خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا
2004.10.15
ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەن، خىتاي ئۆلكىلىرىدە قۇرۇلغان بۇ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇر سىنىشپلىرنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش توغرىسىدا يول يورۇق بەرگەن.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بۇ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇر سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى ئېلىش كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكتە ئىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ئىلگىرى بۇ12 شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇر سىنىپلىرىغا بىر مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ كەلگەن بولسا، 2004 - يىلى بۇ سىنىپلار 24 كە يەتكۈزۈلۈپ 3000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.
2000 - يىلىدىن ھازىرغا قەدەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بۇ تولۇق ئوتتۇر سىنىپلىرىدا پۈتۈنلەي خىتايچە مائارىپ بىلەن تەربىيىلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سانى 5000 گە يەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتايچە مائارىپتا تەربىيىلەش قەدىمىنى تېزلەتتى
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باش سېكرىتارى ۋاڭلېچۇئەن، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇر سىنىپلىرىغا ئېۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنى بارغانچە كېڭەيتىپ، 2007 - يىلىغا بارغاندا 20مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك دىگەن.
ئىگىلىشىمىزچە خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ، شاڭخەي، تىئەنجىن، چىڭداۋ، نىڭبو قاتارلىق تەرەققى قىلغان شەھەرلىرىدە تەسىس قىلغان بۇ شىنجاڭ سىنىپى نامىدىكى خىتايچە ئوقۇتىلىدىغان تولۇق ئوتتۇر سىنىپلىرىغا ٪ 90 ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت ٪ 10 خىتاي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى بويىچە، يېزا قىشلاقلاردىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ قوبۇل قىلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلەتتى
ئىگىلىشىمىزچە مەزكۈر تولۇق ئوتتۇر سىنىپلىرىغا تاللانغان 15، 16ياشلاردىكى بالىلار خىتاي ئوتتۇر مەكتەپلىرىدە مىللىي تىل، مىللىي روھ، مىللىي ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىن مەھرۇم ھالدا پۈتۈنلەي خىتاي مائارىپپروگراممىسى بويىچە تۆت يىل تەربىيىلىنىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋېقاتلىرىدا "ئۇيغۇر رايونى بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان تولۇق ئوتتۇر سىنىشپلىرىدا ئوقۇتۇش، غەرىپنى ئېچىش ئىستراتىگىيىسىنىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ياخشى يولى" دەپ تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر زىيالىلىرى بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنى ئۆز مەدىنىيىتى ۋە مائارىپىدىن ئايرىپ، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشىنىڭ بىر ئۇسۇلى، تېخىمۇ تېز خىتايلاشتۇرۇشتىكى تەدبىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتايچە مائارىپ خىتايچە روھ بىلەن تەربىيىلەپ كەلگۈسىدە ئۇلارنى خىتاينىڭ سۆزىدىن چىقمايدىغان ماشىنا ئادەملەرگە ئايلاندۇرماقچى دىگەندەك پىكىرلەردە بولۇپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلار خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپىدىن ئەندىشە قىلماقتا
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى بارغانچە تېزلەتمەكتە. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالى مەكتەپلەردىن تا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگىچە، خىتاي تىلى ئاساس قىلىنغاندىن باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇر سىنىپلىرىغا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئوتتۇر مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلىنغان خىتايچە تولۇقسىز ئوتتۇر سىنىپلىرىغا،ھەر يىلى نەچچە مىڭلاپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىتايچە مائارىپتا تەربىيىلىمەكتە. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇر سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنشنى كېشەيتىشكە باشلىغانلىقى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ " خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرئەۋلاتلىرىنى ئاسىمىلاتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلەشتۈرمەكتە" دىگەن نارازىلىقىنى ئاشۇردى.
بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باياناتچىسى مۇنداق دەپ نارازىلىق بىلدۈردى:
(گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مائارىپ ساھەسىنىڭ مۇقىملىقىدىن ئەندىشە تۇيماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي ئىدىيىۋﯤ تەربىيە كۈچەيتىلمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە خىتاي مىللي روھ تەربىيىسى كۈچەيتىلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى كىلەر يىلى 3000 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى خىتاي شەھەرلىرىدە تەربىيىلىمەكچى
- ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى تەبرىكلەندى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى
- بىڭتۇئەن خىتايلىرى نېمە مەقسەتتە ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن ؟
- شىنجاڭ ئۇنىۋېرسېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىق خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە سۆھبەت