ب ب س رادىئوسى بۇيىل 6 - ئايدا، جاڭ روڭ خانىم بىلەن جوھن خالىدەي ئەپەندى بىرلىكتە يازغان "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئەنگلىزچە نۇسخىسى ئەنگىلىيىدە نەشىر قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. خوڭ كوڭدا چىقىدىغان "ئېچىۋېتىش" ژورنىلىدا، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بۇ كىتابنىڭ خوڭكوڭدا تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، شۇ مۇراسىمدا كىتابخانلار جاڭ روڭ خانىمدىن سورىغان سوئاللار، جاڭ روڭ خانىمنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن جاۋابلىرى ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بايان قىلدى.
بۇ پروگراممىدا رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تۇنۇشتۇرۇلىۋاتقنى ، كىتابخانلار "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتاب ھەققىدە ئاپتوردىن سورىغان سوئاللار ۋە ئاپتورنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن جاۋاب ۋە ئىزاھاتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئىبارەت. "ئېچىلىش" ژورنىلىدا ئېيتىلىشىچە، "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ خىتايچە نۇسخىسى كېلەر يىلى باھار پەسلىدە نەشردىن چىقىدىكەن.
جاڭ روڭ يازغان ئىككى كىتاب
جاڭ روڭ خانىم بۇنىڭدىن 12 يىل بۇرۇن "خىتايدىكى 3 قىزنىڭ تەزكىرىسى" ناملىق بىر كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇپ، ئۇ كىتابتا مومىسى، ئانىسى ۋە ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلغان بولسا، ئەمدى بۇ قېتىم "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇرۇپ، بۇ كىتابتا ماۋ زېدوڭغا دائىر كىشىلەر تېخىچە بىلمىگەن بىر مۇنچە سىياسىي ۋەقەلەرنى بايان قىلغان. ئالدىنقىسى ئەدەبىي كىتاب. كېيىنكىسى سىياسىي كىتاب. جاڭ روڭ خانىم قانداق قىلىپ ئەدەبىيلىكتىن سىياسىيلىققا ماڭغان؟ بۇ ئۆزگىرىش قانداق پەيدا بولغان؟
جاڭ روڭ خانىمنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن جاۋابىدا ئېيتىلىشىچە، ئۆزگىرىش بولغىنى راس، ئەمما ئۇ يازغان ئىككى كىتابتا بىر ئورتاقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ، راستچىللىق. "خىتايدىكى 3 قىزنىڭ تەزكىرىسى" دېگەن ئۇنىڭ ئانا جەمەتىنىڭ ھېكايىسى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ھەر بىر ۋەقەنىڭ ھۆججەت ئاساسىي بار. 10 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇنىڭدىن گۇمانلانغان ئادەم چىقمىدى. كېيىنكىسى - "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن 150 نەچچە بەتلىك ئەنگلىزچە كىتابمۇ راستچىللىق بىلەن يېزىلغان. ئۇنىڭدىكى ھەر بىر باياندا نۇرغۇن ئىزاھات بار، ئۇنىڭ ماتېرىيال -ئارخىپ مەنبەسى ۋە بۇ تېمىدا زىيارەت قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئىسمى، ئۇلار تەمىنلىگەن پاكىتلارنىڭ تەپسىلاتى كۆرسىتىلگەن. بولۇپمۇ، بۇرۇن ماۋ زېدوڭغا ئەسرا بولغان ياكى ئۇنىڭغا يېقىن تۇرۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ، مەيلى ئۇ خىتاي بولامدۇ ياكى چەتئەللىك بولامدۇ، تاپقىلى بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىمكان قەدەر زىيارەت قىلغان.
گەرچە ئۇ ئەدەبىي كىتاب يېزىشتىن سىياسىي كىتاب يېزىشقا قاراپ ئۆزگەرگەن بولساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ كىتابنى راستچىللىق بىلەن يېزىشىدا ئۆزگىرىش بولمىغان. جاڭ روڭ خانىم "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابىدا بايان قىلغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئارخىپ ئاساسىي بار ۋە ئىسپاتلاپ چىقىلغان ۋەقەلەر.
