خىتايدا ئىجرا قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان "مۈلۈك قانۇنى" كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدامدۇ؟

0:00 / 0:00

ب ب س ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ھەرخىل شىركەتلەر دېھقانلارنىڭ قارشىلىقىغا پىسەنت قىلماستىن ئۆزى خالىغانچە يەر ئىگىلەۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەر يىلى بىر مىليون دېھقان تورالغۇ ۋە تېرىلغۇ يېرىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، خىتايدا يېقىندا خۇسۇسىي مۈلۈكنىمۇ قوغدايدىغان "مۈلۈك قانۇنى" ماقۇللاندى. غەرب ئەللىرى خۇسۇسىي مۈلۈكنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ. ئەنگىلىيىنىڭ تۇنجى باش ۋەزىرى ۋىليام پىتېر ئەينى ۋاقىتتا ئەنگىليىنىڭ "مۈلۈك قانۇنى"نى جاكارلىغاندا "بۇنىڭدىن كېيىن ئەنگىلىيىدە ئەڭ نامرات ئادەممۇ بۇ "مۈلۈك قانۇنى" بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆي-زېمىنىنى قوغدىيالايدۇ. شەخسىي تورالغۇغا شامال كېرەلەيدۇ، ئۇنى بوران-چاپقۇن تەۋرىتەلەيدۇ، لېكىن ئىگىسى روخسەت قىلمىسا، ئەنگىليىنىڭ پادىشاھىمۇ قوشۇن باشلاپ كېلىپ شەخسىي تورالغۇ ۋە زېمىننىڭ بۇسۇغىسىدىن ئاتلىيالمايدۇ" دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى. خىتايدا ماقۇللانغان بۇ "مۈلۈك قانۇنى" بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى بولالامدۇ؟ ھازىرقى مۇنازىرە دەل مۇشۇ تېما ئۈستىدە بولۇۋاتىدۇ. تۆۋەندە بىز بۇ ھەقىتىكى مۇنازىرىلەردە مەيدانغا چىققان يېڭى كۆز قاراشلار بىلەن تونۇشۇپ باقايلى:

خىتايدا ماقۇللانغان "مۈلۈك قانۇنى" كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن "زىغىر پاتقىدەك بىر يۇچۇق" ئېچىلدى، دېگەن كۆز قاراشقا سۇئال

ئامېرىكىدا چىقىدىغان "كۆزىتىش ژۇرنىلى" ، "يېڭى ئەسر ژۇرنىلى" قاتارلىق كۆپىنچە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەسىلىلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزە بولۇدىغان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا، بەزى قانۇنشۇناسلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىقتىسادشۇناسلىق نەزىرىيىلىرىگە ئاساسلانغاندا، خۇسۇسىي مۈلۈك نامراتلارنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مۇھىتقا ۋە باي بولالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ. شۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، خىتايدا ماقۇللانغان "مۈلۈك قانۇنى" بىلەن خەلققە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشى ئۈچۈن بىر يول ئېچىلدى، گەرچە ئۇ "ئاران بىر تال زىغىر پاتقىدەك يۇچۇق" بولسىمۇ. ئەڭ بولمىدى، دېگەندىمۇ، بۇ "مۆلۈك قانۇنى" نامراتلار غا "ئىتلارنى قوغلاش ئۈچۈن قوللىنىدىغان چوماق" بولالايدۇ. ئەمما يەنە بەزى قانۇنشۇناسلار بۇ كۆز قاراشقا قوشۇلمايدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، گەرچە نەزىرىيە جەھەتتىن شۇنداق دېيىشكە بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەت جەھەتتىن قارىغاندا، " بۇ قانۇن كۆپىنچە ھالدا خىيانەتچى كوممۇنىستلارنىڭ ناپاك مۈلكىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ، نامرات خەلقنى بىر تال زىغىرغىمۇ ئىگە قىلمايدۇ. نامراتلارنىڭ ئىت قوغلايدىغان "چوماق"لىرىنىمۇ يىغىۋېلىپ، ئۇنىڭدا خەلقنى ئۇرىدىغان باشقا قورال ياسايدۇ" .

ئەمدى جەمئىيەت ئەسلىگە قايتتى، دېگەن كۆز قاراشقا سۇئال

بەزى نەزىرىيىچىلەر "خىتايدا ماقۇللانغان "مۈلۈك قانۇنى" خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1953 ‏- يىلى ئېلان قىلغان سوتسىالىزىمغا ئۆتىدىغان "باش يول" دېگەن يۈنىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا گۇمران بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ كوممۇنىست پارتىيە خەلققە يېرىم ئەسر مالىمانچىلىق سالغاندىن كېيىن، ئەمدى جەمئىيەت يەنە ئەسلىگە قايتتى" دەپ قارايدۇ. ئەمما يەنە بەزى نەزىرىيىچىلەر بۇ كۆز قاراشقا قوشۇلمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھەممە سىياسىي ۋە ئىقتسادىي ھەرىكەتلىرى پۈتۈنلەي مۇستەبىت تۈزۈمنى تىكلەش ۋە ئۇنى قوغداش ئۈچۈن قىلىنغان ھەرىكەت، ھازىرقى "مۈلۈك قانۇنى"مۇ يەنىلا شۇ مەقسەت ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ھەرىكەت؛ مەسىلەن: رۇسىيەدە ھازىر چوڭ شىركەتلەر بۇرۇن "دۆلەتنىڭ مۈلكى" دېيىلگەن مۈلۈكلەرنى ئىگىلىۋېلىۋاتىدۇ، ئەمما خىتايدا بولسا، چوڭ شىركەتلەر يەنىلا دۆلەتنىڭ بۇلاڭ-تالاڭىدىن كېيىنكى خەلقنى بۇلاۋاتىدۇ. بۇنى جەمئىىيەتنىڭ ئەسلىگە قايتقانلىقى دېگىلى بولمايدۇ.

