پۇتىننىڭ زىيارىتى ۋە رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى

خەۋەرلەرگە قارىغاندا رۇسىيە پرىزدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 14- ئۆكتەبىردىن 16- ئۆكتەبىرگىچە خىتايدا رەسمى زىيارەتتە بولماقچى ھەمدە زىيارەت جەريانىدا ئىككى دۆلەتنىڭ 2005-2008-يىللىق ھەمكارلىق پىلانىغا قول قويماقچى ئىكەن.

پۇتىننىڭ زىيارىتى ئىككى نۇقتىغا قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا سۆھبەت ۋە ھەمكارلىق تېمىسى ئاساسلىقى ئىككى نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بىرى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى بولۇپمۇ، نېفىت ۋە تەبىئي گازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىرى سىياسىي مۇناسىۋەتلەر جۈملىدىن تېررورىزمغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە قارىتىلىدىكەن.

موسكۋا-بېيجىڭ مۇناسىۋەتلىرىدىكى ھالقىلىق مەسىلە ئېنېرگىيەدۇر

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئالى رەھبەرلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆزئارا زىيارەت قىلىپ، ئىككى مەملىكەت مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلىتىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا خۇ جىنتاۋ ھاكىمىيەتكە يېڭى چىقىشى بىلەنلا ئالدى بىلەن رۇسىيىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلقى سودا مىقدارى 20 مىليارد دوللارغا يەتكەن. 9-ئايدا ۋېن جياباۋ موسكۋانى زىيارەت قىلغاندا ئىككى دۆلەتنىڭ سودىسىنى 2010-يىلىغىچە 60 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنىڭ ئىچىدە ئېنېرگىيە مەسىلىسى مۇھىم تېما بولۇپ، 10 يىلدىن بۇيان بېيجىڭ موسكۋادىن نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن موسكۋا ئىزچىل ھالدا بۇنىڭدىن يالتايغان، خىتاي تەرەپنىڭ داچىڭ –ئانگارسكىي نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى لايىھىسى ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي بۇنىڭدىن بەك ئەپسۇسلانغان. خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جيباۋنىڭ زىيارەتلىرىدە مەزكۇر نۇقتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە پەقەت تۆمۈر يول ئارقىلىقلا خىتايغا نېفىت چىقىرىشقا قوشۇلغان.

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىمۇ خىتاي تەرەپ بىلەن مەزكۇر مەسىلىدە سۆھبەت بولۇشى،خىتاينىڭ يەنىلا نېفىت سودىسىنى جانلاندۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن .بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، رۇسىيە خىتاينىڭ داچىڭ ئانگارسكىي نېفىت قۇرۇلۇش لايىھىسىگە قوشۇلماي ،ئۇنىڭ ئەكسىچە ياپونىيىنىڭ ئانگارسكىي –ناخودكا نېفىت ئاققۇزۇش قۇرۇلۇش لايىھىسىگە ماقۇل كەلگەن. ئامېرىكىدىكى خىتاي سىياسىيونى، دوكتور ساۋ چاڭچىڭنىڭ ئېيتىشىچە بۇ مەسىلىدە خىتاي دائىرلىرى قاتتىق بىئارام بولغان.

دوكتور ساۋنىڭ ئېيتىشىچە؛ ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن خىتاي نېفىت ئىستراتېگىيىسى جەھەتتە ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە ئوتتۇرا شەرقتىن ئالىدىغان نېفىتلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقلىرىنى كۈچلەندۈرمەكتە. چۈنكى، ھازىر خىتاينىڭ نېفىت كە بولغان ئېھتىياجى كۈنسايىن ئېشىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىش مەملىكىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا خىتاي ئاستا-ئاستا نىشاننى بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئوتتۇرا شەرقتىن ئۆز ئەتراپىدىكى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەتتا كاۋكازىيىگە يۆتكەپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلماقچى بولغان.

شەرقىي تۈركىستان ۋە چېچىنىيە مەسىلىسى ئىككى مەملىكەتنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىسى

تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتلەردە تەيۋەن ، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان شۇنىڭدەك چېچەن مەسىلىسى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن. 2001-يىلى تۈزۈلگەن رۇسىيە خىتاي ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە دوستلۇق شەرتنامىسى ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرلەشمە باياناتلاردا رۇسىيە بېيجىڭنىڭ ‘بىر خىتاي سىياسىتىنى قوللاپ ، تەيۋەن، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستانى خىتاينىڭ بىر قىسىمى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . رۇسىيە تەرەپ بىلەن خىتاي يەنە ئۆزئارا شەرقىي تۈركىستان ۋە چېچەنىستان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى تېرروزىملىق ھەرىكەت دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىشكەن ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىم رۇسىيىنىڭ شىمالىي ئاسسېتىيە ۋەقەسى كېلىپ چىققاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيىنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان ھەر قانداق ھەرىكىتىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېمەك، خىتاي رۇسىيىنىڭ بۆلۈنمەسلىكى، ئۇنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوللاشنى ئۆزىنىڭ بۆلۈنمەسلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكى بىلەن مەنپەئەتداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە دەپ قارىغان.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تارىختىن بۇيان رۇسىيە –خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم مەسىلە

ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى مەنچىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپلا رۇسىيىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە كونترول قىلىش ۋە خىتايغا قارشى سىياسىتىدە كوزىر قىلىشىغا ئۇچرىغان. تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا ؛ 1881- يىلىدىكى خىتاي –ئىلى شەرتنامىسى، 1920-يىللاردىكى سوۋېت- خىتاي ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە 40- يىللاردىكى ھەمدە 50- يىللاردىكى دوستلۇق شەرتنامىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۆز ئورنىنى تاپقان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ئىنقىلابلىرى موسكۋانىڭ قوللىشىغا ئاخىرىدا بېرىپ، دىپلوماتىيە ئېھتىياجىغا قۇربان قىلىۋېتىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، 30-40-يىللاردىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تەقدىرى بۇنىڭ مىسالىدۇر.

دېمەك، تېررورىزىمغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تېمىسى يەنىلا ئاكتىپلىقىنى يوقاتماي، موسكۋا بىلەن بېيجىڭ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبەت ئۈستۈلىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ زور ئىقتىسادىي ، ئېنېرگىيە مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. خىتاي سىياسىيونى ساۋچاڭچىڭ خىتاينىڭ رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشىدىكى سەۋەپ ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى توسۇش ھەمدە ئېنېرگىيىگە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. يەنە بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا رۇسىيىلىكلەر خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى نەتىجىسىدە خىتايدىن ئەنسىرىمەكتە، ئۇلاردىكى خىتاي تەھدىد چۈشەنچىلىرىمۇ كۈنسايىن ئاشماقتا. (ئۈمىدۋار)