ئاسىيا پۇتبول مۇسابىقىسىدا خىتاي بىلەن ياپونىيە رىقابەتلەشكەندە، بىز "خىتاي مىللەتچىلىكى" دېگەننىڭ نېمىلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆردۇق.-دەپ سۆزىنى باشلايدۇ مەشھۇر سىياسى مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى "تەيۋەن گېزىتى"دە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، ــ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى سۈكۈتتە تۇرۇپ قوزغىغان خىتاي مىللەتچىلىكى شۇ قەدەر يۇقىرى پەللىگە چىقتىكى، 70 مىڭ تاماشىبىن سىغىدىغان ئىشچىلار تەنتەربىيە مەيدانىغا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى "تەرتىپ ساقلاش" ئۈچۈن دەپ 4 مىڭ ساقچى ئەۋەتتى. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۆزىنىڭ "دەرىجىدىن تاشقىرى ساقچى دۆلىتى" ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. ياپونىيىلىكلەرگە قارشى مىللىي ئۆچمەنلىك ئىپادىلەيدىغان بۇنداق ئەسەبىي خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ئاقىۋىتى بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە شەرەپ كەلتۈرمەي، بەلكى ئۇنى ياپونىيە يېلىنىپ ناماقۇل بولۇشقا مەجبۇر قىلدى. دېمەك، خىتاي مىللەتچىلىكى ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپتى.
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي مىللەتچىلىكىگە 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسنى قوشۇلسا، بۇنداق بىپايان مىللەتچىلىكنىڭ ھەيۋىسى غەرب دۆلەتلىرىنى قورقىتالايدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك، ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر بىز خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ھەقىقى قىياپىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇ بەزىدە ھەيۋەتلىك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ھالى خاراب، تولىمۇ بىچارە مىللەتچىلىك.
لىن باۋخۇا ئەپەندى خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ئىپادىلىرىنى 8 خىل شەكىلگە ئايرىپ چىققان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئالدى بىلەن، خىتاي مىللەتچىلىكى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋىلىنغان مىللەتچىلىك. خىتاي مىللەتچىلىكى ئۆزىنى ئاساسەن غەرب دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان دېسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قارىتىلمىسى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنى "غوجا ئاكا" دەپ ئاتايدىغان ۋاقىتلاردا ھېچقاچان قوزغىلىپ باقمىغان ئىدى. كىيىن خىتاي ئۇنى "غوجا ئاكا" دېمەي "خائىن" دەپ ئاتىماقچى بولغاندا ۋە "بىزنىڭ زېمىنلىرىمىزنى ئىگىلىۋالدى" دېمەكچى بولغاندا خىتاي مىللەتچىلىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيىگە خۇشامەت قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ھەتتا ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسىدىكى زېمىنلەرنىمۇ بىرىۋەتكەندە، بۇ خىتاي مىللەتچىلىكى زادىلا قوزغالمىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چەتئەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا خىتاي مىللەتچىلىكىنى قوزغاتمايدۇ، ئۈز قوۋمىلىرىغا تاقابىل تۇرماقچى بولغاندىمۇ ئۇنى قوللىنىدۇ. بىۋاسىتە ئۆز مىللىتىدىن بولغان تەيۋەن، خوڭكوڭ، ماكاۋلىقلارغا تەھدىت سالماقچى بولغاندا يەنە قوزغالدى.
