ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇيىل 6 - ئايدا، جاڭ روڭ خانىم بىلەن جوھن خالىدەي ئەپەندى بىرلىكتە يازغان "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتاب ئەنگىلىيىدە نەشىر قىلىنغان. 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خوڭكوڭدا، بۇ كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ مۇراسىمدا، كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىم كىتابخانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. "ئېچىلىش" ְژورنىلىدا ئېيتىلىشىچە، "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ خىتايچە نۇسخىسى كېلەر يىلى باھار پەسلىدە نەشىردىن چىقىدىكەن.
ماۋ زېدوڭ "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" نى لىن بياۋ بىلەن بىللە پىلانلىغان
كىتابخانلار "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمدىن ماۋ زېدوڭ بىلەن لىن بياۋنىڭ مۇناسىۋىتى زادى قانداق مۇناسىۋەت ئىكەنلىكى ، ماۋ زېدوڭ "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" نى كىم بىلەن بىرلىكتە پىلانلىغانلىقى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلارنى سورىغان.
جاڭ روڭ خانىمنىڭ بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا ئېيتىلىشىچە، جاڭ روڭ خانىم لىن بياۋ ئائىلىسىگە ئالاقىدار بولغان خېلى كۆپ ئادەم بىلەن، مەسىلەن: لىن دۇدۇ، جاڭ نىڭ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇنىڭ ئىگىلىشىچە، لىن بياۋ بىر كىمنىڭ مەسلىھەتىگە كىرمەيدىغان، قىلغان خاتا ئىشى ئۈچۈن ھەرگىز ئۆزىنى تەكشۈرمەيدىغان، ھەرگىز گۇنايىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان مىجەزلىك ئادەم. شۇڭلاشقا ماۋ زېدوڭ بىلەن لىن بياۋ ئوتتۇرىسىدا، پارتىيە پىرىنسىپلىرىدىن پۈتۈنلەي ھالقىپ كەتكەن بىرخىل پەۋقۇلئاددە مۇناسىۋەت مەۋجۇت. ئۇلار بىر- بىرىگە ۋەدە بېرىشكەن. كوممۇنىست پارتىيىنىڭ "ئۆز -ئۆزىنى تەنقىت قىلىش" دېگەن پرىنسىپىنى ھېچكىم رەت قىلالمايدۇ. ئەمما ماۋ زېدوڭ لىن بياۋنى ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىنى تەنقىد قىلىشقا مەجبۇرلىماسلىققا ۋەدە بەرگەن. لىن بياۋمۇ ماۋ زېدوڭغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغاندا چوقۇم ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەن.
بۇنداق پەۋقۇلئاددە مۇناسىۋەت 1929 - يىلى ماۋ زېدوڭ بىلەن لىن بياۋ ئىككىسى بىرلىشىپ جۇ دېنىڭ ئەدىپىنى بېرىشتىن باشلانغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخىپلىرىدا، لىن بياۋ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ماۋ زېدوڭ، جۇ ئىنلەيلەرنى ئەيىبلەپ يوللىغان دوكىلاتلار بار. ئۇ ماۋ زېدوڭنى "ياپونغا قارشى تۇرمايدۇ" دەپ يازغان. ماۋ زېدوڭ بۇنى بىلسىمۇ، ئەمما لىن بياۋنى ئۆزىنى تەنقىد قىلىشقا قىستىمىغان. 1962 - يىلىدىن كېيىن، ماۋ زېدوڭنىڭ لىن بياۋغا ئىھتىياجى چۈشكەن.