كىشىلەر ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە ئازاپ -ئوقۇبەتنى ھېس قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى بىلمەيتتى
ماۋ زېدوڭ ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلار، كىتابلار يىلدىن - يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماۋ زېدوڭ خەلققە بارغانسىرى ئاشكارا بولۇۋاتىدۇ. ئەمما جاڭ روڭ خانىمنىڭ ماۋ زېدوڭ ھەققىدە يېزىشىغا زادى نېمە تۈرتكە بولغان؟
جاڭ روڭ خانىمنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن جاۋابىدا ئېيتىلىشىچە، ماۋ زېدوڭ ھەققىدە يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇغان كىشى ئەمدى جاڭ روڭ خانىم يازغان بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ماۋ زېدوڭنى، خىتاي تارىخىنى قايتىدىن يېزىپتۇ، بۇنىڭدا بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ كۆپۈنچىسى بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان ۋەقەلەر ئىكەن، بۇنىڭدىكى كۆز قاراشلار بۇرۇنقىلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان يېڭى كۆز قاراشلار ئىكەن دېگەن ھېسسىياتقا كەلمەي قالمايدۇ. مەن شۇنداق كېسىپ ئېيتالايمەنكى، - دەيدۇ جاڭ روڭ خانىم، - پۈتۈن خىتايدا، پۈتۈن دۇنيادا كىشىلەرنىڭ ماۋ زېدوڭ ھەققىدە بىلىدىغىنى ئىنتايىن ئاز. ماۋ زېدوڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشىغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئازاپ - ئوقۇبەت تارتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتى، ئەمما ئۆزىگە شۇ ئازاپ - ئوقۇبەتنىڭ قانداق كېلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. بولۇپمۇ ئۇلار ماۋ زېدوڭنىڭ سىياسەت بەلگىلەش جەريانىنى بىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا جاڭ روڭ خانىم بۇ كىتابنى ياش ئەۋلادلارغا مۇشۇ ئۇچۇرلارنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن يازغان.
ماۋ زېدوڭ ھەققىدە كۆپرەك بىلىشكە ئىنتىلگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۇ ئۆزى ئىزلەنگەن، قەلەم تەۋرەتكەن
"ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنى ئوقۇغان كىشى جاڭ روڭ خانىمنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئائىلە مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ماۋ زېدوڭ بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بولغانلىقىنى سورىغۇسى كېلىدۇ. كىتابخانلار بۇ ھەقتىمۇ جاڭ روڭ خانىمدىن سورىغان.
جاڭ روڭ خانىمنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن جاۋابىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ ماۋ زېدوڭنى بىلىشكە بولغان ئىنتىلىشى خىتايدىكى ھەممە ئادەم بىلەن ئوخشاش. ماۋ زېدوڭ پەيدا قىلغان تومان ۋە كۆلەڭگۈ ئاستىدا تۇرمۇش كۆچۈرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى، نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ شۇنداق ئەھۋالغا قالغانلىقىنى بىلىشكە ئىنتىلىدۇ. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ماۋ زېدوڭ خەلققە ناھايىتى زور بالايى - ئاپەتلەرنى كەلتۈردى. جاڭ روڭ خانىمنىڭ ئاتىسى، چوڭ ئانىسىمۇ ماۋ زېدوڭنىڭ زىيانكەشلىكىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئەگەر جاڭ روڭ خانىمنى "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنى پەقەت ئۆچ ئېلىش ئۈچۈنلا يازغان دېسە، ئۇنى بەك پەس كۆرگەنلىك بولىدۇ. ئۇ ئۆزى ماۋ زېدوڭدىن ئۆچ ئېلىشقا لاياقەتلىك كىشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ شۇ قەدەر ئاددىي ۋە پاسسىپ ھېسسىياتتا ئەمەس. ئۇ پەقەت ماۋ زېدوڭ ھەققىدە كۆپراق بىلىشكە ئىنتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ماۋ زېدوڭ ھەققىدە يېزىلغان باشقا كىتابلار ئۇنىڭ سوئاللىرىنى جاۋاپسىز قالدۇرغانلىقى ئۈچۈن، ماۋ زېدوڭنىڭ زادى قانداق قىلىپ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ داھىيسى بولۇۋالغانلىقىنى، قانداق قىلىپ پۈتۈن خىتايدا تەڭداشسىز ھۆكۈمران بولۇۋالغانلىقىنى، ماۋ زېدوڭ ئومرىدە زادى نېمە ئىشلارنى قىلغان ۋە قىلماقچى بولغانلىقىنى تەپسىلىي بىلىشكە ئىنتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزى ئىزلەنگەن، ئۆزى قەلەم تەۋرەتكەن. (داۋامى بار) (ۋەلى)
