ئەنگىلىيىدە نەشر قىلىنغان يېڭى كىتاب: "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" (2)

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇيىل 6 - ئايدا، جاڭ روڭ خانىم بىلەن جوھن خالىدەي ئەپەندى بىرلىكتە يازغان "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئەنگىلىيىدە نەشىر قىلىنغان. "ئېچىۋېتىش" ژورنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خوڭكوڭدا بۇ كىتابنىڭ تارقىتىلىش موراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ مۇراسىمدا، كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىم كىتابخانلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. "ئېچىلىش" ژورنىلىدا ئېيتىلىشىچە، "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ خىتايچە نۇسخىسى كېلەر يىلى باھار پەسلىدە نەشىردىن چىقىدىكەن.

ماۋ زېدوڭنى چۈشۈنۈش - چەتئەللەردىمۇ ئىنتايىن چەكلىك

كىتابخانلار "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمدىن ‘ماۋ زېدوڭ ھەققىدىكى تەتقىقات خىتايدىمۇ، چەتئەللەردىمۇ ئوخشاش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ھاسىل قىلغان نەتىجىلەرنىڭ قانچىلىك پەرقى بار؟ئ دەپ سورىغان.

"ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمنىڭ بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا ئېيتىلىشىچە، ماۋ زېدوڭنى ستالىن ۋە گېتلېر بىلەن بىر ئورۇندا قويۇش كېرەك. 20 - ئەسىر ئىچىدە، مۇشۇ ئۈچ مۇستەبىتنىڭ ئىككىسى توغرىسىدا خېلى كۆپ كىتابلار يېزىلىپ بولدى، خەلق ئۇلارنى كۆپ چۈشەندى، ئەمما ماۋ زېدوڭنى چۈشىنىش، ھەتتا مەتبۇئات ئەركىنلىكى بار چەتئەللەردىمۇ ئىنتايىن چەكلىك. خىتايدا ئۇزۇن يىللىق ھايات سەرگۈزەشتىلىرىگە ئىگە بولغان، كېيىن ئەنگىلىيىدە ئوقۇپ يېتىلگەن جاڭ روڭ خانىم ماۋ زېدوڭ ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ باشقىلار ئۈچۈن مۇمكىن بولمىغان قىسمىنى ئورۇنلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە.

ئارخىپلاردىن ماتېرىيال تاللاش خۇددى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزلەشتەك قىيىن ئىش

جاڭ روڭ خانىم "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابىنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئارخىپلارنى توپلىغان. بولۇپمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخىپلىرىغا قويۇلغان چەكلىمە مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنىڭدىن قانچىلىك پايدىلىنىش مۇمكىن بولغانلىقىنى بىلىشكە تېخىمۇ بەك قىزىقاتتى.

"ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمنىڭ كىتابخانلارنىڭ بۇ سۇئالىغا بەرگەن جاۋابىغا ئاساسلانغاندا، جاڭ روڭ خانىمنىڭ ئېرى جوھن خالىدەي ئەپەندى رۇس تىلىنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇ رۇسىيە ئارخىپلىرىنى كۆرۈشكە 10 يىلدەك ۋاقىت سەرپ قىلغان. رۇسىيىنىڭ ئارخىپخانىسى بىر بىباھا غەزىنە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي گېرمانىيە، ئالبانىيىلەردىمۇ، ئەنگىلىيە، ئامېرىكىلاردىمۇ ساقلىنىۋاتقان قىممەتلىك ئارخىپلار بار. ئارخىپلادىن پايدىلىنىش، ئۇنىڭدىن ماتېرىيال تاللاش خۇددى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزلەشتەك قىيىن ئىش. شۇنداقلا، ئارخىپلارنى ئاختۇرۇش، تەتقىق قىلىشقا يېتەرلىك ۋاقىت ۋە يۇقىرى كەسپىي قابىلىيەت كېرەك.

ستالىن جاڭكەيشىنىڭ ئوغلىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق ماۋ زېدوڭنى قۇتقۇزغان

كىتاپخانلار جاڭ روڭ خانىمدىن ئارخىپلاردىن بايقالغان ئەڭ چوڭ سىرلار نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغان.

"ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمنىڭ كىتابخانلارنىڭ بۇ سۇئالغا بەرگەن جاۋابىغا ئاساسلانغاندا، ستالىن جاڭكەيشىنىڭ ئوغلىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق ماۋ زېدوڭنى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قىزىل ئارمىيىسىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى - ئارخىپلاردىن بايقالغان ئەڭ چوڭ سىرلارنىڭ بىرى. " 25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەر" باشلىنىشتىن بۇرۇن، جاڭ كەيشى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قىزىل ئارمىيىسىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ بولغان ۋە ئۇنى پۈتۈنلەي يوقىتالايتتى. بۇ چاغدا، ستالىن جاڭ كەيشىنىڭ ئوغلى جاڭ جىڭگونى گۆرۈگە ئېلىۋالغان. جاڭ كەيشىنىڭ خىتاي ئەنئەنىلىرىدىكى "ئەۋلاد" كۆزقارىشى ناھايىتى مۇتەئەسسىپ بولغاچقا، ئۇ ئوغلىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ قېچىپ كېتىشىگە يول قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ قېچىش ھەرىكىتى باشلانغان. "25 مىڭ يوللۇق ئۇلۇق سەپەر" دېگەن شۇ.

جاڭ كەيشى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ قېچىشىغا يول قويغاندىن كېيىن، ستالىن جاڭكەيشىنىڭ ئوغلىنى يەنە قايتۇرۇپ بەرمىگەندە، جاڭ كەيشى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ شاڭجاڭ دەرياسى بويىدا قايتىدىن مۇھاسىرىگە ئالغان. ستالىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قىزىل ئارمىيىسىنى يەنە قۇتقازغان. تا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قىزىل ئارمىيىسى يەنئەنگە يېتىپ بېرىپ، تاغ ئۆڭكۈرلىرىگە ئورۇنلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ بولغىچە، ھەتتا جۇ ئېنلەي جاڭ كەيشى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كېلىشىم تۈزۈپ بولغىچە، ستالىن جاڭ كەيشىنىڭ ئوغلىنى قويۇپ بەرمىگەن. بۇ جەرياننىڭ ھەممىسى جاڭ كەيشىنىڭ ئۆزى يازغان خاتىرىسى ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخىپلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. (داۋامى بار) (ۋەلى)