نېمىچۈن ماۋزېدۇڭنىڭ ئەرۋاھى تېخىچە ئەگىيدۇ؟ ‏(1)


2006.09.12
qeshqer-mao-200.jpg
2005 – يىلى 27 – مارت كۈنى ئىككى ئۇيغۇر قەشقەر شەھىرىدە ماۋ زېدوننىڭ ھەيكىلى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ھەيكەل ماۋ زېدوڭنىڭ خىتايدىكى ھەيكەللىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭى. AFP

خىتايدا چىقىدىغان "بېيجىڭ ياشلىرى" گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنى خىتايدا ماۋزېدۇڭ ئۆلگەنلىكىگە 30 يىل توشقان كۈن. بۇ كۈننىڭ ھارپىسىدا بېيىجىڭدىكى بۈيۈك خەلق سارىيىدا چوڭ ھەجىملىك ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇزىكا كېچىلىكى قوراللىق ساقچى قىسىم سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللىگەن بىر نەچچە يۈز ناخشىچى ماۋنى مەدھىيىلەيدىغان خور ئېيتىشى بىلەن باشلانغان. ماۋزېدۇڭغا چوڭقۇر مۇھەببىتى بار ئارتىستلار قاتارىدا ئۇيغۇرلاردىن كېرەم ئابدۇگۇل ئەپەندىمۇ شۇ كۈنى "ماۋجۇشىنىڭ سۆزلىرى قەلبىمىزدە ساقلاقلىق" دېگەن ناخشىنى ئورۇنلاپ ماۋنى ئەسلىگەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنى بېيجىڭدىكى بۈيۈك خەلق سارىيىدا ماۋزېدۇڭنىڭ ئەرۋاھىنى مەدھىيىلەيدىغان مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەندە، "كۆزىتىش ژۇرنىلى"دا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، ماۋزېدۇڭنىڭ ئەرۋاھى، كوممۇنىزمنىڭ ئەرۋاھى خىتايدا تېخىچە ئەگىپ يۈرۈشى، ماۋ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۈچۈن يىتىشتۈرۈپ قويغان مىراسخورلارنىڭ ھەرخىل ۋاستە قوللىنىپ تەشۋىقاتنى توختاتماي كېلىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ كۈندە، چەتئەللەردىكى ئىنتىرنېت تور بەتلىرىدە مەخسۇس ماۋزېدۇڭ ھەققىدە بىر چوڭ ئەركىن مۇنازىرە باشلاندى:

ئېچىنىشلىق كۈنلەرنىڭ خاتىرىسى

خوڭكوڭدىن ب ب س نىڭ "ماۋ زېدوڭ ھەققىدە ئەركىن مۇنازىرە" بېتىگە يېزىلغان بىر ئوبزوردا " قىرائەتخانامدىن ئاختۇرۇپ كۆرسەم، ماۋ تاللانما ئەسەرلىرى دېگەن 5 كىتاب ۋە يەنە بىر نەچچە تال چوڭ-كىچىك ئىزنەك تۇرۇپتۇ. مەن بۇ نەرسىلەرنى قولۇمغا ئالسام، ماۋ دەۋرىدە تارتقان ئېچىنىشلىق كۈنلەر ئېسىمگە كېلىدۇ، ئىچىم ھەسرەتكە تولىدۇ، مانا بۇ ماڭا ماۋ دەۋرىدىن قالغان نەرسە" دەپ بايان قىلىنغان.

ماۋ دەۋرى بىر ئوسال دەۋر بولغان ئىكەن

جىلىن ئۆلكىسىدىن يېزىلغان بىر مۇنازىرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: ھازىر مەن بىلەن ياش-قورامى تەڭ كىشىلەر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 ‏- يىللىرىدا تۇغۇلغان كىشىلەر. بىز دېڭ شاۋپىڭ بىر قىسىم كىشىلەر ئالدى بىلەن باي بولسۇن، دېگەن دەۋردە چوڭ بولدۇق. بىز ھازىر ئۆزىمىزنى يەر شارىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ ھېسابلايدىغانلار. بىز ھازىر ئالىي سۈپەتلىك كىچىك ماشىنا، كاتتا تاللا بازار دېگەنلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز. بىز ماۋ دەۋرىدىكى ئىشلارنى بىلمەيمىز. ئەمما بىز ، ماۋ دەۋرىدىن كەلگەن ئىشچىلار ياشىنىپ پېنسىيىگە چىقىدىغاندا ئىشتىن بوشۇتۇلغانلىقىنى كۆردۇق. يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ يەر‏ - زېمىنلىرى داۋاملىق تۈردە ھەقسىز ئىگىلىۋېلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ھۆكۈمەتنىڭ پەقەت "مۇقىملىق" دېگەننىلا ، "ماسلاشقان جەمئىيەت " دېگەننىلا تەكىتلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كىشىلەرنى پاش قىلغانلار جازالىنىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز. گەرچە بىز ماۋ دەۋرى ھەققىدە ئاڭلىغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇ دەۋردە بولغان ئىشلار ۋە قىلىنغان گەپلەرنى ھېس قىلالمايمىز. ئاڭلىغىنىمىزغا قارىغاندا ئۇ دەۋر بىر ئوسال دەۋر بولغان ئىكەن.

