ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان خىتاي-پاكىستان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى نېمە؟
2004.08.12
ئاپتور كولىن مەكېراس ماقالىسىنىڭ بېشىدا، مەزكۇر خىتاي-پاكىستان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنىڭغا ئاساسلىقى، ئاسىيانىڭ مەركىزى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئېلى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر شۇنداقلا ئامېرىكا قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن.
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، بۇ تېمىلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەبىئىي بايلىقىنىڭ موللىقى بىلەن خىتاي ئۈچۈن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي بۇ رايوننى قولدىن چىقارماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتتى. شۇنداقلا -11سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدە توختالغان كولىن مەكېراس مۇنداق دەيدۇ: “شەخسەن ئۆزەم ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىق ھەرىكەتلەر بار بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن، ئەمما خىتاي ئەيىبلىگەندەك ئۇنداق ئېغىر ئەمەس، ئەكسىچە بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەرقانداق تېررورلۇق ھەرىكەتلەردىنمۇ ۋەھشىي بولىۋاتىدۇ.”
ماقالىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە يەنە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادا يىتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش مەقسىتىدە، يېقىندىن بۇيان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مەسىلىلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، دىپلوماتىك ئۇسۇللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ رايىنى ئېلىشقا تىرىشىپ كەلگەن. مەسىلەن، مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان پاكىستان، ئۇزۇن يىللىق دۈشمىنى ھىندىستانغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا بېقىنىپ، خىتاينىڭ ھەرخىل تەلەپلىرىگە قوشۇلغان. شۇنداقلا پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە ئىككىلەنمستىن قوشۇلۇشىنىڭ ئۆزى، پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ھەمكارلىشىشقا ماقۇل بولغانلىقىنى ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورىست دەپ ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى پاكىستاننىڭ ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ تۈرتكىسى بىلەن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ھەسەن مەخسۇمنى ئۆلتۈرگەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ماقالىدا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قوشنا دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ يەنە بىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدۇر. چۈنكى خىتاي مەزكۇر تەشكىلات ئارقىلىق ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دۆلەتلەردىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ۋە باستۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. خىتايدىن ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىشنى كۆزلەۋاتقان، ئۆز ھاكىمىيىتىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئەزەلدىن پىسەنت قىلمايدىغان بەزى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئەلۋەتتە خىتاينىڭ بۇ تەلەپلىرىگە ئاسانلا ماقۇل دەيدۇ-دە. مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا شۇنچە يېقىن بولغان ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش تەلىپىگە قوشۇلۇشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.
“ ئاسىيا ۋاقتى” گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدا يەنە، ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەلگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە ئارىلاش ھېسسىياتتا بولغانلىقى، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ئەندىشە قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۆرەشتە خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە قىززىققانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەرچە ئامېرىكا كېيىنكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن -2002يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنلا خىتاينىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شوغۇللۇنىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى ھەمدە خىتاينى خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۆرەشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. شۇنداقلا ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىگە يىلىغا 75 مىڭ دوللار بېرىشكە قوشۇلغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كولىن مەكېراس ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك خۇلاسە چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-پاكىستان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ پەقەت، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە سىگنال بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، نۆۋەتتە بۇ مانېۋىرنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەسلى ھېچقانداق زۆرۈر ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىر زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز كېسىلىگە قارشى كۆرەشكە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ يەنە بۇ ئەھۋالدىن قەستەن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئوبرازىنى سەتلەشتۈرۈپ، خەلقئارادا ئۇلارنى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى ۋە ئەيدىز ۋېرۇسى تارقاتقۇچىلىرى دەپ كۆرسۈتۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. (پەرىدە)