نېمىچۈن ماۋزېدۇڭنىڭ ئەرۋاھى تېخىچە ئەگىيدۇ؟ (3)


2006.09.14

'بېيجىڭ ياشلىرى' گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى بېيجىڭدىكى بۈيۈك خەلق سارىيىدا ، ماۋزېدۇڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەپ چوڭ ھەجىملىك ناخشا-مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇزىكا كېچىلىكى قوراللىق ساقچى قىسىم سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللىگەن بىر نەچچە يۈز ناخشىچى ماۋنى مەدھىيىلەيدىغان خور ئېيتىشى بىلەن باشلانغان. ماۋزېدۇڭغا چوڭقۇر مۇھەببىتى بار ئارتىسلار قاتارىدا ئۇيغۇرلاردىن كېرەم ئابدىگۈل ئەپەندىمۇ 'ماۋجۇشىنىڭ سۆزلىرى قەلبىمىزدە ساقلاقلىق' دېگەن ناخشىنى ئورۇنلىغان. كۈنى خەلقئارادا ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە مەخسۇس ماۋزېدۇڭ ھەققىدە چوڭ ئەركىن مۇنازىرە باشلاندى. 'كۆزىتىش جۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە "ماۋزېدۇڭنىڭ ئەرۋاھى تېخىچە خىتايدا ئەگىپ يۈرۈشى، ماۋ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈچۈن يېتىشتۈرۈپ قويغان مىراسخورلارنىڭ ھەرخىل ۋاستە قوللىنىپ كوممۇنىزم تەشۋىقاتىنى توختاتماي كېلىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك" دەپ بايان قىلىندى.

ھازىر شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمى ئەپەندى ماۋزېدۇڭنى شەرقى تۈركىستان خەلقنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى دەپ مۇلاھىزە قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.