ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، باي- كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ چوڭىيىۋاتقانلىقى، پارىخورلۇق مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقى، خىزمەتكە ئورۇنلىشىشنىڭ تەسلىكى قاتارلىق 15 خىل مەسىلىنى، نۆۋەتتىكى ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما بەزى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ مۇھىم بولغان ھەقىقى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى نەزەرگە ئالمايدىغانلقىنى ئىنكاس قىلماقتا، ئۇنداقتا ئۈرۈمچى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى رېئال ۋە مەۋجۇت ئىجتىمائىي مەسىلىلەر قايسىلار ؟
،خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى تەڭرىتاغ تور بېتىدە "ئۈرۈمچىدىكى 15خىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەر" تېمىسىدا بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
مەزكۇر دوكلات مەزمۇنىغا قارىغاندا، يېقىندا ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى 2400 ئائىلىلىكنىڭ رايىنى سىناش ئارقىلىق، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە خەلقنىڭ كىرىم پەرقى، پارىخورلۇق مەسىلىسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى، مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى، مال باھاسىنىڭ ئۆسىۋاتقانلىقى قاتارلىق 15 خىل مەسىلە، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ئۈرۈمچىدە كۆپ ساندىكى ئامما، نۆۋەتتە باي- كەمبەغەللىك پەرقى ئۈرۈمچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغان بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى دەپ بىلدۈرگەن،ۋە بۇ خىل پەرق داۋاملىق ئېغىرلىماقتا ئىكەن.
گەرچە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان، باي -كەمبەغەللىك پەرقى، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش مەسىلىسى پارىخورلۇق، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئوخشاش مەسىلىلەر ھەقىقەتەن ئۈرۈمچى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدا كۆرۈنەرلىك بولغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بولسىمۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ كۆپ سانلىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى بۇ دوكلاتىدا قەستەن تىلغا ئالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
بۇ ھەقتە يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەلگە كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىتايلارنى ئاساس قىلىپلا چىقارغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى بۇ دوكلاتىنىڭ، ئۈرۈمچى ياكى ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنىڭ ھەقىقى پىكرىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ئوقۇتقۇچى ئېيتىپ ئۆتكەن مەسىلىلەر، رادىئومىزغا تېلېفون ئارقىلىق كەلگەن پىكىر ھەم ئىنكاسلاردىمۇ كۆپ قېتىم تەكىتلەنگەن مەسىلىلەر بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى بۇ خىل پىكىرلىرىنى تىلغا ئېلىپ باقمىغان. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلغان ئۇيغۇرلار "بىز نارازىلىق پىكىرلىرىمىزنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىشقا نائىلاج بولغاچقا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق ئارزۇلىرىمىز ھەم نارازىلىق پىكىرلىرىمىزنى ئاڭلىتىشنى ئويلايمىز" دېيىشىدۇ. (گۈلچېھرە)