ئەنگىلىيىدە نەشر قىلىنغان يېڭى كىتاب: "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" (6)

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇيىل 6 - ئايدا، جاڭ روڭ خانىم بىلەن جوھن خالىدەي ئەپەندى بىرلىكتە يازغان "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتاب ئەنگىلىيىدە نەشىر قىلىنغان. 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خوڭكوڭدا، بۇ كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ مۇراسىمدا، كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىم كىتابخانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. "ئېچىلىش" ژورنىلىدا ئېيتىلىشىچە، "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ خىتايچە نۇسخىسى كېلەر يىلى باھار پەسلىدە نەشردىن چىقىدىكەن.

ماۋ زېدوڭ 3 بالىسىنى ئېچىنىشلىق ھالدا تاشلىۋەتكەن

"ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمنىڭ كىتابخانلارنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابىدا ئېيتىشىچە، ماۋ زېدوڭنىڭ ئاياللارغا قارىتا ئەخلاقسىزلىق قىلغان ھېكايىلىرى ئانچە بەك مەخپىي ئىش ئەمەس. ماۋ زېدوڭنىڭ تۇنجى خوتۇنى ياڭ كەيخۇينىڭ بۇ ھەقتە يېزىپ قالدۇرغان قوليازمىلىرى بار. ماۋ زېدوڭ شەھۋانىلىققا بېرىلىپ ئۆزىنىڭ 3 بالىسىنى ئېچىنىشلىق ھالدا تاشلىۋەتكەن. بۇ قوليازمىلار ماۋ زېدوڭ ئۆلۈپ 6 يىلدىن كېيىن ئاشكارا بولدى. ماۋ زېدوڭنىڭ دوختورى لى جىسۈي ئەپەندىنىڭ ماۋ زېدوڭ "خانىملىرى" ھەققىدىكى بايانلىرى ئىشەنچلىك. بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن باشقا يازما ماتېرىياللارنى ئىزلەش ھاجەت ئەمەس. ئەمما ئادەم سانى ئۇنىڭ بايان قىلغىنىدىنمۇ كۆپ. بۇ ھەقتە جاڭ روڭ خانىم كىتابىدا تەپسىلىي ئىسىملىك كۆرسەتكەن.

ماۋ زېدوڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئۆلگەن ئادەم سانى قانداق ھېسابلانغان؟

"ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابتا ماۋ زېدوڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئۆلگەن ئادەم سانى 70 مىليون دەپ بايان قىلىنغان بولۇپ، كىتابخانلار بۇ ساننىڭ ئىستاتىستىكا ئاساسىنى سورىغان.

ئاپتورنىڭ بۇ ھەقتىكى خىلمۇ-خىل سوئاللارغا بەرگەن جاۋابىدا ئېيتىلىشىچە، ماۋ زېدوڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئۆلگەن ئادەم سانى ئەڭ ئاز دېگەندە 70 مىليون. ئاپتور بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلى ھەققىدىمۇ تەپسىلى ئىزاھات بەرگەن.

ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش" دېگەن ھەرىكەت جەريانىدا پەيدا بولغان ئاچارچىلىقتا ئۆلگەن ئادەم سانى 38 مىليون. "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" دېگەندەك شەكلىدە نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇپ ئۆلگەن ئادەم سانى 20 مىليوندىن ئاشىدۇ. "يەر ئىسلاھاتى"، "ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش" دېگەن ھەرىكەتلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى 3 مىليون. "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن ھەرىكەتتە ئۆلگەن ئادەم سانى 3 مىليون. بۇ دىڭ شۇ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ھېسابلاپ چىققان سان. ئەمەلىيەتتە "مەدەنىيەت ئىنقىلابى"دا ئۆلگەن ئادەم سانى ئۇنىڭدىن كۆپ.

ئالبانىيىدە ساقلانغان ئارخىپلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ماۋ زېدوڭ ئۆزى ئالبانىيە كومپارتىيىسىنىڭ داھىسىغا، خىتايدا يوقىتىدىغان ئادەم سانىنى ئېنىق ئېيتىپ "خىتايدا ھازىر 30 مىليوندىن ئارتۇق سىنىپىي دۈشمەن بار" دېگەن. "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دىن كېيىن، خىتاي مارشالى يې جەنيىڭ "مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا 10 مىليون ئادەم ئۆلدى" دېگەن. ئەمما "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابتا بۇ ساننى قوللانماي، بەلكى ئۇنىڭدا " 3 مىليون" دېگەن بەكراق مۇتەئەسسىپ ساننى قوللانغان.

جاڭ روڭ خانىمنىڭ ئىزاھات بېرىشىچە، ھازىر چەتئەللەردە ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە غەيرى نورمال ئۆلگەن ئادەم سانىنى "80 مىليون" دەپ قوللىنىۋاتقانلىقى ھەرگىزمۇ مۇبالىغە قىلىنغان سان ئەمەس.

