سانائەتلەشكەن 7 دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىر ۋە بانكا باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 1 ئۆكتەبىر كۈنى ۋاشىنگتوندا ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، ــــ دەپ بايان قىلىنىدۇ ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگىنىتلىغىنىڭ خەۋىرىدە، ـــ ھازىر دۇنيادا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىقتىساتىغا تەسىر يېتىۋاتقانلىقى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر بازارغا سالىدىغان نېفىت مىقتارىنى كۆپبيتىش كرەكلىكى تەكىتلەنگەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن "پۇلنىڭ پىرىۋوت نىسبىتى بازاردا جانلىق تەڭشىلىش" نى ھەممە دۆلەت بىردەكلا يولغا قويۇشى لازىم دەپ بايان قىلىنغان. باياناتتا يەنە " بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەيتقاندا، ھازىر پۇلنىڭ پىرىۋوت نىسبىتىنى جانلىق قىلىشنى يولغا قۇيۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى يېتىپ كەلدى" دەپ كۆرسۈتۈلگەن. شۇنداقلا يەنە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكى تەۋىسىيە قىلىنغان.
دەسلەپ ۋەدە بېرىلگەن
ـــ بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىلا، ـــــ خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ــــ ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى سىنوۋ ۋە فېدىرال مەركىزى بانكا ئىجرائى ھەيئىتىنىڭ باشلىقى گىرىن سىپەننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېچىلغان 16 - قېتىمىلىق ئامېرىكا -خىتاي ئىقتىسادىي جەمىيىتىنىڭ يىغىنىدا، خىتاينىڭ ۋەكىلى "پۇلنىڭ پىرىۋوت نىسبىتىنى جانلىق قىلىش يولىغا قاراپ ماڭىمىز" دەپ ۋەدە بەرگەن . خىتاينىڭ مالىيە مىنىستىرى جىن رېنچىڭ مۇ " مالىيە -پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىش ، ئەركىنلەشتۈرۈش يولىغا مېڭىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز" دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئو سىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سانائەتلەشكەن 7 دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىر ۋە بانكا باشلىقلىرى يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا چېتىۋېلىش تەدبىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق پۇلىنىڭ پىرىۋوت نىسبىتى بازاردا ئەركىن تەڭشىلىشنى يولغا قويۇشقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىغا نارازى بولغان. گېرمانىيەنىڭ مالىيە مىنىسىتىرىمۇخىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە ئېنىق تەدبىر قوللىنىش لازىم دەپ تەكىتلىگەن.
كېيىن ۋەدىدىن يانغان
ب ب س نىڭ 4 - ئۆكتەبىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا پۇلنىڭ پىرىۋوت نىسبىتىنى ئەركىن قويىۋېتىش توغرىسىدا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قويغان تەكلىبىدىكى ۋاقىت جەدىۋىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغان. ۋاشىنگتوندا دۇنيا پۇل - مۇئامىلە تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان جوڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى لى روگۇ "خىتاي بازار ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىش ۋە تەمنلەش بىلەن ئىھتىياجنىڭ مۇناسىبىتىنى ئاساس قىلىش يولىغا مېڭىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ" دېگەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارلىرى بولسا ھازىر پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىقتىسادىى ئەھۋالى ، پۇل - مۇئامىلە بازىرى بىر قەدەر توراقلىق، بۇ، خىتاي ئۈچۈن ئەيتقاندا پۇلنىڭ پىرىۋوت نىسبىتىنى جانلىق قىلىشقا ئۆتۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، خىتايدا بۇنى يولغا قويۇش جەھەتتە ھېچقانداق ئۆتكىلى بولمايدىغان توساق يوق، چۈنكى 90 - يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق پۇلىنىڭ پىرىۋوت نىسبىتىنى كونتىرو قىلىشنى بوش قويىۋەتكەندىلا، بۇ تەدبىرنىڭ ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ئاللىقاچان سىناقتىن ئۆتكەن ئىدى، دەپ بايان قىلغان.