جاڭ روڭ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ماۋ زېدوڭ "دۆلەتنى سانائەتلەشتۈرۈش" دېگەن شۇئار ئاستىدا، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۇنياغا خوجا بولۇش ئۈچۈن كۆپلەپ ئاشلىق ئېكىسپورت قىلىشقا، ئاشلىق ساتقان پۇلغا ئاتوم بومبىسى، باشقۇرىلىدىغان بومبا، يادرو لۇق سۇ ئاستى پاراخوتى قاتارلىقلارنى سېتىۋىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خەلق ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن. شۇ سەۋەبتىن ، 7 مىڭ كىشىلىك يىغىندا دۆلەت رەئىسى ليۇ شاۋچى ماۋ زېدوڭنى بىۋاستە تەنقىتلىگەن. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەمەلدارلار ليۇ شاۋچىنى قوللىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، قوللىغۇچىسىز قالغان ماۋ زېدوڭ لىن بياۋ بىلەن كېلىشىپ، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى يوقۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي ھەربىي ئەمەلدارلارنى قويۇشنى پىلانلىغان. مانا بۇ ليۇ شاۋچىنى يوقىتىدىغان "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" نىڭ تەييارلىقى ئىدى. لىن بياۋ بۇ پىلاننى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ماۋ زېدوڭنى لىن بياۋنىڭ رايىغا بېرىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بويان ئۆزىنى بىۋاستە قوغداپ كېلىۋاتقان لو رۈيچىڭنى قۇربان قىلىشقا ماقۇل كەلتۈرگەن.
لىن بياۋنىڭ قىزى كىتاب يېزىۋاتىدۇ
"ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمنىڭ كىتابخانلارنىڭ لىن بياۋنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىغا بەرگەن جاۋابىدا ئېيتىلىشىچە، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا، لىن بياۋنىڭ ئىمتىيازى بەك ئېشىپ كەتكەن. سىياسىي بيۇرودا ھەممە كىشى لىن بياۋنى قوللايتتى. ھەتتا ماۋ زېدوڭنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ۋاڭ دوڭشىڭمۇ لىن بياۋنى قوللايدىغان بولۇپ كەتكەن. ماۋ زېدوڭ دۆلەتتە لىن بياۋنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ ھېچنىمىنى مىدىرلىتالمايدىغان بولۇپ قالغان. ئاخىر ماۋ زېدوڭ شۇ سەۋەبتىن لىنبياۋنى لۇسەن يىغىنىدا ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، خاتالىق ئۆتكەزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا قىستىغان. لىن بياۋ خاتا ئىش قىلدىم دەپ ئۆزىنى تەكشۈرىدىغان ئادەم ئەمەس. شۇڭلاشقا ئۇ بېيجىڭنى تاشلاپ خوڭكوڭغا كەتمەكچى بولغان. كېيىن قارارىنى ئۇشتۇمتۇت ئۆزگەرتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراپ ئۇچقان.
خالىدەي ئەپەندىنىڭ ئېنىقلىشىچە، لىن بياۋ چۈشكەن ئايروپىلان يېقىلغۇ تۈگەپ كەتكەنلىكتىن ھادىسىگە ئۇچرىغان. ئۇنى بىركىم ئېتىپ چۈشۈرمىگەن. ماۋ زېدوڭ بىلەن لىن بياۋنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇناسىۋىتى ھەققىدە، لىن بياۋنىڭ قىزى لىن دۇدۇ ھازىر كىتاب يېزىۋاتىدۇ.
ماۋ زېدوڭنىڭ 50 نەچچە ئورۇندا كۆچمە ئوردىسى بار
"ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمنىڭ كىتابخانلارنىڭ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا ئېيتىلىشىچە، ماۋ زېدوڭنىڭ ئاز دېگەندە 50 نەچچە ئورۇندا مەخپىي ئوردىسى بار. جاڭ روڭ خانىم بۇنداق مەخپى ئوردىلارنىڭ 10 نەچچسىگە بارغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ماۋ زېدوڭ ئۈچۈن ئالاھىدە پىلانلانغان مەخپىي ئوردىلارنىڭ كۆپىنچىسى تۆمۈر يول بويىدا. ماۋ زېدوڭ ئولتۇرغان پويىز ۋاگونى مەخپىي ئوردىنىڭ گۈللۈك بېغىدىلا توختايدۇ. ماۋ زېدوڭ تۇرىدىغان ئۆي شۇ گۈللۈك باغدا. ئۇ گۈللۈكتىن يەنە تاغ قاپتىلىدىكى تۇرالغۇغا بارىدىغان مەخسۇس يول بار. بۇ ئوردىلارنىڭ مۇھاپىزىتى ئىنتايىن مەخپىي. (داۋامى بار)( (ۋەلى)