خىتايدا ماۋ زېدوڭ ھەققىدە ئەركىن مۇنازىرە قىلىش، ئۇچۇق - ئاشكارا باھا بېرىش قاچان باشلىنىدۇ؟

كىتابخانلار "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جاڭ روڭ خانىمغا 1994 - يىلى ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيە شىركىتى ماۋ زېدوڭ ھەققىدىكى ھەرخىل ئەركىن سىياسىي مۇنازىرىلەرنى بايان قىلىپ ئىشلىگەن بىر فىلىم بارلىقىنى، ئۇنىڭدا "ماۋ زېدوڭنىڭ بىر "ئىنقىلاپچى" دىن مۇستەبىتكە ياكى بىرخىل ياۋۇز ھايۋانغا ئايلىنىشى" دېگەن سۆز قوللىنىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. شۇنداقلا ئاپتوردىن "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن بۇ كىتابنىڭ ماۋ زېدوڭ ھەققىدىكى يەكۈنى نېمە؟، خىتايدا خەلق ئىچىدە ماۋ زېدوڭ ھەققىدە ئەركىن مۇنازىرە قىلىش، ئۇچۇق - ئاشكارا باھا بېرىش قاچان باشلىنىشى مۇمكىن؟ دەپ سورىغان.

ئاپتورنىڭ جاۋابىدا ئېيتىلىشىچە، "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتاب ئۆزى ماۋ زېدوڭ ھەققىدە ھېچقانداق يەكۈن چىقارمايدۇ. چۈنكى بۇ كىتابنىڭ مەقسىتى پەقەت ماۋ زېدوڭنىڭ بىر ئۆمۈر بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى، ئۇنىڭ نېمىنى كۆزلەپ كۈرەش قىلغانلىقى، قايسى ۋاقىتتا قانداق يۇقىرى ئۆرلەپ ياكى نېمە سەۋەبتىن پەسلەپ كەتكەنلىكى، ھوقۇقۋازلىق بابىدا ماۋ زېدوڭنىڭ قانداق ئۇستىكارلىق قىلغانلىقى، خەلققە رەھىم قىلىش ياكى رەھىمسىزلىك قىلىش جەھەتتىكى تەپسىلىي ئىپادىلىرى، بولۇپمۇ، ماۋ زېدوڭ ھەققىدە تېخىچە كىشى بىلمىگەن ۋەقەلەرنى پۈتۈن جەريانى بىلەن ئېچىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولغان.

مەسىلەن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنى "25 مىڭ يوللۇق ئۇلۇق سەپەر" دە، ئۇرۇشنىڭ ئوق - يامغۇرلىرىدا غەلبىنى قولغان كەلتۈرۈپ يەنئەنگە كەلگەن دەپ پۈتۈن دۇنياغا تەشۋىق قىلغان ئىدى. ئەمما "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" دېگەن كىتابتا، ئەينى ۋاقىتتا ستالىننىڭ جاڭكەيشىنىڭ ئوغلىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقى، بۇ ئارقىلىق مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قىزىل ئارمىيىسىنى قۇتقۇزغانلىقى، كوممۇنىست قىزىل ئارمىيىسى قاچقاندىن كېيىن يەنە بىر نەچچە قېتىم مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ستالىن جاڭكەيشىنىڭ ئوغلىنى قويۇپ بەرمىگەنلىكتىن، خىتاي كوممۇئىنىست قىزىل ئارمىيىسى تا يەنئەنگە يېتىپ بارغۇچە بىرەر چوڭ ئۇرۇش بولمىغانلىقىنىڭ دېلىللىرى بايان قىلىنغان. ئەمما ئۆزى بۇ ھەقتە يەكۈن چىقارمىغان. لىن بياۋ بىلەن ماۋ زېدوڭنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىمۇ شۇنداق.

كىتابتا ماۋ زېدوڭ بىلەن لىن بياۋ ھەر ئىككىلىسى بىر - بىرىگە ھەرگىز بوي سۇنمايدىغان ئادەملەر ئىكەنلىكى، ئەمما ئۇلار بىر-بىرىگە ئەڭ ھەل قىلغۇچ پەيتتە چۇقۇم ياردەم بېرىشكە، بەزى مەنپەئەتلىرىنى قۇربان قىلىۋىتىشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنىڭ دېلىللىرى بايان قىلىنغان. كىتابتا يەنە ستالىننىڭ جاڭكەيشى قوشۇنلىرى ئىچىدە گېنېرال جاڭ جىجوڭدەك 4 چوڭ جاسۇسى بولغانلىقتىن، جاڭ كەيشى قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باشتىن- ئاخىر سۈكۈت قىلىپ تۇرغانلىقىنىڭ دېلىللىرى بايان قىلىنغان. ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، يەكۈننى كىشىلەر ئۆزلىرى چىقىرىۋالىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ماۋ زېدوڭغا قارىتا، خىتايدا كىشىلەرنىڭ سۆز ئەركىنلىكى بوغۇلمىغان ھالدا، ئۇچۇق - ئاشكارا باھا بېرىش باشلىنىدىغانغا ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى. چۈنكى ماۋ زېدوڭدەك بۇنداق جاللاتقا ھېلىمۇ ئەۋلىيا - ئىلاھ سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ رەسىمىنى تيەنئەنمېن مەيدانىغا ياكى قايسى بىر جايغا ئېسىپ قويسا، ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇ ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ماۋ زېدوڭدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈل- كېسىل ئۆزۈش ياكى ئۈزمەسلىكىگە باغلىق. ئۇلار ماۋ زېدوڭدىن ئۈزۈل - كېسىل مۇناسىۋەت ئۈزگەندە، ئاندىن خەلقتە كەلگۈسى ئۈچۈن ئۈمىد پەيدا بولىدۇ. ( (ۋەلى)