ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇيىل 6 - ئايدا، جاڭ روڭ خانىم بىلەن جوھن خالىدەي ئەپەندى بىرلىكتە يازغان "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ (ئېنگىلىسچە نۇسخىسى) ئەنگىلىيىدە نەشىر قىلىنغان. "ئېچىۋېتىش" ژورنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خوڭكوڭدا بۇ كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ مۇراسىمدا، كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىم كىتابخانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. "ئېچىلىش" ژورنىلىدا ئېيتىلىشىچە، "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ خىتايچە نۇسخىسى كېلەر يىلى باھار پەسلىدە نەشردىن چىقىدىكەن.
ماۋ زېدوڭنىڭ يەنئەندىكى ھاياتى باشقىلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ ئۆتكەن
ماۋ زېدوڭ ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ يازغۇچى بىلەن راستىنلا ھەمكارلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاسان ئەمەس. شۇڭلاشقا كىتابخانلار "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمدىن ماۋ زېدوڭ ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ، مەسىلەن، شى جې ئەپەندىدەك كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلانى قانداق تەمىنلىگەنلىكى ھەققىدە سورىغان.
"ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمنىڭ بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا ئېيتىلىشىچە، جاڭ روڭ خانىم ماۋ زېدوڭ ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بىلىدىغان كىشىلەرنى، بولۇپمۇ شى جې ئەپەندىدەك كىشىلەرنى ئىزدەپ تېپىپ كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغان. جاڭ روڭ خانىم بۇ كىشى بىلەن تا ئۆتكەن يىلى ئۆلۈپ كەتكىچە ئالاقىلىشىپ تۇرغان.
ماۋ زېدوڭنىڭ يەنئەندىكى ھاياتىنى، بولۇپمۇ ماۋ زېدوڭنىڭ ستالىن بىلەن قانداق ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى بىلىش جەھەتتە بۇ كىشى ناھايىتى مۇھىم شاھىد ئىدى. ئۇ خېلى ئۇزۇن يىللارغىچە ماۋ زېدوڭنىڭ يېنىدا تۇرغان. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، يەنئەندىكى زاۋيۇئەن دېگەن مەھەللىدىكى تاغ قاپتىلىدا ماۋ زېدوڭنىڭ بىر مەخپىي تۇرار جايى بولغان. بۇ جاينى ئەينى ۋاقىتتا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىدىكى باشقا رەھبەرلەر بىلمەيتتى. بىلگەنلىرىمۇ ئىچىگە كىرەلمەيتتى. ئۇ چاغدا يەنئەندە ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى ناھايىتى دەھشەتلىك بولغان. ماۋ زېدوڭ زەربىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن بەكلا ئەندىشە قىلغاچقا، شى جې دېگەن كىشىنى ئۆزىنىڭ مەخپىي تۇرالغۇسى ئالدىدا قاراۋۇللۇق قىلىشقا قويغان. جاڭ روڭ خانىمنىڭ ئىگىلىشىچە، ماۋ زېدوڭنىڭ ياڭ جالىن دېگەن مەھەللىدىمۇ يەنە بىر مەخپىي تۇرالغۇسى بولغان. ماۋ زېدوڭنىڭ يەنئەندىكى ھاياتى ئۆزى پەيدا قىلغان تېررورلۇقتىن ئۆزىگە ئەجەل كېلىشىدىن قورقۇپ ئۆتكەن.
ۋاڭ مىڭنىڭ زەھەر بېرىپ ئۆستۈرۈلۈشىدە ماۋ زېدوڭنىڭ جاۋابكارلىقى بار
كىتابخانلار "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمدىن يەنئەندە ئەينى ۋاقىتتىكى كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېت رەئىسى ۋاڭ مىڭ ئەپەندى "زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈلگەن" دېگەن مەسىلە ھەققىدە سورىغان.
"ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمنىڭ بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا ئېيتىلىشىچە، يەنئەندە ئەينى ۋاقىتتىكى كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېت رەئىسى ۋاڭ مىڭ ئەپەندىنى "زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈلگەن" دېگەن گەپكە جاڭ روڭ خانىم دەسلەپتە گۇمان بىلەن قارىغان. ئۇ 1943 - يىلىدىكى يەنئەندىكى بىر مۇھىم دوختۇرنىڭ دىئاگنوز قەغىزىدىكى "ئاق قەغەز ئۈستىگە قارا سىيادا يېزىلغان" پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئەينى ۋاقىتتىكى كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېت رەئىسى ۋاڭ مىڭ ئەپەندى زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئىشەنگەن. بۇنىڭدا ماۋ زېدوڭنىڭ جاۋابكارلىقى بار، ئەلۋەتتە. بۇنىڭغا ۋاڭ مىڭنىڭ موسكۋادىكى ئوغلى ۋە ۋاڭمىڭ ئۆزى يازغان كىتابمۇ ئىسپات .
ليۇ شاۋچى جوڭنەنخەيدە كۈرەشكە ئېلىنغاندىكى كۆرۈنۈش
كىتابخانلار "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمدىن ليۇ شاۋچىنى كۈرەش قىلغاندا "تاياق زەربىسىدە يەرگە يىقىلغان" دېگەن مەسىلە بويىچە ليۇ شاۋچىنىڭ ئايالى ۋاڭ گۇئاڭمېينىڭ قانداق ئىسپاتلىق بەرگەنلىكىنى سورىغان. "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمنىڭ بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا ئېيتىلىشىچە، جاڭ روڭ خانىم كىشىلەرنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭ پاكىتنى كۆرسىتىپ بېرەلىشىگە، ۋەقەنىڭ جەريانىغا تەپسىلى ئىزاھات بېرەلىشىگە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ ليۇ شاۋچىنىڭ ئايالى ۋاڭ گۇئاڭمېينىمۇ زىيارەت قىلغان. ئەمما بۇ ھەقتە ئۇنىڭدىن ئىسپاتلىق كۈتمىگەن. چۈنكى، ماۋ زېدوڭنىڭ ليۇ شاۋچىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم توغرا پەرەز قىلالايتتى. بۇنىڭغا ۋاڭ گۇئاڭمېي ئىسپاتلىق بەرمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ.
1976 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ليۇ شاۋچى خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورنى بولغان جوڭنەنخەيدە كۆرەشكە ئېلىنغاندا، ئۇرۇپ يەرگە يىقىتىلغان كۆرۈنۈشنى جاڭ روڭ خانىم كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ھۆججەتلىك فىلىملىرىدىن كۆچۈرۈپ ئالغان. شۇ قېتىمقى كۈرەش يىغىنىغا، ماۋ زېدوڭ جەنۇبقا كېتىشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئىشخانا مۇدىرلىقىغا بەلگىلەپ قويغان چى بېنيۈ ئەپەندىنىڭ كاتىپى رىياسەتچىلىك قىلغان. شۇ كۈنىدىكى تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدە ماۋ زېدوڭ سىنگاپورنىڭ پرېزىدېنتى ماكىس ئەپەندىنىڭ خوتۇنىنىڭ قولىغا سۆيگەن بىر كۆرۈنۈشمۇ بار. (داۋامى بار)( (ۋەلى)
