0:00 / 0:00
چوڭ قۇرۇقلۇقتا خىتايچە مەدەنىيەت بازىرىغا كىرىش ئەڭ قېيىن، ئەمما باشقا مەدەنىيەت ئۇنىڭغا كىرگەندىن كېيىن ناھايىتى ئاسان بازار تاپىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن چەكلەشكە ئۇچرايدۇ. ئەمما باشقا مەدەنىيەت ئېلېمىنتلىرى كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەمئىيەتتە ئاللىقاچان پەيدا قىلغان تەسىرى تۈگىمەيدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بىر مىللەتتە ئۆز مەدەنىيىتى ئاجىزلاشقاندا چەتكە چوقۇنۇش پەيدا بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە "كۆزىتىش" ژورنىلىدا تەھلىل يۈزگۈزۈلگەن.
بۇ پروگراممىمىزدا مۇخبىرىمىز ۋەلى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي جەمئىيىتىدىكى مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ۋە بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەھلىللەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.