خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۆي- مۈلۈك سىياسىتى

0:00 / 0:00

خىتاي يەر-زېمىن ۋە ئۆي مۈلۈك تىجارىتى مەسىلىسىدە، خەلقئارادا كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ تەنقىتىگە ئۇچرىماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتايدا يەر-زېمىن سودىسىدا، ماغزاپ ئۆرلىمەكتە. ئامېرىكىدا چىقىدىغان "نىۋيورك ۋاقىت گېزىتى" يېقىندا خىتايدىكى يەر-زېمىن سودىسىنى بىر خىل كۆپتۈرمە ماغزاپتىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتكەن.

خىتايدا يەر-زېمىن سۇدىسىدا ماغزاپ ئۆرلىمەكتە

ئۇنىڭدا شاڭخەيدىكى ئالى دەرىجىلىك ئېسىل ئۆيلەرنىڭ كۆپ ساندىكىسى سېتىلماي بازىرى كاساتلاشقانلىقى بايان قىلىنغان. مەزكۇر گېزىتتە يەنە "گەرچە دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئۆي- مۈلۈك تىجارىتى مەلۇم دەرىجىدە كۆپتۈرمە خاراكتېردە بولىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ بەك ئېغىر بولماقتا. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، خىتايدا ئۆيلەرنىڭ سېتىلماي قۇرۇق قېلىش نىسبىتى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ، خەلقئارالىق ئۆلچەمدىكى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

يېقىندا دۇنيا يەر-زېمىن تەتقىقات ئىنستىتۇتى خىتايدا سېلىنغان ئەڭ ئېسىل ۋە ئەڭ ھەشەمەتلىك ئۆيلەرنى باھالاپ كۆرگەن، باھالاش جەريانىدا بۇ خىل كاتتا ئۆيلەر پەقەت بېيجىڭ، شاڭخەي گۇئاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردىلا ئۇچرايدىغانلىقى بايقالغان.

خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتلاردا ئېيتىلىشىچە، بۇخىل ھەشەمەتلىك ئېسىل ئۆيلەرنى سېتىۋالىدىغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى يەر- زېمىن سودىگەرلىرى، كان ئىگىلىرى، ئالى مەكتەپ پروفېسسورلىرى ۋە كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرىدىنلا ئىبارەت.

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە: بېيجىڭدىكى بۇ خىل ھەشەمەتلىك ئۆي جايلار ئىنتايىن قىممەت. بەزىلىرىنىڭ باھاسى 37 مىليونغا چىققان. بۇنداق تۇرۇلغۇلار ئادەتتە 2 - 3 مو يەرنى ئىگىلىگەن،ئۆي ئىچى ناھايىتى كۆركەم بېزەلگەن بولۇپلا قالماي، مۇستەھكەم ئامانلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىمۇ بار. خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ خىل ئېسىل ئۆيلەرنىڭ يىللىق چىقىمى 200 مىڭ يۈئەن خەلق پۇلىدىن ئاشىدۇ.

ئۇيغۇر رايونىدىكى يەر-زېمىن سودىسى ۋە ئۆي- مۈلۈك سىياسىتى

بىز ئۇيغۇر رايونىدىكى يەر-زېمىن ۋە ئۆي -تۇرالغۇ باھاسىنى، شۇنداقلا مەزكۇر رايوندىكى خەلقنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئۆي- مۈلۈك شىركەتلىرىگە تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان "تىئەن جى" ئۆي - مۈلۈك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى " بىز ھازىر ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى سەھرالارغا داچا ئۆيلەرنى سېلىۋاتىمىز، ھازىرغا قەدەر 400 دىن ئارتۇقى سېلىنىپ بولدى، 200 دىن ئارتۇقنى سېتىپ بولدۇق"دەپ بىلدۈردى.

سۆھبەت جەريانىدا، ئۇ يەنە " بۇ خىل داچا ئۆيلەرنىڭ يىللىق چىقىمى 10 مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق بولۇپ، ئالىدىغانلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى تىجارەتچى ۋە كارخانا خوجايىنلىرى بولۇپ بۇنداق ئۆيلەرنى سېتىۋالالايدىغان ئادەتتىكى پۇقرالار ناھايىتى ئاز" دەپ كۆرسەتتى:

ئۇيغۇر رايونىغا داۋاملىق بېرىپ-كېلىپ تۇرىۋاتقان شىۋىتسارىيىدە تۇرۇشلۇق ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى ئۆي-مۈلۈك مەسىلىسى ھەققىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەمەلى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى:

ئالاھىدە غەمخورلۇق

ئۈرۈمچىدىكى "تىئەن جى" ئۆي - مۈلۈك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ خىزمەت قىلغىلى 5 يىل توشقان خىتايلارنىڭ بۇ رايوندا ئۆي سېتىۋېلىش ھوقوقىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا نوپۇسىنىمۇ كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئۇ يەنە "ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەنلەر يەرلىك ھۆكۈمەت ئۈچۈن ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپ تۆھپە قوشتى، شۇڭا ئۇلارنىڭ 5 يىل توشقاندا نوپۇسىنى يۆتكەپ كېلىپ بۇ زېمىندە يەرلىشىشى تەس ئىش ئەمەس" دەپ بىلدۈردى:

ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان شىۋىتسارىيىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مۇتەھەسسىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە: " ئەگەر ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن خىتايلار ئۇيغۇر رايونغا كېلىپ ئۆي پۇلىغا قوشۇپ ھۆكۈمەتكە 8 مىڭ يۈئەن تۆلىسىلا، كەلگىنىگە 5 يىل توشمىغان بولسىمۇ ئۇلار دەرھال يەرلىك نوپۇسقا ئېرىشەلەيدۇ" دەپ بىلدۈردى، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ خوتەنگە بارغاندا كۆرگەن بىڭتۇئەن خىتايلىرى ئۈچۈن سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ نەقەدەر ھەشەمەتلىك ئىكەنلىگىنى سۆزلەپ بەردى.