ھىندىستاندىكى ماۋچىلار ھەرىكىتى

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى ھەم يۇگوسلاۋىيە ۋە چېخوسلاۋاكىيە قاتارلىق سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ پارچىلىنىشى شۇنىڭدەك شەرقىي ياۋروپادا كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ تولۇق ئاخىرلىشىشى نەتىجىسىدە دۇنيا يۈزىدە كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا مىقياسىدا پەقەت بىر قانچىلا كوممۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان مەملىكەتلەر ئېشىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار نامدا سوتسىياسلىزىمنى تەرغىپ قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىدا بۇ مەۋقەدىن ئايرىلىپ، كاپىتالىزىملىق ئىقتىسادىي تۈزۈمگە كۆچتى ھەم كۆچمەكتە.

ۋاھالەنكى، بۇنداق بولۇشىغا قارىماي، جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر قىسىم ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار مەملىكەتلەردە كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە. نېپال، ھىندىستان قاتارلىقلار بۇنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىكى كوممۇنستلار خەلقارا جەمىيەت تەرىپىدىن "ماۋ زېدوڭچىلار" ۋە ياكى "ماۋچىلار" دەپ ئاتىلىدۇ.

" ئاسىيا ۋاقتى "گېزىتىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا يېقىندا ھىندىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئاندىرا پراداش شىتاتىدىكى ئىككى ماۋچىلار تەشكىلاتى يەنى ھىندىستان كوممۇنستلار پارتىيىسى بىلەن جاناشاكتى دەپ ئاتالغان كوم پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ، بىر-بىرىنى "سۆھبەتنى بۇزدى "دەپ ئەيىبلىگەن. ماۋچىلار بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى مەزكۇر سۆھبەت ئۈچ ئايغا سوزۇلغان بولۇپ، ماۋچىلار، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كوممۇنىستلارغا داۋاملىق زەربە بەرگەنلىكى ھەمدە بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا 9 نەپەر ماۋچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى باھانە قىلىپ سۆھبەتنى توختىتىپ قويغان.

"ئاسىيا ۋاقتى "گېزىتىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە؛ ھىندىستاندىكى ماۋچىلار ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىغا خېلى ئۇزۇن يىللار بولغان. بۇ ھەرىكەت دەسلەپتە 1967-يىلى غەربىي بېنگال شىتاتىدىكى بىر يېزىدا باشلىنىپ، ئاستا-ئاستا جەنۇبىي ھىندىستاندىكى بىر قىسىم شىتاتلارغا كېڭەيگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇۋەپپەقەيەت قازىنالمىغان.بىراق، ماۋچىلار مەلۇم دەرىجىدە قوراللىق كۈچلەرگە ئىگە بولۇپ، ھۆكۈمەتكە تەھدىد سېلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشكەن.

ھىندىستاندىكى ماۋچىلارغا ئائىت مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە؛ ھىندىستان كوممۇنىستلىرى ئاساسلىقى ئاھالىلار كەمبەغەلرەك بولغان ئورىسسا، بىھار، ئاندرا پراداش، ئۇتتار قاتارلىق 9 شىتاتتا ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار خەلقنى يېڭى دېموكراتىك جەمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان.

ھىندىستان ماۋچىلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي ۋە رۇسىيە كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئەڭ كەمبەغەل تەبىقە بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق مەزكۇر تەبىقەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولغان. دائىم دېگۈدەك بايلارغا زەربە بېرىش تاكتىكىسىنى قوللانغان. ئۇلارنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىلىرى بەزى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى جايلاردىكى ھۆكۈمەت ساقچى ۋە ئەسكىرى نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ، كۆپلىگەن قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇ سەۋەبتىن يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى ماۋچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان جايلاردىكى ھەربىي كۈچىنى 40 ٪كە كۆپەيتىپ، بەزى بىر قاتتىق چارە تەدبىرلەرنى قوللانماقتا ئىكەن. (ئۈمىدۋار)