نېمىچۈن ماۋزېدۇڭنىڭ ئەرۋاھى تېخىچە ئەگىيدۇ؟ (2)
2006.09.13
'بېيجىڭ ياشلىرى' گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدا ماۋزېدۇڭ ئۆلگەنلىكىگە 30 يىل توشقان كۈنى، بېيجىڭدىكى بۈيۈك خەلق سارىيىدا چوڭ ھەجىملىك ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇزىكا كېچىلىكى قوراللىق ساقچى قىسىم سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللىگەن بىر نەچچە يۈز ناخشىچى ماۋنى مەدھىيىلەيدىغان خور ئېيتىشى بىلەن باشلانغان. ماۋزېدۇڭغا چوڭقۇر مۇھەببىتى بار ئارتىسلار قاتارىدا ئۇيغۇرلاردىن كېرەم ئابدىگۇل ئەپەندىمۇ 'ماۋجۇشىنىڭ سۆزلىرى قەلبىمىزدە ساقلاقلىق' دېگەن ناخشىنى ئورۇنلىغان. 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە "ماۋزېدۇڭنىڭ ئەرۋاھى خىتايدا تېخىچە ئەگىپ يۈرۈشى، ماۋ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۈچۈن يېتىشتۈرۈپ قويغان مىراسخورلارنىڭ ھەرخىل ۋاستە قوللىنىپ كوممۇنىزم تەشۋىقاتىنى توختاتماي كېلىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك" دەپ بايان قىلىندى. مۇشۇ كۈندە يەنە، چەتئەللەردىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە مەخسۇس ماۋزېدۇڭ ھەققىدە چوڭ ئەركىن مۇنازىرە باشلاندى:
ماۋزېدۇڭ دەۋرى قىزىل تېررورلۇق سىجىل داۋاملاشقان دەۋر
ئامېرىكىدىن ب ب س نىڭ 'ماۋ زېدوڭ ھەققىدە ئەركىن مۇنازىرە' بېتىگە يېزىلغان بىر ئوبزوردا "خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 'نادانلاشتۇرۇش' تەشۋىقاتىدا ئېيتىلغان 'قىزىل قوياش نۇرىغا چۆمگەن دەۋر' دېگەن ئەمەلىيەتتە تارىختىكى ئەڭ زۇلمەتلىك، دۆلەت ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى، خەلق قىزىل تېررورلۇق ئىچىدە قالغان، تارىختىكى ئەڭ چوڭ جاللات ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر" دەپ بايان قىلىنغان.
ماۋ زېدوڭ ئۆلگەن ۋاقىتتا جۇڭگو ناھايىتى نامرات ئىدى
بېيجىڭدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا "مەن پەقەت ماۋزېدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى دەۋرنى بىلىمەن، مىنىڭ كۆزۈم كۆرگىنى --- ماۋ زېدوڭ ئۆلگەن ۋاقىتتا جۇڭگو ناھايىتى نامرات ئىدى، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك يوق ئىدى. شۇ ۋاقىتتا، ماۋزېدۇڭنىڭ بۇرۇن خەلققە بەرگەن ۋەدىلىرى، ئۇنىڭ كوممۇنىزم قۇرىمىز دېگىنى ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرنى مىنىڭ كۆزۈم كۆرمىدى، ماۋزېدۇڭنىڭ قانداق ئۇلۇق، شەرەپلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىنىڭ پاكىتىنى بىلمەيمەن" دەپ بايان قىلىنغان.
ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى نادانلىقتىن ئازاد قىلىشىمىز لازىم كانادادىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: ماۋزېدۇڭ ئۆزى گەرچە 'كاپىتالىزمنىڭ ئاجىزلارنى يەم قىلىشىغا قارشى تۇرۇش' دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى 'خەلقنى نادانلاشتۇرۇش' سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئاجىز خەلقلەرنى بىھۇش قىلىپ، ئۇلارنى ئىتائەتمەن بولۇشقا مەجبۇرلاپ كەلگەن ئىدى. بۇ بىر پاجىئە. دۇنيادا تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش پرىنسىپى پۈتۈن جەمئىيەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىدىغان مۇھىت يارىتىشتىن ئىبارەت. بۇنداق مۇھىتتا، گەرچە يەنىلا بەزى يېتىشسىزلىك بولسىمۇ، ئەمما ئاجىز خەلقلەر يەنىلا كۈچلۈكلەر بىلەن تەڭ باراۋەر تۇرۇپ رىقابەتكە قاتنىشالايدۇ. بۇ تەبىئەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن شەكىل. ئەمما ماۋزېدۇڭ دەۋرىدە ئۇنداق بولمىدى. ھازىر بىز ماۋ دەۋرى ئاللىقاچان بىر تارىخقا ئايلىنىپ بولغان دەۋردە ياشاۋاتىمىز. ھازىر بىز ئۇنىڭغا خۇددى چىن شىخۇاڭغا، چىڭگىزخانغا باھا بەرگەندەك باھا بېرىمىز. بىز ئۇلارغا بىركىمنىڭ دېگەن گېپى بويىچە ئەمەس، پەقەت نەق پاكىتلارغا ئاساسەن باھا بېرىمىز. ئەگەر بىز نەق پاكىتلارغا ھۈرمەت قىلساقلا، بىز ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك نادانلاشتۇرۇلغانلىقىمىزنى ھېس قىلالايمىز. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى پەقەت ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە تەپەككۇرىنى ئەركىن داۋاملاشتۇرىدىغان قانۇن -تۈزۈم شارائىتىدا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز نادانلىقتىن ئازاد قىلىشىمىز لازىم ، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ئەركىنلىكتىن ، كىشىلىك ئىپتىخارى دېگەندىن ئۆزىمىز بەھرىمان بولالايمىز.
ماۋ تېررورچىلىققا تايىنىپ ھاكىمىيەت باشقۇرغان ئەڭ چوڭ مۇستەبىت
شاڭخەيدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: ماۋ بىلەن تارىختا ئۆتكەن باشقا بىرنەچچە كىشىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، مەسىلەن، سۈن جۇڭسەن ئەپەندى ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمىدى. ئۇ ئۆلگەندە ، ئۆزى قوزغىغان ئىنقىلاب تېخى غەلىبە قىلمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغان جاڭ كەيشى ھېلى -مىكرى جەھەتتە ماۋغا تەڭ كېلەلمىدى. ھەتتا بىز ھازىر ئۇلۇق ئادەم دەۋاتقان دېڭ شاۋپىڭمۇ پەقەت ماۋ ئۆلگەندە ئاندىن قەددىنى كۆتۈرەلىدى. پاكىتلارغا قارىغاندا، ماۋ خىتاي تارىخىدا تېررورچىلىققا تايىنىپ ھاكىمىيەت باشقۇرغان ئەڭ چوڭ مۇستەبىت. بەزى كىشىلەر ماۋنى بىلىملىك دەپ ماختىسىمۇ، ئەمما ماۋ ئەمەلىيەتتە پەن-ئىلىمنى بىلىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا دۇنيادا بىرەر دۆلەت شۇ زاماندا ، ماۋزېدۇڭنى ياكى ماۋزېدۇڭ رەھبەرلىك قىلغان 'جۇڭگو' دېگەن دۆلەتنى بىر نورمال دۆلەت قاتارىدا كۆرگەن ئەمەس. پاكىت شۇكى، ماۋزېدۇڭ بىر مىلياردتىن ئارتۇق خەلقنى ئىقتىسادىي جەھەتتە نامراتلىققا پاتقۇزۇپ قويدى. نەچچە ئون مىليونلىغان ئادەمنى ئاچارچىلىقتا قالدۇرۇپ ئۆلتۈردى. مىليونلىغان بىلىملىك ئادەمنى ئەقىل -پاراسىتىدىن ۋە ئەركىن تەپەككۇرىدىن مەھرۇم قىلدى. خىتايدىكى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى بۇزدى. ماۋزېدۇڭنىڭ 'ئەگەر لۇشۈن ھازىر ھايات بولسا ياكى ئاغزىنى يۇمغان بولاتتى ياكى تۈرمىگە تاشلىناتتى' دېگەنلىكىمۇ ئېسىمىزدە. ھازىرقى زاماندا بۇنداق مۇستەبىتنىڭ ئەرۋاھىنى چاقىرماسلىق كېرەك. (داۋامى بار) (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نېمىچۈن ماۋزېدۇڭنىڭ ئەرۋاھى تېخىچە ئەگىيدۇ؟ (1)
- "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" ھەققىدىكى يېڭى تەتقىقاتلار (2)
- "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" ھەققىدىكى يېڭى تەتقىقاتلار (1)
- ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ماۋ زېدوڭ ھەيكىلى قاچان چېقىلىدۇ؟
- "ئاچ ئەرۋاھلار - ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق" (3)
- "ئاچ ئەرۋاھلار - ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق" (2)