ھازىرقى "مۈلۈك قانۇنى" ماۋزېدۇڭنى ئىنكار قىلدى، دېگەنگە سۇئال

بەزى تارىخچى ۋە سىياسەتچىلەر "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1921 ‏- يىلى قۇرۇلغاندىلا ئۆزىنىڭ خىتابنامىسىغا "كاپىتالىستلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى، ماشىنا- زاۋۇتلىرىنى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى مۇسادىرە قىلىمىز" دەپ يازغان ئىدى. ئۇلارنى دېگىنىنى قىلدى. ھاكىمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئەخلاق جەھەتلەردە تەييارلىق قىلدى. 1921 ‏- يىلىدىن 1949 ‏- يىلىغىچە بولغان 30 يىل ئىچىدە جىنگاڭسەندىن يەنئەنگە بارغىچە، يەنئەندىن بېيجىڭغا كىرگىچە، كوممۇنىست پارتىيە قوزغىغان ئۇرۇشلاردا بىر نەچچە ئون مىليون بىگۇنا خەلق ھاياتىدىن ئايرىلدى. 1949 ‏- يىلىدىن كېيىن يەنە يۈز مىڭلىغان يەر ئىگىلىرىنى، كاپىتالىستلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يېرىنى، مۈلكىنى تارتىۋالدى. ئەمدى 2007 ‏- يىلى "خۇسۇسىي مۈلۈكنىمۇ قوغدايدىغان "مۈلۈك قانۇنى"نى جاكارلىدى. بۇ كوممۇنىست پارتىيىنى، ماۋزېدۇڭنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ، ئەمدى ھېچ بولمىغاندا، كوممۇنىستلار يەر ئىسلاھاتى توغرا بولغان، سوتسىالىستىك ئۆزگەرتىش توغرا بولغان دېيەلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما يەنە بەزى تارىخچى ، سىياسەتچىلەر بۇ كۆز قاراشقا قوشۇلمايدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىستلار يەر ئىسلاھاتى ئارقىلىق يەر ئىگىلىرىنىڭ يېرىنى نامراتلارغا ئېلىپ بېرىپ، كېيىن يەنە نامراتلارنىڭ قولىدىن "كوممۇنالىشىش" دېگەن ھەرىكەت ئارقىلىق تارتىۋالدى؛ يېقىنقى يىللاردا يەنە كوممۇنىستلار خىيانەتچىلىك ئارقىلىق باي بولدى، بۇنىڭ ھەممىسسى بۇلاڭچىلىق، كوممۇنىستلار پۈتۈنلەي بۇلاڭچىلىق ئارقىلىق باي بولدى. ئەمدى بۇ "مۈلۈك قانۇنى" بىلەن كوممۇنىستلارنىڭ خەلقتتىن بولاپ ئالغان ناپاك مۈلكى "خۇسۇسىي مۈلۈك" دەپ قوغدىلىدۇ. بۇ ماھىيەتتە كوممۇنىست پارتيىنى، ماۋزېدۇڭنى ئىنكار قىلغان بولماي، ئېتىراپ قىلغان بولمامدۇ؟ دەپ قارايدۇ.

بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ بۇ مۇنازىرىگە ئارىلىشىپ، كوممۇنىست ھۆكۈمىتى "يەر -زېمىن دۆلەتنىڭ" دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن "بىڭتۇەن" دەپ ئاتالغان خىتاي ئارمىيىسى ئۇيغۇر زېمىنلىرىنى بۇلاشقا كىرىشتى؛ كېيىن، ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا ئېقىپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە تايىنىپ باي بولدى؛ ئۇيغۇر خەلقى تالان-تاراج قىلىندى، كۈنسېرى نامراتلىقا يۈزلەندى؛ ھەر يىلى مىليونلىغان دېھقان تورالغۇسىدىن ۋە تېرىلغۇ يېرىدىن مەھرۇم قېلىپ ئىشسىزلارغا ئايلىنىۋاتىدۇ، ئۇلار ئەڭ تۆۋەن ئىجتىمائىي سوغۇرتىغىمۇ ئىگە بولالمايۋاتىدۇ؛ ھازىرقى "مۈلۈك قانۇنى" مۇشۇ بۇلاڭ-تالاڭنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھۇقۇقىنى تېخىمۇ دەپسەندە قىلغان بولمامدۇ؟ دەپ سۇئال قويماقتا. (ۋەلى)