ماۋ دەۋرىدىن قالغان قالايمىقان سەپسەتىلەر

چوڭ قۇرۇقلۇقتىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا "ماۋ دەۋرىدىن بىزگە "ئىسيان كۆتۈرۈش يوللۇق" ، "ئاسمانغا، يەرگە، ئادەمگە قارشى كۆرەش قىلىش چەكسىز خوشاللىق" ، "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش" ، " دېھقانلار داجەيدىن ئۆگىنىش" ، " ئىستىل تۈزىتىش" ، "ھەممىگە كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ" ، "مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ" دېگەندەك بىر تالاي مەنتىقىسىز، قالايمىقان سەپسەتىلەردىن باشقا تۈزۈك بىر نەرسە قالغان ئەمەس" دەپ بايان قىلىنغان.

ماۋزېدۇڭ كاپىتالىستلارغا، يەر -زېمىن ئىگىلىرىگە قارىتا بۇلاڭچىلىق يۈرگۈزدى

شاڭخەيدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، بەزىلەر 1952 ‏- يىلى خىتايدا سانائەت خەلق ئىگىلىكىنىڭ 30%نى تەشكىل قىلاتتى، يېزا ئىگىلىكى 64% نى تەشكىل قىلاتتى، 1975 ‏- يىلىغا كەلگەندە بۇ نىسبەت ئۆزگەردى، سانائەت 72%نى، يېزا ئىگىلىكى 28% نى تەشكىل قىلىدىغان بولدى. جۇڭگونىڭ سانائەت دۆلىتىگە ئايلىنىشى ماۋ دەۋرىدە ئەمەلگە ئاشتى دەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ دەۋر ماۋ خەلق ئىچىدە كاپىتالىستلارنى، يەر -زېمىن ئىگىلىرىنى بۇلاپ-تالاپ، ئۇلارنىڭ مۈلكىنى "دۆلەتنىڭ"، ئەمەلىيەتتە كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ قىلىۋالغان دەۋر. بۇ دەۋرنىڭ دۇنيادا دېيىلىۋاتقان "خەلق"، "دۆلەت" دېگەن ئۇقۇم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. دۇنيادىكى سانائەت دۆلىتى دېگەن دۆلەتلەرگىمۇ ئوخشىمايدۇ. بۇ دەۋردىكى ماۋنىڭ بۇلاڭچىلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا بولغان. ماۋزېدۇڭ ھوقۇقنى قولىغا ئالغان ھامان، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تېخى ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى، خەلقنىڭ تېخى نامرات ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى بىلەن قىلچە كارى بولماستىن تۇرۇپ كورىيە ئۇرۇشىنى قوزغىدى. بۇ ئۇرۇشتا 800 مىڭ جۇڭگولۇقنى ھاياتىدىن ئايرىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ماۋ يەنە ،ئەسكەرلەرنى ۋېتنامچە كېيىندۈرۈپ، ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇپ بىر نەچچە ئونمىڭ ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىدى. دۆلەت ئىچىدە كەينى -كەينىدىن "ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش"، "ئىستىل تۈزىتىش"، "ئوڭچىلارغا قاشى تۇرۇش"، "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش"، "خەلق كوممۇنىسى" ، دېگەن سىياسىي ھەرىكەتلەرنى قوزغاپ، بۇ ئارقىلىق بىر نەچچە ئون مىليون خەلقنى ئاچارچىلىققا قويۇپ ھاياتىدىن ئايرىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" نى قوزغاپ خەلقنى بىر-بىرىگە ئۇرۇشقا سېلىپ، بۇ ئارقىلىق يۈز مىڭلىغان خەلقنى ئۆلتۈردى. مانا بۇ ماۋزېدۇڭ دەۋرى" . (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.