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ 2 - خىل شەكلى --- ياماندىن قورقۇدىغان ياۋاشنى بوزەك قىلىدىغان مىللەتچىلىك. ياپونىيە خىتاي بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى، تىنچ ئۆتۈشنى خالايدىغان دۆلەت، شۇڭلاشقا ئۇ خىتايغا ناھايىتى ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ئەمما خىتاي ياپونىيىلىكلەرنى بوزەك دەپ چاغلىسا كېرەك، شۇڭلاشقا ئۇلارنى ئانى تاپماقچى بولۇپ ھەرىكەت قىلىپ باقتى. ھەتتا خىتايغا ساياھەت قىلغىلى كەلگەن ياپونىيىلىكلەرمۇ "خىتايدا پاھىشە قىلدى" دېگەن نام بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنى تۇتۇشقا بۇيرۇق چىقاردى. بۇ چاغدا خىتاي مىللەتچىلىكى قوزغالدى. كېيىن ياپونىيە خىتايغا دىپلوماتىيە جەھەتتە قاتتىق مۇئامىلە قىلىۋىدى، خىتاي مىللەتچىلكى قوزغالمىدى، بەلكى خىتاي ياپۇنىيەگە يېلىنىپ ناماقۇل بولدى. ئامېرىكا خىتاي بىلەن زېمىن مەسىلىسى يوق دۆلەت، بەلكى ئۇزۇن يىللاردىن بويان خىتايغا ياخشى ئىش قىلىپ بىرىۋاتقان دۆلەت. خىتايغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان شۇ ئامېرىكا. ئەمما خىتاي ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان ئامېرىكىنى "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قارشى دۈشمەن كۈچلەر" دەپ ئەيىبلەپ كەلدى. كوسوۋو ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ بېلگىراتتىكى ئەلچىخانىسىغا بومبا چۈشكەندە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى كىلىنتون 6 قېتىم ئۆزرە ئېيتسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلىك ئالمىدى، بۇ ۋاقىتتا خىتاي مىللەتچىلىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش خىتايغا قاتتىق سىياسەت قوللانغان ئىدى، ھەتتا خەينەنداۋدا خىتاينىڭ ئايروپىلانى سوقۇلۇپ كەتكەندىمۇ خىتاي مىللەتچىلىكى قوزغالمىدى.
خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ 3 - خىل شەكلى --- دىلى باشقا تىلى باشقا مىللەتچىلىك. لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مىللەتچىلىرى كىمنى بوزەك قىلىشقا كۆزى يەتكەن بولسا، ئۇنىڭغا تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ. ئەمما شۇ تەكەببۇر مىللەتچىلەر ئۆز قەلبىدە ئۆزىنىڭ خىتاي بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مەيۈسلىنىپ تۇرىدۇ. ئامېرىكىغا قارشى نامايىشتا ھەممىدىن بەك ۋارقىرىغان، ئەسەبىلىكى تۇتقان ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىدا ئوقۇپ بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ھەممدىن بۇرۇن ئىلتىماس سۇندى، ئۆزى چالما - كېسەك قىلغان ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ھەممىدىن بۇرۇن تازىم قىلىپ ۋىزا ئالغىلى باردى. ئامېرىكىغا ئەڭ قەتئىي قارشى تۇرغان، ئامېرىكىلىقلارغا ئەڭ كۈچلۇق ئۆچمەنلىك ئىپادىلىگەن مىللەتچى خىتاي قىزلىرى ئامېرىكىغا كېلىپلا ئۆزىنىڭ خىتاي ژۇرىلىرىنى تاشلاپ ئامېرىكىلىقلارغا تىگىۋالدى. خىتاي ھۆكۆمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھە دېسىلا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ ئامېرىكىدا كىشىلىك ھۇقۇق مەسىلىلىرى ئېغىر دەپ تەشۋىق قىلىدۇ، ئەمما ھەممىدىن بۇرۇن بالا - چاقىلىرىنى ئامېرىكىغا ئەۋەتكەنلەر يەنە شۇلار. يەنە نۇرغۇن ھاكاۋۇر خىتاي مىللەتچىلىرى ھەر قانداق ئار- نومۇسقا چىداپ تۇرۇپ بىر ئامال قىلىپ ئۆز دۆلىتىدىن قېچىپ چىقىپ ئامېرىكىغا قانۇنسىز كىلىۋالماقتا.
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ تۈرگە ئايرىغىنى بۇيىچە، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ 4 - خىل شەكلى ---لۈكچەكلىك ۋە پەسكەشلىك قىلىدىغان خىتاي مىللەتچىلىكى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى خىتاي - ياپونىيە پۇتبول مۇسابىقىسىدە، خىتاي تەرەپ مەغلۇپ بولغان ھامان مۇسابىقە مەيدانىنى زوراۋانلىق ۋە خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان پەست - پاسكىنا سۆزلەر قاپلاپ كەتكەن. شۇ ۋاقىتتا تەنتەربىيە مەيدانىدىكى بەزى ئەسلىھەلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ياپونىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى كۆيدۈرۈلگەن. ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ كىچىك ماشىنىلىرىنىڭ ئەينەكلىرى چېقىپ تاشلانغان. خىتاي ساقچىلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىنى ئۇرغان. بۇ چاغدا ئىنتىرنەتنىمۇ ھاقارەت قاپلاپ كەتتى. "ياپۇننىڭ بېشىنى كەسسۈن قىلىچلار" دەپ ئۈندەش بەلگىسى قويۇلغان سۆزلەر پەيدا بولدى. ياپۇنىيەگىلا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا، تەيۋەنلەرگىمۇ ھاقارەت ياغدى.
