ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇيىل 6 - ئايدا، جاڭ روڭ خانىم بىلەن جوھن خالىدەي ئەپەندى بىرلىكتە يازغان "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ) ئېنگىلىسچە نۇسخىسى( ئەنگىلىيىدە نەشىر قىلىنغان. "ئېچىۋېتىش" ژورنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خوڭكوڭدا بۇ كىتابنىڭ تارقىتىلىش موراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ مۇراسىمدا، كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىم كىتابخانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن. "ئېچىلىش" ژورنىلىدا ئېيتىلىشىچە، "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ خىتايچە نۇسخىسى كېلەر يىلى باھار پەسلىدە نەشردىن چىقىدىكەن.
جاڭ روڭ خانىم ئارخىپلارنى رەتلەش، ئىسپاتلاشقا 10 نەچچە يىل سەرپ قىلغان
كىتابخانلار "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمدىن تارىخىي ئارخىپلارنى ئاختۇرۇش، تەتقىق قىلىش جەريانى قانداق بولغلانلىقىنى سورىغان.
"ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمنىڭ بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا ئېيتىلىشىچە، ئارخىپلاردىن بايقالغان پاكىتلارنى كىتابقا يېزىش ئۇنداق ئاساسانغا چۈشمىگەن.
جاڭ روڭ خانىم ئېرى جوھن خالىدەي ئەپەندى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل ئارخىپلاردىن بايقالغان ھەرخىل ئۇچۇرلارنى، مەسىلەن، "ئۇلۇق سەپەر" گە دائىر ئۇچۇرلاردىن گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ كوممۇنىست قىزىل ئارمىيىسىنى قوغلاش جەريانىدىكى تېلېگرام تېكىستلىرنى ۋە شۇ ۋاقىتتا كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قىزىل ئارمىيە شىتابى چىقارغان "قىزىل يۇلتۇز گېزىتى" دىكى ئۇچۇرلارنى، "كوممۇنىزم ئىدىيىسى" نى خىتايغا قانداق ئىمپورت قىلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلاردىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1923 - يىلى چىقارغان "سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە تايانماي تۇرۇپ غەلىبە قىلىش مۇمكىن ئەمەس" دېگەن قارارى ۋە باشقا كەڭ دائىرىلىك ئۇچۇرلارنى، "نەنچاڭ قوزغىلىڭى" سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوراللىرىغا ئېرىشىشتىن باشقا يەنە نېمە مەقسەتتە پىلانلانغانلىقىغا دائىر ئۇچۇلارنى ... ۋەقە، ۋاقىت ، ئورۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشى بويىچە خەرىتىلەشتۈرۈش، ئۇنى ھايات كىشىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقىش ئۈچۈن 10 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان.
سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ئارخىپلىرىدىن بايقالغان 4 چوڭ جاسۇس
كىتابخانلار "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمدىن، ستالىن جاڭ كەيشىنىڭ ئوغلى جاڭ جىڭگونى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، جاڭ كەيشىگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق جىڭگاڭسەن تېغىدا مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى قۇتقۇزغانلىقى، شۇنىڭدىن كېيىن "25 مىڭ يوللۇق ئۇلۇق سەپەر" دەپ ئاتالغان چوڭ قاچ - قاچ باشلانغانلىقى، بۇ- سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخىپلىردىن بايقالغان ئەڭ چوڭ سىرلارنىڭ بىرى دەپ ھېسابلانغاندىن باشقا، ئارخىپلار ئارقىلىق يەنە قانداق چوڭ سىرلارنىڭ بايقالغانلىقىنى سورىغان.
"ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمنىڭ بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا ئېيتىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخىپلىرى ئارقىلىق ئەينى زاماندا 4 چوڭ جاسۇس بولغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇ 4 چوڭ جاسۇس ھەققىدە، ئۇلار گومىنداڭنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلغانلىقى ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قانداق ماسلاشقانلىقىغا دائىر نۇرغۇن پاكىتلار توپلانغان.
بۇ 4 چوڭ جاسۇسنىڭ بىرى بولغان شاۋ لىزى ئۆز قولى بىلەن ستالىنغا يازغان خەت ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇ جاڭ كەيشىنىڭ ئوغلى جاڭ جىڭگونى ستالىنغا گۆرۈگە ئالغۇزۇپ، شۇ ئارقىلىق خىتايدا يوقىتىلىش گىرداۋىغا كېلىپ قالغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن. ستالىن جاڭكەيشىنىڭ ئوغلىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغاندىن كېيىن، جاڭ كەيشىنىڭ مۇھاسىرىنى ئىچىدە قالغان خىتاي كوممۇنىست قىزىل ئارمىيىسىنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا قۇتقۇزىۋالغان.
4 چوڭ جاسۇسنىڭ يەنە ئىككىسى خۇزۇڭنەن بىلەن ۋېي لىخۇئاڭ. گومىنداڭنىڭ گېنېرالى بولۇپ تۇرىۋاتقان بۇ ئىككى جاسۇس ئۆزلىرى گومىنداڭ ئارمىيىسى بولۇپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دۈشمىنى بولغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە قارىتا پەقەت ھۇجۇم قوزغىمىغان.
ستالىنغا پەۋقۇلئاددە چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن يەنە بىر ناھايىتى مۇھىم جاسۇس - گومىنداڭ گېنېرالى جاڭ جىجوڭ. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەلچىخانىسىدىكى ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ تۇرىدىغان كىشى. "لۇگۇچاۋ ۋەقەسى" دىن كېيىن، ستالىن ياپونىيە قوشۇنلىرى خىتاينىڭ جەنۇبىغا كېڭەيمەي، پەقەت شەرقىي شىمالدىكى ئۆلكىلەردىلا تۇرۇپ، ئۆزىنى مۇستەھكەملىۋېلىپ، ئاندىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈشىدىن ئەندىشە قىلاتتى. شۇڭلاشقا ستالىن ياپونىيە قوشۇنلىرىنى خىتاينىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغۇزغۇزۇش ئۈچۈن، جاڭ جىجوڭ ئارقىلىق 1937 - يىلى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى "شاڭخەي ئۇرۇشى" دەپ ئاتالغان چوڭ ئۇرۇشنى پىلانلىغان. ئەينى زاماندا سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ۋەقەنى ستالىننىڭ دېپلوماتىيىدىكى ئەڭ چوڭ غەلىبىسى دەپ ئاتىغان. ئەينى زاماندا سوۋېت - ياپۇن مۇناسىۋىتى بويىچە سوۋېت ئىتتپاقىغا جاسۇسلۇق قىلغان جاڭ جىجوڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە گومىنداڭ گېنېرالى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى بىلەن تا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئارمىيىسى شەرقى تۈركىستانغا كىرىشنىڭ تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈپ بولغىچە "تىنچلىق سۆھبىتى" ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرقى ھېسابتا، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ ئالدىنقى رەسمىيەتلىرىنى تاماملىغان. )داۋامى بار( (ۋەلى)