ئۇيغۇر ئىلىدە مېيىپلار نامرات تۇرمۇش كۆچۈرمەكتە
2006.08.04
خىتاي ھۆكۈمىتى 15يىل ئىلگىرى، -15ماينى خىتاي مېيىپلار كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتىدا مېيىپلارنىڭ ئورنىنى كۆتىرىپ، ئۇلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ۋە مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەليەتتە مېيىپ -مەجرۇھ كىشىلەر خىتايدىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش ئۆلچىمىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر بولۇپ، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش ئۆلچىمىگىمۇ توشمايدۇ.
بىر بىرىگە زىت سانلىق مەلۇماتلار
تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ مېيىپ-مەجرۇلارنىڭ سانى 533 مىڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 300 مىڭدىن ئارتۇقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش ئۆلچىمىگىمۇ يەتمەيدىكەن. بولۇپمۇ مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، ئىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ يىللىق كىرىمىمۇ ئادەتتىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ كىرىمىنىڭ 60% گىمۇ يەتمەيدىكەن. ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىنى مىسالغا ئالغاندا، شەھەر نوپۇسىدا جەمئىي ئەللىك مىڭ ئەتراپىدا مېيىپلار بولۇپ،ئۇلارنىڭ 29 مىڭىنىڭ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى يىلىغا 10%تىن تۆۋەنلىمەكتە ئىكەن.
ئەجەپلىنەرلىكى، بىر كۈننىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر ئېلى خەۋەر تور بېتىدە مېيىپلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە، ئەكسىچە مەزمۇندىكى يەنە بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا “ 1995 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا يۈكسىلىشلەر بارلىققا كېلىپ، 2004 -يىلىغا بارغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان مېيىپلار سانى 267 مىڭدىنمۇ ئاشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 15ياشتىن يۇقىرىلار 82.5%نى ئىگىلەيدۇ”دەپ يېزىلغان. ئەمما تەڭرىتاغ تور بېتىدە، مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ 10پىرسەنتكىمۇ يەتمىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
مەجرۇھلار ئۆزلىرى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
رادىئومىزغا ئۇيغۇر ئېلىدىن تېلېفون قىلغان بەزى ئۇيغۇرلارمۇ، مېيىپ - مەجرۇھ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن نامرات تۇرمۇش شارائىتىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، كوچىلاردىمۇ مېيىپ كىشىلەر، ھەتتا مېيىپ بالىلارنىڭ تىلەمچىلىك قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئاز تولا سەدىقىسىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى،جەمئىيەتنىڭ بۇنداق كىشىلەرگە بولغان كۆيۈنۈش- ھەم ياردىمىنىڭ كەمچىل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
يېقىندا رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفونىغا باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن تېلېفون قىلغان بىر ئەما كىشى ئۆز ھالىنى ئېيتىپ،ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقانلىقىنى ھەتتا داۋالىنىشقىمۇ ئىمكانىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئىلگىرى تېلېفون قىلغان يەنە بىر ئۇيغۇر قىز يىغلاپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پۇتىنىڭ مېيىپ ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن ئوقۇش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
يېقىندا ئىش ئۈستىدە ھادىسىگە ئۇچراپ مېيىپ بولۇپ قالغان يەنە بىر كىشى، گەرچە ھازىر يەنىلا نورمال كىشىلەرنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھەقسىز مۇئامىلىگە ئۇچراپ،نورمال كىشىلەردىن ئاز ئىش ھەققى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە،-1996يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى ئىدارە -ئورگان، زاۋۇت، كان - كارخانىلارغا ئىشچى -خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا، مەلۇم نىسبەتتە مېيىپ -مەجرۇھلارغىمۇ ئىش پۇرسىتىنى بېرىش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما مېيىپلارنىڭ بىلىم ئېلىش، تەربىيىلىنىش ئىشلىرى راۋاجلانمىغان بولغاچقا، ئۇلار يەنىلا ئىش پۇرسىتى بېرىلگەن تەقدىردىمۇ خىزمەت ھۆددىسدىن چىقالىغىدەك تەربىيىگە ئىگە بولالمايدىكەن، يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەتنىڭمۇ مېيىپلارغا قارىتا پاراۋانلىق، ياردەم ئىشلىرى ئىنتايىن پاسسىپ ھالەتتە بولۇپ، ھەممە جايلار شىركەتلەشكەن، كارخانىلاشقان بىر ۋەزىيەتتە، مېيىپلارنى ئىشقا ئېلىشنى خالايدىغان جايلار ناھايىتى ئاز بولغاچقا، كۆپ ساندىكى مېيىپ- مەجرۇھ كىشىلەر يەنىلا ئىشسىز،كىرىمسىز ئىنتايىن نامرات تۇرمۇشتا ياشىماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامىنە خانىم يېتىملەرنىڭ غەمگۇزارى
- بىر مېيىپنىڭ نىداسى
- خىتايدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر ۋە مەزكۇر زىددىيەتلەرنىڭ ئومۇملىقى
- ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە خەلقئارانىڭ ياردىمىگە مۇھتاج
- ئۇيغۇر ئېلىدە ياشانغانلار پاراۋانلىق مەسىلىلىرى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر
- ئۇيغۇر ئاياللىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە شىكايەت قىلدى
- ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ناچار ئىللەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەب نەدە؟(2)
- خىتايدا ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكلىمىسىمۇ بۇزۇپ تاشلانغان
- ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ناچار ئىللەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەب نەدە؟(1)