا ئېيتىلىشىچە: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغى خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە ھىساپلىغاندا، ھەقىقەتەن بەكمۇ تۆۋەن بولغان، بولۇپمۇ نامرات رايونلاردىكى مائارىپقا مەبلەغ سىلىنمىغانلىقتىن بالىلار ئاساسى جەھەتتىن ھەممىسى دىگىدەك ئوقۇشسىز قالغان.
خىتايدا ھازىر ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ سانى 200 مىليون بولۇپ، بۇ سان ھازىرقى ئامېرىكا نوپۇسىدىنمۇ كۆپ بولغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى پىلان تۈزۈپ، 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى ئومۇمىلاشتۇرۇپ، ساۋاتسىزلىقنى يوق قىلىمىز ، دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما نامرات رايونلاردا مائارىپ خىراجىتى ئېغىر دەرىجىدەكەم بولغانلىقتىن، ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان بالىلارنىڭ سانى يەنىلا ئىزچىل ھالدا ئۆرلىمەكتە . سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر خىتايدا 20 مىليوندىن ئارتۇق بالىلار پۈتۈنلەي ساۋاتسىز قالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان مەلۇم بىر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە: خىتايدىكى نۇرغۇن جايلاردا، مەكتەپلەرنىڭ شارائىتى ناچار بولۇپلا قالماي، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئايلىق مائاشىنى تارقىتىپ بېرىش ئىمكانىيىتىمۇ بولمىغان.
خىتاي مەملىكەتلىك مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە: خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئۆز مائاشىنى ۋاقتىدا ئالالمىغان . شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا بېرىلمىگەن مائاشىنىڭ ئومۇمى سانى 10 مىليارد خەلق پۇلىدىن ئاشقان.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادى بىر قەدەر تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىمەكتە. لېكىن مائارىپ سۈپىتى ياخشىلانمىسا، بۇ خىل ئىلگىرىلەش مەلۇم بىر ۋاقىتقا بارغاندا، توختاپ قېلىشى، ھەتتا چېكىنىپ كېتىشى مۇمكىن .( مىھرىبان)