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ 5 - خىل شەكلى --- جاۋابكارلىقى يوق خىتاي مىللەتچىلىكى. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، چوڭ قۇرۇقلۇقتا سىياسى كۆز قارىشى ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشىمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاقىتتا توساتتىن قولغا ئېلىنىش -جازالىنىش خەۋپى بار. لېكىن، خىتاي مىللەتچىلىكى بىلەن ھەر قانچە زوراۋانلىق قىلىپ، ئۆچمەنلىك قوزغاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى ھۆكۈمەت جازالىمايدۇ. ھۆكۈمەت ئۇنداق كىشىلەرنى "ساددا مىللىي ھېسسىيات" دەپ چۈشەندۈرىدۇ، ھەتتا مۇكاپاتلايدۇ. بەزىدە ھۆكۈمەت ئۆزى مەقسەتلىك ھالدا قوزغىغان بۇنداق خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئۆزى يىغىشتۇرالمايمۇ قالىدۇ.
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ 6 - خىل شەكلى --- ھۆكۈمەتنىڭ سىياسى ئېھتىياجى ئۈچۈن چاتاق چىقىرىپ تۇرىدىغان خىتاي مىللەتچىلىكى. خىتايدا ھۆكۈمەت ھەممە ئىشتا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ سىياسى ئېھتىياجىغا ماسلىشىشنى تەلەپ قىلغانلىقتىن، خىتاي مىللەتچىلىرى پات - پات بىر نېمىنى بانا قىلىپ چاتاق چىقىرىپ خىلمۇ- خىل دىپلوماتىيە ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ. خىتاي مىللىتىنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىنى قانچە بەك تۆكىدىغان ۋەقەلەر كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۈچۈن شۇنچە چوڭ مەنپەئەت كەلتۈرىدۇ.
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ 7 - خىل شەكلى --- بەزىدە تەقدىرلىنىپ بەزىدە جازاغا ئۇچرايدىغان خىتاي مىللەتچىلىكى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيە بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ۋاقىتتا، خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ "ئارالنى قوغداش ھەرىكىتى" قانۇنسىز ھەرىكەت. ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلارنى سۈرگۈن قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ياپۇنىيەگە مەلۇم مەسىلىدە بېسىم ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە، خىتاي مىللەتچىلىىرنىڭ "ئارالنى قوغداش ھەرىكىتى" قانۇنلۇق بولۇپ قالىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ئۇلارغا ۋىۋىسكا ئېسىشقا رۇخسەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇچۇق - ئاشكارا ھالدا سەنكاكۇ ئارىلىغا پاراخوت ھەيدەپ بارىدۇ. بەزى خىتاي مىللەتچىلىرى ۋەتەندىن يۈز ئۆرۈپ چەتئەللەرگە قېچىپ كېتىپ خائىنلىق قىلسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارنى قوللاۋېرىدۇ.
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ 8 - خىل شەكلى كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەزھەپ جېڭىدە چۇماقچى بولىدىغان خىتاي مىللەتچىلكى. خىتاي مىللەتچىلىكى، تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۇستىكارلىق بىلەن پايدىلىنىۋاتقان قوش بىسلىق خەنجەر. ماۋزېدۇڭ لىۇشاۋچىنى يوقىتىش ئۈچۈن "چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىنىڭ ۋەخپى تارىخى" دېگەن كىنو فىلىمىنى تەنقىد قىلىپ خىتاي مىللەتچىلىكىنى قوزغىغان ئىدى. جاڭ زېمىن تەيۋەن بوغۇزىدا خىتاي مىللەتچىلىكىنى قوزغاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىۋاتىدۇ. خۇجىنتاۋ بولسا جاڭ زېمىننىڭ بوۋىسنىڭ خائىنلىققا دائىر تارىخىي مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ خىتاي مىللەتچىلىكنى قوزغاش ئارقىلىق كۆپراق ھۇقۇق ئېگىلەشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ۋاھالەنكى، كوممۇنىست پارتىيە تەرىپىدىن كونترول قىلىۋېلىنغان بۇ خىتاي مىللەتچىلىرى ئۆزى قاچان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ "چەكلىگەن توچكىسى" غا چېقىلىپ قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت جازالىنىپ كېتىشىنى ياكى قايسى بىر ۋاقىتتا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشىنى ھەرگىز بىلمەيدۇ. (ۋەلى)